مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

مۇھەممەد ئەخمىدى ئوغلان

2009-01-18 17:01:48   ئاپتۇرى : zarapxan      مەنبەسى :    كۆرۈلىشى : 0

 

شېئىرلار
مۇھەممەد ئەخمىدىئوغلان
زەرپشان
سالام دىدى قايسى ئەل، مىللەت،
بىزگە سەندىن قىلىپ ھاۋالە .
قۇرام تاشلار سالدىمۇ كۇلپەت،
ھالىڭ نىچۇن قىلىسەن نالە.
 
نالە ئەمەس ناۋاكەن ئەسلى،
يۈرىكىمگە سىڭدى شاۋقۇنىڭ.
ئايانكى، مەن زىمىننىڭ نەسلى،
تومۇرىمدا ئاقار دولقۇنىڭ.
 
شاۋقۇنۇڭغا ئاقار قوشۇلۇپ،
قانچە تارىخ، قانچە قىسمەت ھەم.
ئىككى قىرغاق ئارا سوقۇلۇپ،
چىن گۈزەللىك سەندە مۇجەسسەم!
 
سۇلىرىڭنى ئىچتىم ئۇچۇملاپ
راھەت بەخىش ئەتتى يۈرەككە.
پاك سۆيگمنى ئالدىڭ ئۇچۇقداپ،
جاسارەتىنى بىرىپ بىلەككە.
 
ئاچ يۈزۈڭنى ...
ئاچ يۈزۈڭنى ، نازىڭ بىلەن ئاچقىنا،
تولۇن ئايدەك جامالىڭنى كۆرەيمەن.
ياغلىق سىلكىپ كىپنەكتەك قاچقىنا،
قوغلاپ بىرىپ لەۋلىرىڭگە سۆيەيمەن.
 
ئاچ يۈزۈڭنى ، نازىڭ بىلەن ئاچقىنا،
كۆزۈڭ ھاسىل قىلغان نۇردا ئاقايمەن.
تىللىرىڭدىن ھەسەلۇ _بال چاچقىنا،
ئوت باغرىمنى ئوت باغرىڭغا ياقايمەن.
 
ئاچ يۈزۈڭنى ، نازىڭ بىلەن ئاچقىنا،
يۈرىكىمدىن قىچىپ كەتسۇن جۇدالىق.
سۆيىۋىلىپ ۋە سۆيدۈرۈپ ياپقىنا،
پىنھان پىتى بىلمەي قالسۇن خالايىق.
چۈشەنمەمدۇ ئاچىسىنى ئۇكىسى؟
قۇچاقلىسام ئاسمان قىزى ــ قۇياشنى،
خۇدۈكسىرەپ ئاي كۆزىنى قىسامدۇ ؟
ياكى مەجبۇر گىرە سىلىپ بوينۇمغا.
پاك سۆيگۈنىڭ مارجىننى ئاسامدۇ ؟
 
ئىككى قىزى بار ئەزەلدىن ئاسماننىڭ،
بىرى قۇياش، بىرى غەمكىن تولۇن ئاي.
ئاي مۇڭلىنىپ ھەسرەت چىكىپ- ئولتۇرسا،
نىمىشقدۇر قۇياش دائىم خۇش چىراي ؟
 
نىمە سىر بار ئارىسىدا ئۇلارنىڭ،
ياكى يىگىت تالاشقانمۇ ئىككىسى.
بىر ئەمچەكنى تارتىپ ئەمگەن تۇرۇقلۇق،
چۈشەنمەمدۇ ئاچىسىنى ئۇكىسى ؟
 
ئانا
شۇ توپىلق خىلۋەت كەنىتتە،
ئولتۇرامسەن ئانا خىيالچان.
قايدىن كىلەر ئوغلۇم دەپ مىنى
سىغىنىچىڭغا ئالدىڭ ھەقىچان.
 
چۇچۇلاشسا تورغاي تاڭ سەھەر،
سەن زوقلىنىپ سالامسەن قۇلاق.
زەپ مىھرىبان ئوغلاق، قوزاڭغا،
ئوت ئالىسەن ئاتاپ ىبر قۇچاق.
 
 
ئايغا قاراپ سۈرەرمسەن خيال،
تەنھالىقىڭ بەرسە ئىزاھات.
قاداق باسقان قوللىرىڭدا گۇل _
ئىچىلىدۇ پۇرەكلەپ قات_ قات.
 
 `جىمجىت سەھرا، چۇقانسىز ھايات،
ئىككىمىزنى چاتقان سۆيگۇدە.
ئارمانلىرىڭ كۆكلەتتى مەزمۇت ،
شۇڭا ئۇتۇپ چىقتىم بەيگىدە.
 
قولۇڭدا بار ئۆزگىچە بىر تەم، [
ئەتسەڭمۇ گەر يومدان، سۇيۇق ئاش.
سەجدە قىلاي ساڭا مىڭ مەرتە،
ئايىغىڭدا ئىگىپ تۇرۇپ باش.
 
سېىغىنىمەن بالىلىقتىكى_
تاتلىق كەچمىش_ پادا باققاننى.
قىچقارساڭمۇ ھە ،دىمەي كەچتە ،
ئاي، يۇلتۇزغا چالما ئاتقىنىم .
 
چىن تۇمۇرنىڭ مىسران قىلىچى،
ۋۇجۇدۇمغا قوشقان جەسۇرلۇق.
چۆچەك ئىتيتىپ بىرەتتىڭ دائىم،
ئۆزوڭ مىسكىن، دەرتمەن تۇرۇغلۇق.
 
تاراپ قويغۇم كىلىدۇ قانچە،
ئاھ چۇۋۇلغان ئاپئاق چىچىڭنى.
تارىخ بولۇپ پۇتۇلسە قايتا،
ئويۇۋەتسەم تاشقا ئىېتىڭنى.
سەن زاكامنى قۇرۇغداپ بىر رەت،
زەپ كۆيىنپ باققىنىڭ ئۇچۇن،
ئۆزوڭ ھۆلدە ياتقىنڭ ئۇچۇن.
ئاپارساممۇ قىلىدۇ ئازلىق،
پەقەت بىر ئاخشام.
يەتمىش يەتتە قىتىم مەككىگە .
تىزلىنىمەن ئالدىڭدا ئانا،
ئوتۇمدا كۆيۇپ سۇيۇمدە_
ئاققىنىڭ ئۇچۇن،
مۇقەددەس بىر ئوتنى، يۇرىگىمگە ،
ياققىنىيڭ ئۇچۇن.
دىمەك، پىقىرنى ئادىمىيلىك سىپىگە ،
قاتقىنىڭ ئۇچۇن
ئانا،
پەرىشتىدەك ئاق كۆڭۇل ئانا.
 
 
 
 
ئۆزۆڭ ئىدىڭ بىر چىنار مەزمۇت
(دادام ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
خىزىر سۈپەت قەدىردانلىقىڭ،
چەكتى شائىر ئوغلۇڭ قەلبىنى.
مىھرىڭ ماڭا بىغىشلىسا نۇر،
قىينار دىلنى ھىجران كەچمىشى.
 
ئۆزوڭ ئىدىڭ بىر چىنار مەزمۇت،
نۇر ئەمگەنتى بەرگىڭ قۇياشتىن.
كەپسىزلىكىم يۇز ئاچقان چىغى،
ئەيمىنەتتىم ساڭا قاراشتىن.
 
پادا باققان ئىدىم سەن بىلەن،
تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە.
ئات چاپتۇرۇپ ئوينىغانلىرىم،
ئىشىق قوزغاپ يۇرەكلىرىمدە.
 
غۇرۇرۇمنى ئويغاتقان ئاشۇ-
چەكسىز- چەكسىز ئىدىرلىق، قۇملۇق.
ئىيتىپ بەرگەن شۇ چۆچەكلىرىڭ،
بېغىشلىدى ماڭا جەسۇرلۇق.
 
جاپايىڭنى كۆرۆپ يەتتىم مەن،
بولغان چىغى مىنىڭ پەرزەننتىم.
تۇغۇلغاندەك بولۇپ قايتىدىن،
بار ئاۋازدا دادا دەۋەتتىم.
 
ئۆتتى ئون قىش، ئون كۆكلەم مانا ،
سىنى قايتا كۆرەلمىدۇق ھىچ.
بولىۋالدى بۇلبۇل سايرىماس،
گۇلشەنلەردە ھايات تىپتىنىچ.
 
نەۋىرلىرىڭ سىغىندى سىنى ،
بولوپ قالدى ئۇلارمۇ چوپ -چوڭ.
ئەگرى توقاي قىسمەتلىرىڭنى،
داستان قىلىپ يازىدۇ ئوغلۇڭ.
 
 
ھاياتىمغا تكلەپ ئابىدە،
يۇرىگىمگە گۇلخان ياققىنىڭ.
نۇرلاندۇرۇپ ھايات بىغىمنى،
تومۇرۇمدا بار قىزىل قىېنىڭ.
 
قالدى نۇرغۇن ئەسلىمە بۇندا ،
سىغىنىشىم ھۇۋلايدۇ ئەنسىز.
دىلىم سۇنۇق
سۇندى قانىتىم،
يىتىم بولۇپ ئۆتتى كۇن سەنسىز.
مۇئەللىم
شاھلارغا قىلىنغان ھۆرمەتتىن چەكسىز،
ھۆرمەت بار قەلبىمدە ساڭا مۇئەللىم.
سەن قەلىب تەختىدە بىرلا سەن شەكسىز،
ھېكىمەتتىن گۇل بەرگەچ ماڭا مۇئەللىم.
 
مەرىپەت ئىزناسى گۇلنىڭ رەڭگى ئۇ،
چىچىڭغا قونغان شۇ ئاپئاق قىروۋلار.
ماڭلايدىن تامچىلاپ ئاققان ئالتۇن تەر،
بولدى بەس ئۆزۆڭگە بەخىت تۇيىلار.
 
مۇئەللىم دىگەندە تاشىدۇ ئۇرغۇپ،
دىلىمدىن ساڭىلا ئالەمچە ھۆرمەت.
مىھرىبان ئانىدەك كۆيۆنگەچ ئۆزۆڭ،
قەلبىمدە سەن ئۇچۇن دەريا مۇھەببەت.
نىمە سىر بار يۇرىگىدە قىزلارنىڭ
ئاقا ر يۇلتۇز ئۆچكەن كەبى كىچىدە،
خىيالىمدن بىر قىز كەتتى، يوقالدى.
يوقالدىيۇ لىكىن شىرىن سۆيگۇدىن،
يۇرەكلەردە تامغا قالدى ،ئىز قالدى.
 
يۇرەكلەردە تامغا قالدى، ئىز قالدى،
نۇر چاقنىتىپ دوسكىسىدا يىللارنىڭ.
ئۇ _ سۆيگۇنىڭ ئەبەدىيلىك ئىزناسى،
نىمە سىر بار يۇرىگىدە قىزلارنىڭ؟ .
 
 
 
شائىرلىقىم
شائىرلىقىم يازار ئۇپۇققا،
ئۆز ئىسمىمنى ئالتۇن ھەل بىلەن،
تۇيغۇلىرىم يېتەكلەر مىنى،
قوشۇلغاچقا ئۆركەش- سەل بىلەن.
 
جاپا چېكىپ تۆككەن تەر لىرىم،
مۇشۇ يولدا زەر دە پ ئاتالدى.
سىھرى بىلەن شوخ مىسرالىرىم،
قەلىبلەردىن خاس ئورۇن ئالدى.
 
بىر مەنزىلنى ماڭىدۇ كۆزلەپ،
تاڭدەك گۇزەل، تاڭدەك پاك تۇيغۇ.
ئۆمۇرۋايەت قىسسىلەر سۆزلەپ،
كۆزلىرىمدىن قاچىدۇ ئۇيقۇ.
 
كۆزلىرىمدىن قاچىدۇ ئۇيقۇ،
شائىرلىقتىن بىشارەت بىرىپ.
مۇھەببەتنىڭ يالدامىسى بۇ،
چاھارباغدا يۇرگەندەك غىرىپ.
تىلېفۇن قىلىۋەت
ئۇدۇلۇمدىن ئۆتسەڭ ھەر نۆۋەت،
نىچۇن يەرگە قاراپ ماڭىسەن.
يا سەۋەنلىك ئۆتكۇزمىدىڭ ھىچ،
ئىيىتقىن زادى قانداق بالىسەن.
 
گەر كۆزىمىىز قالسا ئۇچرىشىپ،
يىتىرقاپلا كىتىسەن چۆچۆپ.
چۇشلىرىڭگە كىرگەن بولسام بىر،
ساڭا ئىسسىق قالدىمۇ ئۆتۇپ.
 
ھىچ بىلمىدىم شۇنداق قىلىشڭ،
ھىسلىرىمنى ئويغاتتى قەۋەت.
ماڭا بولسا كۆڭۇل خاھىشىڭ،
ئىككىلەنمەي تىلېفۇن قىلىۋەت.
 
 
 
يورۇغلۇق ئۇچۇن
چىللىغانغا قەدەر خورازلار،
يۇدۇم ماڭدىم قۇياشنى مەغرۇر.
ئۇپۇقىغا ئاتتىم شەرىقنىڭ ،
چاچراپ چىقتى ئۇندىن ئوتقاش نۇر،
 
ھەر كۇندۇزدە ساقلاپ ياتىمەن ،
كۇن پىتىشقا بىرىپ قۇياشنى.
خوراز بەلگە بەرسە ئاتىمەن،
كۆزلىرىمدىن ئاققۇزۇپ ياشنى.
 
مۇساپىلەر بىلىنمەس ئۇزۇن،
ئارمانلىرىم بولغاچقاپۇتۇن.
ئىچ- ئىچىمدىن سىزىپ مىڭ راھەت،
مەن ياشايمەن يورۇغلۇق ئۇچۇن.
قۇياش
پاك روھىمدىن يارالغاندا تاڭ،
ئۇپۇق تامان ئىزلەڭلار مىنى.
مەن ھەققىدە باشلانغاندا گەپ،
قىسسە قىلىپ سۆزلەڭلار مىنى.
 
قىسسە قىلىپ سۆزلەڭلار مىنى،
بىلىپ قالسۇن ئەسلىمنى خەقلەر.
يۇرىكىمنى مۇجىسا سۇكۇت،
شادلىنىدۇ شۇندا بەد بەخلەر.
ھالقىپ تاغنىڭ چوققىلىرىدىن،
ياراتتىم مەن مىڭلاپ ھاتەمنى.
نۇرلىرىمنى تارىىتىپ ھەر يان،
مەڭگۇ يورۇق قىلاي ئالەمنى.
دىلبەرگە سۆز....
ئايدىن ئۆرنەك ئالغان ئورغاق قىشىڭغا،
ساپلىقمەن.
تاش ئاتقاندا سۆيگۇمىزگە رەقىبلەر،
شاختا ئەمدى پەيدا بولغان غورىدەك ،
ئاچچىقمەن.
ۋىسالىڭغا قىنىپ ئۆتسەم بىر ئۆمۇر،
پاھ چىيىڭغا ششىكەر- ناۋات سالغاندەك،
تاتلىقمەن.
سىنىڭ ئۇچۇن مۇھەببەتلىك سەپەردە،
ئاتقا مىنىپ ئۇچقۇر قانات شامالدەك،
ئاتلىقمەن،
كۆرەلمەسلەر شۇم بۇيىدەك ئۇنگەندە،
جان ئالغۇچى ئەزرائىلنىڭ ئورنىدا ،
مىلتىقمەن.
تەڭلا ياشاپ تەڭلا قىرىساق
بۇ كوچىلار ئازادە -خىلۋەت،
قول تۇتىشىپ قىلايلى سەيلى.
پۇرسەت كۇتۇپ كەلگىنە بىر رەت،
ساڭا تالىق پىقىرنىڭ مەيلى.
 
دىدارلىشىش بولمىدىن نىسىپ،
شۇم ھېجراندا يىغلايدۇ يۇرەك.
قىسمەتلەرگە ئىسىت، ۋاي ئىسىت،
زۇلۇم ئىكەن ئىنسانغا كۆيەك.
 
ساڭا بولغان ئىشقىم -ئەقىدەم،
پاك بەستىمگە سالدى بىتاپلىق.
گۇل قامىتڭ ،خۇش خۇي ھالىتىڭ،
تالاي ھۇجۇم قىلدى نىقاپلىق.
 
شاماللاردىن خەۋەر ئەۋەتتىم.
پەرىشانلىق ھالىمنى سۆزلەپ.
نان ئورنىدا غەمنى يەۋەتتىم،
ۋىسال قۇچۇش پەيتىنى كۆزلەپ.
 
سەمەندەردەك قالدىما ھەيھات،
كەڭ ئالەمچە ئوتنىڭ ئىچىدە.
ئۆتىۋەردى بۇ ئەزىز ھايات،
سۆيۇشز ئىزلەپ ئايسىز كىچىدە.
 
مەن تەڭرىدىن تىلەيمەن شۇنى:
كەڭ جاھانغا سۆيگۇ تېرىساق.
ۋىسال بەرسە بىزگە بىر كۇنى،
تەڭلا ياشاپ تەتلا قېرىساق.
 
 
بۇلۇتلارغا سۆز ....
ئاي يۇلتۇزنى توسماڭلار،
يورۇق چۇشسۇن ئالەمگە .
ئارام ئىلىپ ئۇخلاڭلار،
ئۇۋال قىلماي ئادەمگە.
نەم قىلماڭلار كىچىدە ،
قىزىلگۇلنىڭ يۇزىنى.
ئىيتىۋالسۇن ئىچىدە،
بولبۇلىغا سۆزىنى.
ياش تۆمەڭلار، تۆكسەڭلار،
يارىم تۆكەر كۆز يىشى.
دەھشەت سىلىپ ئۆتمەڭلار،
ئاغرىنىدۇ ھەر كىشى.
مەن ئۆزۆمنى قويدۇم يۇتتۇرۇپ
مەن ئۆزۆمنى يىتتۇردۇم بۇگۇن،
نىگاھلاردىن كۆرۇپ تەبەسسۇم.
قارچۇقلاردىن ئىزدەڭلەر مىنى،
ئېچىلغاندا ياشلىق گۇللىرىم.
 
مەن ئۆزۆمنى قويدۇم يۈتتۇرۇپ،
ئەسىر بولۇپ سەرۋى قامەتكە.
سۇمبۇل چاچقا كەتتىم يۆگىشىپ،
ئىرىشكەندەك غەيرى ئامەتكە.
 
مەن ئۆزۆمنى يىتتۇردۇم بۇگۇن،
ئارىسىدە ئەگىم قاشلارنىڭ.
يامغۇر بولۇپ سىڭدىم گوياكى،
تۇپرىقىغا باغرى تاشلارنىڭ.
 
مەن ئۆزۆمنى يىتتۇردۇم بۇگۇن ،
قۇياش بىلەر نەدىلىكىمنى.
ئادرىسىمنى يازدىم ئۇپۇققا،
تاشلاپ بۇندا سەبىيلىكمنى.
مەن ئۇپۇققا قول سوزدۇم
مەن ئۇپۇققا سوزدۇم قولۇمنى،
پاك بەستىمگە پاك نۇر تارالدى.
ئالقىنىمغا ئالدىم گۇلۇمنى،
پۇرىقىدىن سۆيگۇ يارالدى.
 
مەن ئۇپۇققا سوزدۇم قولۇمىنى،
سىلكىگەندە تەپەككۇرۇم پەر.
ئويلىمىدىم قىلچە ئۆلۇمنى،
قەدىرلىگەچ مىنى ئەزىز يەر.
 
مەن ئۇپۇققا سوزدۇم قولۇمنى،
شادلىقىدىن چىراي ئاچتى تاڭ.
نۇريورۇتتى ئوڭ ۋە سولۇمنى،
يۇرىگىمدە قوزغاپ ئىزگۈ ئاڭ.
 
مەن ئۇپۇققا سوزدۇم قولۇمنى،
ئارزۇلىرىم بولغاندا قوبۇل.
كۆرگىنىمدە پارلاق يولۇمنى،
سەپەر قىلدىم قۇياشقا ئۇدۇل.
بوۋايلار
سىلەر يۇرتنىڭ پىشۋاسى قامەتلىك ،
ھۆرمىتىڭلار دىل تۆرىدە چاقنايدۇ.
سىلەر بولغاچ بىز ھەر ئىشتا ئامەتلىك،
غەيرىتىمىز مەغرۇر كۆكتىن ئاتلايدۇ.
 
ئالدىڭلاردىن توغرا ئۆتۇش ئۇياتتۇر،
بىز سىلەرنىڭ ئىچىلدۇرغان گۇلۇڭلار.
كۆكرەك كىرىپ ئايغا سەپەر باشلىساق،
ئاپىرىن دەپ پەخىرلىنىپ كۇلۇڭلار.
 
سىلەر بەرگەن ئەقىل بىلەن كۇچ بىلەن،
بىز كۇنسىرى ئالغا چامداپ بارىمىز.
ئۇمىدىڭلار كۈرمىڭ قەلىب قەسرىدە،
ئاستىڭلارغا گۇل پايانداز سالىمىز.
 
شادلىقىڭلار، شادلىقىمىز بىزنىڭمۇ،
شۇ سەۋەپتىن گۇل بولدى ئوڭ- سولىمىز.
ياشلىق چاقماق ئۆمۇر دىگەن ئاتقان ئوق،
سىلەر كەبى بىزمۇ بوۋاي بولىمىز.
 
 
 
          دۇنيا
كۆز ئاچقانتىم قوينۇڭدا بىر چاغ ،
تەۋرەتتىڭ سەن مىنى پەپىلەپ.
نىمە بەرسەڭ بولۇپتىمەن خۇش،
كەلدىم شۇنداق ساڭا ئەكىلەپ.
 
ئەقىل تاپتىم بويۇممۇ ئۆسۇپ ،
تونۇغىدەك خىلمۇ-خىل رەڭنى.
ۋا داەيخا ابەكمۇ كېىچىكىپ ،
چۇشەندىم مەن سىنىڭ ھىيلەڭنى.
 
گۇللىتىشكە قوينۇڭنى سىنىڭ،
چىن دىلمدىن باغلاپتىمەن بەل،
كەلدىم يۈدۇپ ئازاپلىرىڭنى،
كۆزلىرىمنىڭ خۇنى بولۇپ سەل.
 
گۈل ئۇندۇرۇش ئىدى مەخسىتىم،
سەندە باسقان ھەر بىر قەدەمدىن،
يوللىرىمغا تىكەن پايانداز،
يېرىلمىدىم تارتقان ئەلەمدىن.
 
نىمە بەردىڭ دۇنيا سەن ماڭا،
ئەپسۇس، مەندىن كالدىڭ سەن تىلەپ.
قوۋۇرغامنى قىلمەن قىلىچ،
تەڭرىتاغنىڭ تېىشىغا بىلەپ.
ئۆزۆمدىن ئۆتكەن
مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن بىرى،
باشقىلارغا كەلدىم يىلىنىپ.
دىمىسەممۇ گادايلىقىمنى،
كۆزلىرىمدىن قالار بىلىنىپ.
 
ئۆز يولۇمنى تاللىدىم ئۆزۆم،
پۇتلىرىمغا سانجىلدى تىكەن.
مېڭىۋەردىم لىۋىمنى چىشلەپ.
ماڭا چىدام مىراس قاپتىكەن.
 
كۆزلىرىمنىڭ نۇرىمۇ يۈتتى،
شۇكۇر دىدىم شۇنداق تۇرۇغلۇق.
نىمە سەۋەپ تەغدىر- پىشانەم،
ئەزەلدىنلا بوپ قالدى شۇرلۇق.
 
ئېىگىلىدۇ كىچىكلەرگىمۇ،
ھەتتا مىنىڭ سۆڭەكسىز بوينۇم.
مۈشۈكلەرگە بولىدۇ ماكان .
زەپمۇ راھەت ئىللىغان قوينۇم .
 
گۇل ھۆسنىنى كۆرمىدىم پەقەت،
ئوڭ سۇلۇمدا ئاق تىكەن ئازغان.
بىر قەدەمنى باسمىدىم ئارتۇق،
تىگەرمۇ دەپ بىشىمغا بازغان.
 
سۆرىلىدۇ پايتىمام دائىم،
ئەل قاتارى سەپەرگە ماڭسام.
شەپىسىدىن كىتمەن قورقۇپ.
باشقىلارنىڭ كەينىدە قالسام.
 
تەرلەپ پىشىپ كەتسەممۇ مەيلى،
پىژغىرىمدا سالمايمەن جۇۋا،
نە ھالەتكە قالدىم مەن چۇشۇپ،
پىشانەمگە پۇتكەنمۇ خۇدا.
 
ئاتا- بوۋام ئەجدادىممۇ ھەم،
بۇ دۇنيادىن شاھ سۇپەت كەتكەن.
زارلانمايمەن قىسمەتلىرىمدىن،
بۇ سەھۋەنلىك ئۆزۆمدىن ئۆتكەن.
ئىنەك
كالتەك تەگدى دۇمبەڭگە نەچچە،
ھالىڭغا ۋاي بىچارە ئىنەك.
موزايلىغان گۇناھىڭ ئۇچۇن،
ئىگەڭ قويدى ئاستىڭغا چىلەك.
 
ئەمچىكىڭنىى قوش قوللاپ تۇتۇپ،
ساغار كۇندە باغلاپ پۇتۇڭنى.
جىم تۇرمىساڭ سەندە ئامال يوق،
موزىيىڭغا ئاياپ سۇتۇڭنى.
 
ئاپتاپلىقتا ئۆتىدۇ كۇنۇڭ،
كۆزلىرىڭنى بىسىپتۇ چاپاق.
تۇخۇم توختار ئىدى ئۇستۇڭدە،
ھازىر قاراپ قويمايدۇ توپاق.
 
سەن داتلايسەن دائىم ئىگەڭدىن،
ۋە يىغلايسەن كۇندە ئىسەدەپ.
سىغىشنىلا بىلىپ ئويلىماس،
ساڭا بەردى قانچىلىك ھەلەپ.
 
موزىيىڭمۇ ئاۋارە شۇنچە،
باغلاقتىمۇ يۇلقۇنمايدۇ جىم.
سەن زىمىنغا تۆرەلگەن چىغى،
قىسمىتىڭنى پۇتكەن ئىلاھىم.
 
كىتەلمەيسەن ئارغامچا ئۇزۇپ،
ئۆتى ئوبدان كەڭرى يايلاقتا.
سەندە كۇچ يوق كۆنۇپمۇ قالدىڭ،
مەھكەم بولۇپ ئاشۇ باغلاققا.
 
ئەي بىتەلەي مۇزايلىق ئىنەك،
قىسمىتىڭدىن كەتمە زارلىنىپ.
ئىشەكچىلىك يوقكەن قىممىتىڭ،
توۋا! دىىدم قاپسەن خارلىنىپ.
دىھقان
بىر ئۆمۇر مىننەتسىز ياشاپ تەر تۆكۇپ ،
دۇنيانى ئەجرىدە باققانمۇ دىھقان،
گۇزەللىك شامىنىڭ پىلىكىگە دەل –
بىر ئوتنى ئۆچمەسكە ياققانمۇ دىھقان.
 
دالىدا زەپ ياڭراق ناخشىنى توۋلاپ،
بىر كۇيگە مىڭ كۇينى قاتقانمۇ دىھقان.
تاڭ سەھەر تورغاينى چىللاپ ئويغىتىپ،
كۇن يەڭلىغ كەتمەننى چاپقانمۇ دىھقان.
 
 
 
 
كۆكلىتىپ تەرىدە چۆلنى ،ئۆزىگە ،
شۆھرەتنىڭ توننى ياپقانمۇ دىھقان.
گۇل ئۇنەر ئۇ باسقان ھەر بىر قەدەمدىن،
شۇ يۇسۇن قەدرىنى تاپقانمۇ دىھقان.
 
كۆكرىكى قالقاندۇر، يۇرىكى ئوقيا،
مۇشكۇلگە زەردە مۇشت ئاتقانمۇ دىھقان.
ھۇقۇشقا يەم بولۇپ مىھنەت مىۋىسى،
بىر چاغلار ۋۇجۇدى قاتقانمۇ دىھقا.
 
ئاھ نىمجان ھالەتتە ئۆرە بولالماي،
ئاپتاپقا قاقلنپ ياتقانمۇ دىھقان.
ھە بۇگۇن نۇرلىنپ ئۇمىت قۇياشى،
بوينىغا زەر- ئالتۇن ئاسقانمۇ دىھقان
 
نادانلىق تەختىنى يانجىپ، پاچاقلاپ،
ئاۋامنىڭ غېمىدە ئاققانمۇ دىھقان.
ئازاپ تەبىرى
ئازاپ دىگەن نىمە، ئۇ نىمە؟
ھىچ بىلمىدىم تەبىرى قانداق.
كۇھىقاپتىن چىققاندەك شامال،
چىقامدۇ يا بىرەر يوچۇقتىن.
چىن مەنىسى نىمىكەن زادى،
ئازاپنىڭ...
چەكچەيگىنى كۆزلەرنىڭ،
سىقىلغىنى يۇرەكنىڭ.
لاۋۇلداپ كۆيگەنلىكى ۋۇجۇتنىڭ.
تەشنالىقى يۇكسەك كۆڭۇلنىڭ،
كۆز،
قەلىب،
ۋۇجۇت،
ئىسيانىدۇر بەلكىم شۇلارنىڭ.
سەھرالىقلار
سىلەر ئەزىز سىلەر سۆيۇملۇك،
ئەجرىڭلاردىن كۆكلەيدۇ دۇنيا.
ئىلاھ سۆيگەن ئالقىنىڭلاردا،
سانجاق- سانجاق ئۇنەر گۇل گىياھ.
 
توپا چىراي تۇرقۇڭلار گۇزەل،
كىرىستالدەك سۇزۇك قەلبىڭلار.
ئالەم بىنابو لغاندىن بۇيان،
شەھەرلىكنى بېقىپ كەلدىڭلار.
 
قۇرۇق سۆلەت ناكەسلەر تىخى،
قارا قۇرساق دىدى سىلەرنى،
ئەسلى نەسلى سەھرالىق تۇرۇپ،
ئۇنتۇپ كەتتى تۇغۇلغان يەرنى.
 
ئۆزۆڭلار خان ئۆزۇڭلار ھاتەم،
ھاۋاسى ساپ گۇزەل سەھرادا.
شاپاق دوپپا ئۆسكىلەڭ ساقال،
يادلىنىدۇ تۇمەن دىللاردا.
 
نئمىتىڭلار كەڭرى ھەر قاچان،
سىخىيلىقتا تەڭدۇر قۇياشقا.
كۆڭلۇڭلەرگە سىغىدۇ ئالەم،
سىلەر ماھىر كۆڭۇل ئاياشقا.
 
ياشايسىلەر ئىجىل- ئۆم-ئىناق،
زەررىچىلىك يوق كۆڭۇلدە داغ.
تەرلىنىدۇ جۇۋاڭلار ئىچرە،
جىمى جانلىق، ئادەم ھەممە چاغ.
 
باغلىرىڭلار ئازادە كۆركەم،
چاقنىتىدۇ كۆزنى مىۋىلەر.
قۇتراپ كەتكەن بىر چاغدا ئەجەپ،
ئاشۇ باغدا تالااي دىۋىلەر.
 
ئىشىكىڭلار قالمايدۇ ھېرىپ،
ئوتۇن بىسىپ ماڭساڭمۇ گەر.
تۇگىمەيدۇ ناخشاڭلار مۇڭلۇق،
بىر مەنزىگە يەتكەنگە قەدەر.
 
 
 
 
بەك تىتىيدۇ شەھەرلىكلەرگە،
چامغۇر سالغان ئۆينىڭ لەڭمىنى.
مىھمان قىلىپ چۈشۈپ ئۇسۇلغا،
باشلاليسىلەر مەشرەپ نەغمىنى.
 
شۇ سەۋەپتىن ئىشقىم- ئەقىدەم،
سىلەر بىلەن تۇتاشتۇر تۇتاش.
پاك سۆيگۇمنى قايتا كۆكلەتكەن،
چىھرىڭلار گۇل ،مىھرىڭلار ئوتقاش.
  
0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر