MySQL ۋە MSSQL نىڭ پەرقى
2009-01-27 02:18:09 ئاپتۇرى : Uyghurweb
مەنبەسى : Uyghurweb كۆرۈلىشى : 0
بىز ئادەتتە ھەرىكەتچان ھالەتتىكى تور بېتى ياسىغان ۋاقتىمىزدا، يېڭىدىن قوشىلىۋاتقان مەزمۇن، ئۆزگىرىۋاتقان مەزمۇن، ئۆچۈرىلىۋاتقان مەزمۇن قاتارلىق ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ساقلاشقا مەجبۇر بولىمىز. خۇددى بىز يېڭىدىن نەرسە كېرەك سىتىۋالغاندا ئۇنى قويىدىغان ئورۇن تاللىغاندەك، ياكى بىزنىڭ مەلۇم بىر ئۆينى ئامبار سۈپىتىگە ئىشلەتكىنىمىزگە ئوخشاش. بۇ ئۇچۇرلارنى ساقلاشتا بىزنىڭ ئالدى بىلەن ئويلاشقا تىگىشلىك مەسىلىمىز قانداق ئۇسۇلدا ساقلاش، قايسى ئامباردىن پايدىلىنىش دېگەنلەر. بۇ خۇددى بىز كومپيۇتېر قويىدىغان ئۆي، مىھمان باشلايدىغان ئۆيلەرنى تاللاپ بىكىتىككىنىمىزگە ئوخشايدۇ. بىز بۇلارنى ئويلىشىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن كىيىنكى پائالىيەتلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرالايمىز. تور بەتلىرىمىزنى ياساشقا كىرىشەلەيمىز. بۇ بىزنىڭ كەسپى ئاتالغۇ سۆزىمىز بولغان «ساندان» مەسىلىسىدۇر.
ھازىر ئاساسىي ئېقىم سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ساندانلاردىن MSSQL, MySQL ۋەAccess قاتارلىقلار بار. بۇلار بىزگە تونۇشلۇق بولسىمۇ لېكىن بىز بوشلۇق سىتىۋالغان ۋاقتىمىزدا دىققەتسىزلىكىمىزدىن ئۆزىمىز ئىھتىياجلىق بولغان سانداننى تەمىنلىگەن بوشلۇقنى سىتىۋالالماي، بەزى بىر ئاۋارچىلىقلارغا يولىقىپمۇ قالىمىز. بىز ئالدىنقى قېتىم Access ساندىنى ۋە MySQL ساندىنىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.( قىزىقسىڭىز ئاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلار قاتارىدىن كۆرۈڭ.) بۇ قېتىم MySQL ۋە MSSQL نى سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇلار بىلەن تېخىمۇ ئىنچىكە تونۇشۇپ چىقىمىز.
بۇلارنىڭ پەرقلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، MSSQL نىڭ تولۇق ئىسمى ياكى رەسمى ئىسمى SQL Server بولۇپ بۇ سانداننى Microsoft شىركىتى ياسىغان. MySQL نى بولسا MySQL AB شىركىتى ياسىغان.
ئىككىنچى، قوللايدىغان مۇھىت جەھەتتە: MySQL بارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىجرا بولىدۇ. linux مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. MSSQL بولسا پەقەت Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىجرا بولالايدۇ.
ئۈچىنچى، بىز ئەڭ كۆپ باش قاتۇرىدىغان مەسىلە __خىراجەت جەھەتتە: MySQL نىڭ linux مەشغۇلات سىستېمىسىغا قاچىلىنىدىغىنى ھەقسىز، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا قاچىلىنىدىغىنى 200 $ ئەتراپىدا. SQL Server2005 نىڭ باھاسى 6000$ ئەتراپىدا. ئەگەر سىز شىركەت ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بولمىسڭىز ئەڭ ياخشىسى MSSQL نى تاللىماڭ.
تۆتىنچى، بىخەتەرلىك جەھەتتە، MySQL نىڭ بىخەتەرلىكى ناھايىتى يۇقىرى، ئاسان ۋايرۇسلانمايدۇ. MSSQL ناھايىتى ئاسان ۋايرۇسلىنىپ قالىدۇ. ئابونىت بىخەتەرلىكى MySQL نىڭكىگە يەتمەيدۇ.
بەشىنچى، ماسىلىشىدىغان پروگرامما تىلى جەھەتتە: MySQL بولسا C,C++,JAVA(JDBC),Perl,Python,PHP قاتارلىق تىللار بىلەن ماسلىشىدۇ. MSSQL بولسا C,C++,JAVA(JDBC),asp قاتارلىق تىللار بىلەن ماسلىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
Mysql نى بىلىپ قويۇڭلار
ماقالە مەنبەسى :http://www.uyghurweb.com/munber/viewthread.php?tid=3710
تەۋسىيە 0
ئالقىشلاش
مۇناسۋەتلىك ماقالە
[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]









