دولان چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە رولى
2009-01-25 22:05:12 ئاپتۇرى : قەيسەرجان
مەنبەسى : دولانلىق ئۇچۇر تورى كۆرۈلىشى : 0

دولان چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دولان مەشرەپلىرىدىكى رولى
دولان مەشرەپلىرىدە دولان مۇقامى ئۆزىگە خاس بىر قىسىم چالغۇ ئەسۋابلارئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ . مەشرەپلەردەئورۇنلىنىدىغان مۇنداق چالغۇ ئەسۋابلار ----- دولان چالغۇ ئەسۋابلىرىدەپ ئاتىلىدۇ . دولان مۇقامىنى مەخسۇس ئۆزىنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇندىمىسا ، مۇقامنىڭ يەرلىك " پۇراق " --- ئاساسىي مىلودىيە تولۇق ئىپادىلەنمەيدۇ .
دولان چالغۇ ئەسۋابلىرى -- قالۇن ، دولان راۋابى ، دولان قىل غىجىكى ۋە نەغمە دېپى بار بولۇپ ، ھازىر بىر بۇتۆت چالغۇ ئەسۋابى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى :
1. قالۇن ----- دولان چالغۇ ئەسۋابى قالۇن ھەققىدە موللا ئىنمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى ئۆزىنىڭ " تاۋارىخىيمۇسقىيۇن " دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپيازىدۇ : " فارابى قالۇننى ئۆز قولى بىلەن ياساپ سىم تارتىپ چالغان ۋەسازەندە شاگىرتلىرىغا ئۈگەتكەن ئىدى " دېگەن يۇقۇرقى ئىبارىلەردىن قالۇننىڭ مەۋلانە ئەبۇ نەسىرفارابى تەرىپىدىن ياسالغانلىقى مەلۇم .
قالۇن ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى ئىچىدەئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قەدىمىي سازلارنىڭ بىرى بولۇپ ، تارىخىي چالغۇ ئەسۋابلىرى سۈپىتىدە دولان خەلقى ئارىسىدا دولانمەشرەپلىرىدە دولان مۇقامى ئورۇنلاشتا مۇھىمرول ئوينايدۇ .
قالۇن چالغۇ ئەسۋابىنىڭ ئەسلى ئاتالمىسى " قانۇن " بولۇپ ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قالۇنغا ئۆزگىرىپ قالغان . قالۇنئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . چالىدىغانزەخمەك سېرىق سۆگەت ياغىچى ياكى يۇلغۇن ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . سىم پەدىسىنى باسىدىغان " گوش تاپ " كۈمۈشتىنياكى تۇچ ، تۆمۈردىن ياسالسىمۇ سىم پەدە باسىدىغانيەرگە كۈمۈش يالىتىلىدۇ . بۇنداق بولغاندا ، پەدە باسقاندا ئاۋاز توغرا ھەم ئېنىق چىقىدۇ .
2. دولان راۋابى ----- دولان راۋابىنىڭ كىم تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنىپ ياسالغانلىقى ھەققىدە يازما ماتىرىياليوق . پەقەت ئۇنىڭ قەدىمكى زامانلاردىن ، بولۇپمۇ دولان ئۇيغۇرلىرى چارۋىچىلىق ، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقىتلاردا ياسالغانلىقى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپقالغانلىقى مەلۇم .
دولان راۋابىنىڭ ياسىلىشى باشقا چالغۇلاردىن پەرقلىنىدۇ . دولان راۋابىغا پەدە بېكىتمەيدۇ . دولان راۋابىنى ياساشتا چىغان ياغىچىدىن ياكى ئۈجمە ياغىچىدىن بولسا ، ئاۋازىمۇڭلۇق ۋە يېقىملىق بولىدۇ . ئوڭاي يېرىلىپكەتمەيدۇ، چىداملىق بولىدۇ . يۈزلۈك قارنى ئىشەكنىڭ ساغرا تېرىسى ياكى كالا تېرىسىدىن بولسا ، ئاۋازى ياڭراق ھەم چىداملىق بولىدۇ . زەخمىكى سېرىق سۆگەت ياغىچىدىنبولسا ياخشى بولىدۇ . دولان راۋابىغا پەدە بېكىتىلمىگەچكە ، چالغۇچىلار مۇزىكا سېزىمىگە ئاساسەن ، پەدە ئورنىنى تېپىپ چالىدۇ . شۇڭا، دولان راۋابىنى چېلىش بىرقەدەرتەسرەك .
3. دولان قىل غېجىكى ----- دولان قىل غىجىكىنىڭ قاچان ، كىم تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقى توغرىسىدامەلۇمات يوق . قەدىمكى زاماندا دولان مۇقامئەلنەغمىچىلىرى يۇلغۇن كۆتىگىنى چىرايلىق ياساپ ، ئۇنىڭ ئىچىنى سىلىق ئويۇپ ، ئوۋلىغان ھايۋان تېرىسىنى يۈزىگە كېرىپ ، يەتتەتال قۇلاق تىكىپ ، ئاتنىڭ قۇيرۇق قىلىدىنكېسىپ تار سېلىپ غېجەك ياسىغان . ئاتنىڭ قۇيرۇق قىلىدىن كامانچە ياساپ قىلنى قىلغا سۈركەپ چالغان . بۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتىمۇڭلۇق بولغان . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىبىلەن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن چالغۇ --- دولان قىل غېجىكى خەلق ئاممىسى ئىچىگە تارالغان .
دولان قىل غېجىكى يۇلغۇندىن ياكى چىغان ياغىچىدىن ياسىلىدۇ .دولان قىل غېجىكىنىڭ پەدىسى بولمايدۇ . شۇڭا ، بۇ چالغۇنى چېلىش بىرقەدەر تەسبولىدۇ .
4. نەغمە دېپى ----- بۇ چالغۇ سەھنىلەردە چېلىنىۋاتقان مىللىي داپلارغا قارىغاندا كېچىكرەك ، قەشقەر سەنەملىرىدەچېلىنىۋاتقان داپلارغا قارىغاندا چوڭراقبولىدۇ . داپنىڭ ياغىچى ئۈجمە ياكى ياڭاق ياغىچىدىن بولسا ياخشى بولىدۇ . يۈزلىكى ئىشەك تېرىسى ياكى كالا تېرىسىدىن بولسا چىداملىقبولىدۇ .
دولان مەشرەپلىرىدەنەغمە دېپى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ . ئەگەر قالۇن ، دولان راۋابى ، دولان قىل غېجىكى يوق ئەھۋال ئاستىدا ، ئادەم يوقجاڭگاللاردىمۇ مەشرەپ قىلىش زۆرۈر بوپقالسا ، بىرلا نەغمە دېپىگە تايىنىپمۇ مەشرەپ قىلغىلى بولىدۇ . داپ بولمىسا مەشرەپ ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ . بۇ خۇددى تاماقنىڭتۇزى يوق، تەمسىز بوپ قالغىنىدەك ئىشبوپ قالىدۇ. دېمەك ، نەغمە دېپى مەشرەپلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ .
تەۋسىيە 0
ئالقىشلاش
مۇناسۋەتلىك ماقالە
[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]









