شائېر مۇھەممەد ئەھمەدىنىڭ تەرجىمالى
2009-01-18 17:50:26 ئاپتۇرى : زەرەپشان
مەنبەسى : خالاستان كومپىيوتېر تىخنىكا مەركىزى كۆرۈلىشى : 0
مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ۋە ئىجادىيەت ئەھۋالى
1-قىسقىچە تەرجىمھالى
ياش شائىر مۇھەممەت ئەخمىدى 1965- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۇنى مەكىت ناھىيسىنىڭ قىزىلئاۋات يىزا ئويباغ كەنتىدە دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1973-يىلغىچە ئائىلە تەربىيسىدە بولغان.1973-يىلدىن 1983- يىلغىچە قىزىلئاۋات يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1983-يىلى 9-ئايدىن1987- يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان.1985- يىلى 6- ئايدا(ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە) جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيسىگەئەزا بولۇپ كىرگەن.1987-يىلى 7-ئايدا ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە يەكەن پىداگوگىكا مەكتىۋىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كىلىۋاتىدۇ.
2. ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ۋە ئەدەبى ئىجادىيەت جەھەتتە:
مۇھەممەت ئەخمىدى 1989-يىلدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزالىقىغا،1992-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئيتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبول قىلىنغان ئىىدى.شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ۋە ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن ئىزچىل شۇغۇللۇنۇپ بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.يەكەن پېداگوگىكا مەكتىۋىدە چىقىدىغان «مەرىپەت غۇنچىلىرى »ژۇرنىلىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەييارلاپ،تەھرىرلەپ سۇپەتلىك چىقىش ئۇچۇن تىگىشلىك تۆھپە قوشتى.
(1) مەكتەپنىڭ دەرىسلىك ماتىرىياللار قۇرلۇشى كەمچىل شارائىتتا 2001-يىلى مەكتەپتكى كۇرژۇك ۋە تاللانما دەرىسلىك ئوقۇشلۇقى ئۇچۇن «بالىلار ئەدەبىياتىدىن سۇئال-جاۋاپ»ناملىق كىتاپنى تۈزۈپ باستۇرۇپ تەييارلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردى. ئۇنىڭ تۈزگەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن«ھۆسىنخەت ئوقۇتۇش يېتەكچىسى» ناملىق 220 بەتلىك كىتابى 2002-يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسلىك قىلىپ ئۆتىلىپ ياخشى باھاغا ئىرىشتى.ئۇندىن باشقا «يەكەن گىزىتى»،«مەرىپەت غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى،‹‹قەشقەر گېزىتى››‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى››«خوتەن پىداگوگىكا ئالى تىخنىكۇمى ئىلمى ژۇرنىلى»‹‹قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژورنىلى›› ‹‹شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستىتى ئىلمى ژورنىلى›› قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى تەتقىقات ماقاللىرى ئىلان قىلىندى.
(2) ئەدەبى ئىجادىيەت جەھەتتە:
ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە چىقىدىغان «قەشقەر گىزىتى»،«قەشقەر ئەدەبىياتى»،«يىڭى قاشتىشى» «تارىم»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«شىنجاڭ ئاياللىرى»،«شىنجاڭ گىزىتى»،‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى››«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»‹‹كرورەن›› قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا 750 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر،150 پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات ئەسەرلىرى ئىلان قىلىندى.ئۇندىن باشقا يەنە 1992-يىلى 2- ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدىن «جانان بىلەن ئىيىتقان ناخشىلار»(250بەت)، 2001-يىلى 6-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن «سۆيىۋالاي مەڭزىڭگە قۇياش» (170بەت) 2002-يىلى 10- ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن «تەنھا تىنىقلار»(160بەت)ناملىق ئۇچ پارچە شىئېرلار توپلىمى نەشېر قىلىنىپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۇشتى.
(3)خىزمەتكە چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ۋە ئۇيغۈر تىلى دەرىسلىكىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. بۇجەرياندا تەتقىقات ئاساسىدا تۇزۇپ چىققان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن «ئەدەبىيات يېتەكچىسى»(جەمئې 8قىسىم، 2000 -يلى 5- ئايدا قەشقەرئۇيغۈر نەشىرياتى تەرىپىدىن)، باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۈرتىلى دەرىسلىكىدىكى «كۆنۇكمە ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىك جاۋاپلىرى»(جەمئى 4قسىم) 2002-يىلى 10- ئايدا شىنجاڭ ياشلا-ئۆسمۇرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن)قاتارلىق كىتاپلىرى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
(4) يىقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات دەرىسلىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى تىخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم بىرىش،ئۈگىنىش،جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىش دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەش بىلىم قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاش ئارزۇسىنى نەزەردە تۇتۇپ بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلنىپ يەنەتارىخ،ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت 7 پارچە كىتاپنى يىىزىپ پۇتتۇرۇپ نەشىرياتقا تاپشۇردى.
3. قولغا كەلتۇرگەن مۇۋاپىقىيەتلىرى:
يولداش مۇھەممەت ئەخمىدى ھازىرغا قەدەر مەكتەپ تەرىپىدىن يىللىق خىزمەت ئىلغارى،مەنىۋى مەدەنىيلىك خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس،ئوقۇتۇش ماھىرى،ئىلغار سىنىپ مۇدىرى دىگەن ناملاردا 16 قىتىم مۇكاپاتلانغاندىن باشقا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، يەكەن ناھىيلىك پارتىكۇم ،تەشۋىقات بۆلۇم، مەدەنىيەت ئىدارىسى، ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن 1992-يىلى «يىڭى دەۋىر ئىجادىيتىدىكى ئىلغار شەخىس»1993-1994 يىللىرى «ئەدەبى ئىجادىيەت خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس»1995-يىلى «مەدەنىيەت،ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس»،«ئىلغار ئىجادىيەتچى»قاتارلىق ناملاردا 14 قىتىم مۇكاپاتلىنىپ شەرەپ گۇۋاھنامىسىگە ئىرىشتى. 2000-،2001-،2002-،2003-2004-2005-يىللىرى مەكتەپ تەرىپىدىن يىللىق خىزمەت ئىلغارى بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى. 2004-يىلى 9-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئىرىشتى. 2005-يىلى 7- 8 -ئايلاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا‹‹جۇڭگۇدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار قامۇسى›› ۋە‹‹ جۇمھۇرىيەت تۈۋرىكى››ناملىق قامۇسلارغا كىرگۈزلۈپ ئىش پائالىيەتلىرى رەسىم بىلەن مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى.2008-يىلى 12-ئايدا ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى شەرىپىگە ئىرىشتى.
0
تەۋسىيە 0
ئالقىشلاش
تەۋسىيە 0
ئالقىشلاش
مۇناسۋەتلىك ماقالە
[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]









