مەكىت دۇلانلىرىنڭ توي-تۆكۈن ئورۇپ-ئادىتى
2009-01-25 22:08:53 ئاپتۇرى : قەيسەرجان
مەنبەسى : Makanim كۆرۈلىشى : 0

مەكىت ئۇيغۇرلىرى ئۈزىنى ساپ دۇلان دەپ قارايدىغان ئۈزىگە خاس بولغان مەدىنيەت ئەنئەنىىسگە ئىگە بىر خەلىق.
مەكىت ئۇيغۇرلىرى -ئۈزىنىڭ شوخ ، جەلىپكار دۇلان سەنىمى بىلەن تۇنۇلغان . بۇلارنىڭ ئۇلتۇراقلىشىش جۇغراپىيەللىك شارائىتىمۇ بۇلارنىڭ ئۆزگىچە توي-تۆكۈن ئورۇپ -ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن. شۇنداق بولغاچقا مەن بۈگۈن يۇرتۇمنىڭ توي-تۆكۈن ئادىتىنى تورداشلارغا تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئاددى تىمىنى يوللۇدۇم .
ياخشى چىقمىغان ،چۈشۈپ قالغان يەرلىرى بولسا قېرىنداشلارنىڭ تۇلۇقلاپ قۇييىشىنى ، تەنقىد-تەكلىپلەرنى بىرىشىنى سورايمەن.
مەكىت دۇلانلىرى- مىھماندوسىت ،سەنئەتخۇمار خەلق بۇلۇپ ، توي-تۆكۈنلىرى ، ئولتۇرۇشلىرى مەشرەپسىز ئۆتمەيدۇ.
بىزنىڭ بۇيەردە توي ئادەتتە تۆت كۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
بىرىنجى كۈنىدىكى توينى ئادەتتە چوڭ توي يەنى قىز كۈچۈرۈش دەيمىز ،بۇ كۈنى تۇيى بولغان قىزنى ئۈيىدىكىلىرى چوڭ -كىچىك ھەممىسى چىرايلىق يارىشىمىلىق كىيىملىرىنى كىيشىپ جابدۇنىدۇ ،قىز يۇيۇپ تارىنىپ ياساندۇرلىدۇ، ئاندىن ئانا بولغۇچى قىزىغا تويدىن كىيىنكى قىزىنىڭ كىينلىكى ئۈچۈن ياخشى تەربىيە-تىلەكلەرنى تىلەيدۇ.بىر تەرەپتىن ناخشا سازلارنىڭ شوخ ئاۋازى ياڭراپ تۇرسا ،بىر تەرەپتە ئاشپەز ئۇستاملار نۇرغۇن قوي -كالىلارنى ئۆلتۇرۈپ قازان-قازانلاردا گۆشلەر قاينايدۇ ، مىزىلىك پولۇ ئىتىلىپ ، قورداقلار پۇشۇرلىدۇ .
چۈشتىن سەل ئاشقاندا ئوغۇل تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكى مىھمانلار كىلىشكە باشلايدۇ ئاۋال بۇلارغا قورداق تارتىلىدۇ ،ئاندىن چوڭ دوستىخان تارتىلىپ گۆش بېسىلغان تائام شاھى پولو تارتىلىدۇ ،ئۇنىڭدىن كىيىن جامائەت ئوتتۇرىسىغا زىلچا- گىلەم سېلىپ ئۈستىگە دوستىخان سېلىنىپ ئوغۇل تەرەپ تويلۇققا ئاتىغان قىز مىلىنىڭ ساندۇقى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزلۈپ جامائەتكە كۆرسىتىلىدۇ ،ئاخىرىدا مىھمانلارنىڭ توي ئىگىسىگە بولغان ھۆرمىتىگە ئاتالغان كۆڭۈل سوۋغىتى بىر جاكارچى تەرىپىدىن جامائەت ئادىدىن بىر-بىرلەپ دوستىخانغا قۇيۇلىدۇ .
بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كىيىن ئوغۇلنىڭ ئاتىسى ئۈزى ئېلىپ كەلگەن ئىمامنى باشلاپ قىز تەرەپ تەييارلىغان ئۆيدە ئوغۇل-قىزنىڭ قۇتلۇق نىكاھىنى قىزنىڭ ئاتىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا نىكاھ -پەتلىسىنى قىلىدۇ ،ئاندىن قىزنىڭ ئاتىسى ئوغۇلغا ئاتىغان بۇلۋاقنى ئوغۇلنىڭ بىلىگە چىڭ باغلاپ ئۇلارغا بەخىت تىلەيدۇ ،ئاخىرىدا جامائەت ئوغۇل-قىزنىڭ قۇتلۇق نىكاھىنى تەبرىكلەپ بۇلارنىڭ بۇندىن كىيىن بەخىتلىك ياشاپ مەڭگۈ بىللە ئۈتۈشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ.قىز يىگىتلەر بۇلارغا بەخىت -ئامەت ،سالامەتلىك تىلەكلىرىنى تىلەپ بۇلارنى مەخسۇس تەييارلانغان ماشىنىغا ئېلىپ ماڭىدۇ ، مېڭىشتىن ئاۋال قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىغا بەخىت-سالەمەتلىك تىلەپ ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن قىز كۈچۈرلۈپ ئوغۇلنىڭ ئۈيىگە ناغرا -سۇنايناخشا مۇزىكا ساداسى بىلەن ئېلىپ مېڭىلىدۇ ، ئوغۇلنىڭ ئۈيىگە ئالدىغا كەلگەندە ئوغۇل تەرەپنىڭ تۇققانلىرىدىن بىرسى ئىشىك ئالدىدا ئارغامچا بىلەن يولنى تۇسۇپ سۈيۈنچە بىرىپ ئاندىن ئۈتۈشنى تەلەپ قىلىدۇ ،بۇئىش تۈگىگندىن كىيىن ئىشىك ئالدىغا ئوت يېقىلىپ ئوغۇلنىڭ قىزنى كۈتۈرپ ئاتلاپ ئۈتۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ ،ئاندىن قىزنى ئوغۇل كۈتۈرۈپ قىز-يىگىت ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئۆيگە ئەكىرىدۇ . قىز مەخسۇس قىزغا تەييارلانغان ئورۇندا ئولتۇرغۇزىلىدۇ چۈنكى مەكىت دۇلانلىرىنىڭ بىر ئادىتىدە قىزنىڭ ئاستىغا يوغان بىر تاشنى قۇيۇپ قۇيۇش ئادىتى بار ،بۇنداق قىلىشتىن مەخسەت قىزنىڭ تاشتەك ئېغىر بۇلۇپ يىگىت بىلەن مەڭگۈ بىرگە ئۈتۈشىگە سىمۇۋۇل قىلىنغان. دوستىخان سېلىنىپ چاي تارتىلىپ ئوغۇلنىڭ ئانىسى قىزغا بىر پىيالە چاي تۇتۇپ قىزنىڭ قىزنىڭ چۈمنىلىنى ئېچىپ ،قىزنىڭ پىشانىسىگە سۈيۈپ قىزغا بەخت -ئامەت تىلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرىنجى كۈندىكى توي ئاخىرلىشىدۇ.
ئىككىنجى كۈنى ئەتتىگەندە قىزنىڭ يەڭگىسى باشلىق قىز تەرەپ تۇققانلىرى سەھەردە يىگىتىنىڭ ئۈيىگە كىلىپ قىزنى يوقلايدۇ . بۇ كۈندىكى توينى ئادەتتە يوقلاق دەپ ئاتايمىز. بۇ كۈنىمۇ بىرىنجى كۈنىدەك سازەندىلەر شوخ نەغمە-ناۋالارنى ياڭرىتىپ توينى قىزىتىشقا باشلايدۇ ،بۇ كۈنىمۇ ھەرخىل مىزىلىك تاماقلار تارتىلىدۇ ،زىلچا گىلەملەر سېلىنىپ جامائەت ئادىدا چوڭ دوستىخان سېلىنىدۇ باشتا قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى تەييارلىغان بۇلاق مانتا،پىتىر مانتا، تۇخۇم،ۋە ھەرخىل پۇشۇرۇقلار دوستىخانغا قۇيۇلۇ توي جامائىتىگە تارقىتىپ بىرىلىدۇ ،ئاخىرىدا تائام شاھى تارتىلىپ توي ئاخىرلىشىدۇ.
ئۈچۈنجى كۈنى ئوغۇلنىڭ ئاتا-ئانىسى يىگىت -كىلىننى ئېلىپ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدۇ.بۇ كۈنى چۈچۈرە ، پولو،لەغمەن قاتارلىق ھەرخىل تائاملار بىلەن ئوغۇل تەرپنى مىھمان قىلىدۇ.
تۆتىنجى كۈنى قىز تەرەپنىڭ ئاتا-ئانا ئۇرۇق توققانلىرى قىزىنى يوقلاپ كىلىدۇ بۇ كۈنىمۇ ئۈچىنجى كۈنىدەك ھەرخىل تائاملار بىلەن قارشى ئېلىنىپ مىھمان قىلىنىدۇ شۇنىڭ بىلەن توي تەل-تۈكۈس ئاخىرلاشقان بۇلىدۇ.
تەۋسىيە 0
ئالقىشلاش
مۇناسۋەتلىك ماقالە
[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]









