«مەكىت» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە رېۋھيەتلەر
2009-01-13 22:19:44 ئاپتۇرى : مۇتەللىپ سىيىت
مەنبەسى : دولانلىق ئۇچۇر تورى كۆرۈلىشى : 0
رېۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە،بۇرۇنقى زاماندا تەكلىماكاندا ناھايىتى باياشات،گۈزەل، شەھەرلەر بار ئىكەن.
1
رېۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە،بۇرۇنقى زاماندا تەكلىماكاندا ناھايىتى باياشات،گۈزەل،روناق تاپقان ،ھەممە يېرى ئالتۇن،كۈمۈش بىلەن تولغان شەھەرلەر بار ئىكەن.
زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كىشلەرنىڭ تائەت-ئىبادىتى ئاجىزلاپ،ئىمانى سۇسلىشىپ،ئۆز ئارا جىدەل-ماجرالار كۆپىيىپ،ئىنساپ يۇوقىلىشقا باشلاپتۇ. ئەتراپنى بۇلاڭ-تالاڭ،ئۆلۈم ۋەھىمىسى قاپلاپ كەتكەن بىر كۈنى كېچىسى،ئۇشتۇمتۇت ئاسماندىن قۇم -بوران چىقىپ،نەچچە كېچە-كۈندۈز قۇم يېغىشقا باشلاپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاشۇ شەھەرنىڭ بىرىدە ئېتىقادىنى يوقاتماي،تائەت-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان ،ئادەملىرى تولىمۇ ئاق كۆڭۈل بىر قوۋم بولۇپ،ئۇلار ئاللاتاللادىن بۇ بالا-قازادىن قۇتۇلۇشقا مەدەت تىلەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا شۇئان ئاپئاق ساقاللىق بىر بوۋاي پەيدا بولۇپ:«ئاللاتائاللا بۇ ئۆز نىسىۋېسىگە شۈكۈر قىلمىغان ئاسىي بەندىللىرگە غەزەپلىنىپ،قۇم ياغدۇرۇش جازاسى بەردى. سىلەر بولساڭلار ئۆز نېسىۋەڭلەرگە شۈكۈر قىلىپ،ئاللا تائاللانى ئەستىن چىقارمىغىنىڭلار ئۈچۈن ،ئاللا تائاللا سېلەرنى بۇ بالا-قازادىن ساقلاپ قېلىشقا ئەمىر قىلدى» دەپ قولىدىكى يەرگە سانجىپ ،ئۇنىڭ ئەتراپىنى چۆرگىلەشنى،ھاسا چۆكۈپ كەتسە يەنە تارتىپ چىقىرىپ يىقىلىپ چۈشمەستىن داۋاملىق چۆرگىلەشنى ،قۇم يېغىش توختىغاندىن كېيىن كۈن پېتىشقا قاراپ مېڭىپ ،سۈيى ئەلۋەك،يېرى مۇنبەت بىر جايغا ئورۇنلىشىشىنى بۇيرۇپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ قوۋمدىكى كىشلەر قول تۇتۇشۇپ ،ھېلىقى بوۋاي بەرگەن ھاسا تاياق ئەتراپىنى چۆرگىلەپ يەتتە كېچە-كۈندۈزنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قۇم يېغىش توختاپتۇ.لېكىن ئەتراپنى پۈتۈنلەي قۇم بېسىپ،شەھەرلەردىن ھېچقانداق ئەسەرمۇ قالماپتۇ.چۆرگىلەۋىرىپ يىقىلىپ چۈشكەن نۇرغۇن كىشلەرمۇ قۇم ئاستىدا قېلىپ،پەقەت يەتتە ئادەملا ساق قېلىپ،كۈن پېتىشقا قاراپ مېڭىپ ئاران دېگەندە بىر دەريانىڭ بويىغا يېتىپ كەپتۇ. بۇ يەردە ياشايدىغان خەلق ناھايىتى مېھماندوست،مەرت كىشلەر ئىكەن. ئۇلار ئاۋۋال بۇ مۇساپىرلارغا ئۇزۇق-تۈلۈك بېرىپتۇ،كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى بوشىتىپ بىرىپ كۆچۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي «مەرتلەر كۆچكەن جاي»دېگەن مەننى بېرىدىغان «مەرتېگىن» دېگەن نام بىلەن ئاتلىشقا باشلاپتۇ.
ئۇزاق يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ نام ئاستا-ئاستا «مەرگېت»،«مەركىت»،«مەكىت» دېگن ناملارغا ئۆزگىرىپ كىشلەر تەرپىدىن «مەكىت» دەپ ئاتلىدىغان بوپتۇ. «مەكىت» دېگەن نام شۇ رېۋايەتتىن قالغانىكەن.
2
مەكىت خەلقى مۇنداق رېۋايەت قېلىدۇ: چىڭگىزخان غەرىپكە يۈرۈش قىلغان ۋاقىتتا چىڭگىزخان قۇشۇننىڭ سانغۇنى چېن ئۆز قوشۇننى باشلاپ كېلىپ مەكىت ناھىيىسىنىڭ «ھاڭغىتلىق»دېگەن يېرىگە چۈشكۈن قىلىپتۇ.چېن قوشۇنى چۈشكۈن قىلغان جاينى مەكىت خەلقى «قالماق جىلغىسى»دەپ ئاتاپتۇ.
چېن قوشۇنى «قالماق جىلغىسى»نى تايانىچ بازا قىلىپ،مەكىت خەلقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ،نۇرغۇن بىگۇنا خەلقنى تۇتقۇن قىلىپ ئېغىر ئەمگەككە ساپتۇ ۋە ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈپتۇ،خوتۇن-قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىپتۇ ،مال-كاللىلارنى بۇلاپ-تالاپ ،ئۆلتۈرۈپ يەپ مەكىت زىمىنىنى قۇرتىۋىتىپتۇ. چېننىڭ زۇلمىغا چىدىمىغان ئەل-يۇرۇت پالۋان يېگىت مەركىت گېۋىرنىڭ باشچىلغىدا جەڭڭگە ئاتلىنىپ،چېن قۇشۇنىغا قاخشاتقۇچ زەربە بىرىپتۇ.جەڭ ئىنتايىن كەسكىن ۋە مۈشكۈل، جاپالىق بولۇپتۇ. نۇرغۇن ياشلارنىڭ قېنى دەريا بولۇپ ئېقىپتۇ. شۇ قېتىمقى جەڭدە مەركىت گېۋىر ئىنتايىن باتۇرلۇق كۆرسىتىپتۇ.مەركىت گېۋىر نەچچە يىل خەلىقنى باشلاپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى چېن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپتۇ. چېن چىنى ئۆلتۈرۈپ،كۆمگەن جاينىڭ ئىسمى «مازارى چېن»،«چېن دەيدىغان مازىرى»دەپ ئاتىلىپتۇ.
چېن قوشۇنى مەركىت گېۋىر تەرپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن،مەركىت گېۋىرىنىڭ نامى ئەل ئىچىدە شۆھرەت قازىنىپ«دولاننى مەركىت ئاپتۇ،دولان مەركىتنىڭ شەھرىگە ئايلىنىپتۇ»دېگەن سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق مەركىت گېۋىرنىڭ باتۇرلۇق ۋە خەلق سۆيەر ئۇلۇق ئوبرازىنى مەڭگۈ خەلق قەلبىدە ئابىدە قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن بۇ جاينىڭ نامىنى «مەركىت»دەپ ئاتاپتۇ.مەركىت گېۋىرى ئۆلگەندىن كېيىن كىشلەر بۇ قەھرىماننى مەكىت بازىرىنىڭ شىمالدىكى «داۋزاقۇم»غا دەپنە قىلىپ گۈمبەز ياساپتۇ. بۇ گۈمبەز يېقىنقى يىللارغىچە ساقلىنىپ «مەركىت گېۋىر گۈمبىزى»دەپ ئاتىلىپتۇ.
يىللار ۋە زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن خەلق بۇ مىللى قەھرىماننى مەڭگۈ ياد ئېتىپتۇ. «مەركىت»دېگەن نام ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ ،تىللاردا داستان بولۇپ كۈيلىنىپ،كېيىنچە «مەكىت»دېگەن سۆزگە ئۆزگىرىپتۇ. مەكىت ناھىيىسىنىڭ نامى شۇ رېۋايەتتىن قالغانىكەن.
مەنبە: «مىراس»ژورنىلى2005-يىللىق5-سان توپلىغۇچى: مۇتەللىپ سىيىت
0
تەۋسىيە 0
ئالقىشلاش
تەۋسىيە 0
ئالقىشلاش
مۇناسۋەتلىك ماقالە
[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]








