مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

نەزىريە ئۈگۈنىش ماتىرىيالى

2009-02-06 16:40:19   ئاپتۇرى : askarjan      مەنبەسى :    كۆرۈلىشى : 0

كادىرلارنىڭ نەزىريە ئۈگۈنىش بۇيۇنچە تەكرار قىلىشتا پايدىلىنىدىغان ماتىرىياللار توپلىمى
 

 

بىرىنچى: پارتىينىڭ ئاساسى نەزەرىيۋى بىلىملەردىن سۇئال- جاۋابلار
1. جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيسى نېمىنى ئۆزنىڭ ھەركەت قىبلىنامىسى قىلغان ؟
جاۋاپ: ماركىسىزم-لېنىنىزىم، ماۋزىدۇڭ ئىدديسى، دىڭ شىياۋپىڭ  نەزەريىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلش» مۇھىم  ئىددىيسىنى ئۆزىنىڭ ھەركەت قىبلىنامىسى قىلغان.
2. پارتىيمىزنىڭ ئۈچ چوڭ ئىسل ئىستىلى نېمە؟
جاۋاپ: بىرىنچى، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ئىككىنچى، ئامما بىلەن قۇيۇق ئالاقە باشلاش، ئۈچىنچى، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلشتىن ئىبارەت.
3. 21-ئەسىردىكى پارتىيمىزنىڭ ئۈچ چوڭ تارىخى ۋەزىپىسى نېمە؟
جاۋاپ: زامانۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشىنى تاماملاپ، دۇنيانىڭ تىنىچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
4.جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ «مىللى روھى»دېگىنىمىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
جاۋاپ: ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى يادرو قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىككە كىلىپ، تىنىچلىقىنى سۆيۈپ، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، باي بولۇپ، توختىماستىن ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىش روھىنى كۆرسىتىدۇ.
5.«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىددىيسىنى ئۈگۈنۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەملىيلەشتۈرۈشتە قايسى ئۈچنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؟
جاۋاپ: نەزەرىيە ئۈگنىش بىلەن ئەمەلىيەتكە يىتەكچىلىك قىلىشنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، ئوبىكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش بىلەن سۇبيىكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ۋە نەزەريىنى قوللىنىش بىلەن نەزەريىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
6. پارتكوملارنىڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەشتىكى پىرىنسىپى نېمە؟
جاۋاپ: كوللىكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دىمكوراتتىك مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم غۇلغۇلا قىلىپ، يىغىندا بىكىتىش پىرىنسىپىدىن ئىبارەت.
7. پارتىيمىزنىڭ ئەڭ زور سىياسى ئۈستۈنلىكى نېمە؟
جاۋاپ: ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش.
8. پارتىينىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى يادرولۇق مەسىلە نېمە؟
جاۋاپ: پارتىينىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.
9.ئىككى جەزمەن دېگىنىمىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
جاۋاپ: جەزمەن كەمتەر ئىھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلۇق ئالدىراقسانلىقتىن ساقلنىش ئىستىلىنى ساقلاش، جەزمەن جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۆرەش قىلىش ئىستىلىنى ساقلاش.
10. پارتىينىڭ ئىنتىزام جازاسى نەچچە تۈرلۈك؟
جاۋاپ: ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى  ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش، پارتىيدىن چىكىندۈرۈشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك.
11. بىز تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈچكە پايدىلىق بولۇشنى باش چىقىش نوقتىسى ۋە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشمىز كېرەك، ئۈچكە پايدىلىق بولۇشنىڭ مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاپ: سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنۋىرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشتىن ئىبارەت.
12. تۆت ئاساسى پىرىنسىپنىڭ مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاپ: سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش، جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق دمكۇراتتىيە دېكتاتۇرسىدا چىڭ تۇرۇش، ماركىسىزم-لېنىنىزىم ، ماۋزىدۇڭ ئىددىيسىدە چىڭ تۇرۇش.
13. جوڭگۇچە ئالاھىدىلىككە سوتسىيالىزىم قۇرۇشتىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىدى نېمە؟
جاۋاپ:جان دىلى بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئەتنى كۆزلەش.
14. پارتىينىڭ ئەڭ ئالى غايىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نىشانى نېمە؟
جاۋاپ: پارتىينىڭ ئەڭ ئالى غايىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نىشانى- كوممۇنىزىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
15. مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاپ:  نەرسە ھوقۇقى، قەرىزدارلىق ھوقۇقى، پاي ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
16. ئىلغارلىق تەربىيسى پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشتا يەتمەكچى بولغان نىشان نېمە؟
جاۋاپ: بىرىنچىدىن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىككىنچىدىن، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىش؛ ئۈچىنچىدىن، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش؛ تۆتىنچىدىن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش.
17. پارتىينىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى قايسى تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاپ: پارتىينىڭ ئاساسى قاتلام كومتېتى،  باش ياچېيكا كومتېتى ۋە ياچېيكا كومتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
18. دۆلتىمىزنىڭ سوتسىيالىزىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى تەقسىمات تۈزۈمى نېمە؟
جاۋاپ: ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل تەقسىىمات شەكلى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك تەقسىمات تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت .
19. پارتىينىڭ دىموكىراتتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئاساسي مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاپ: پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تەشكىلىگە بوي سۇنۇش، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا بوي سۇنۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارغا بوي سۇنۇش، پۈتۈن پارتىيدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى پارتىينىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە مەركىزى كومېتتقا بوي سۇنۇشتىن ئىبارەت.
20. «ئۈچكە ۋەكىللىك قلىش»مۇھىم ئىددىيسىنىڭ ئىخچاملاشتۇرۇلغان كونكىرىتنى مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاپ: جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيسى چۇقۇم باشتىن ئاخىر جوڭگۇدىكى ئىلغار ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىشى، جوڭگۇدىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يۈۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىشى، جوڭگۇدىكى ئەڭ كەڭ خەلىقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش كېرەك.
21. جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ خاراكتىرى نېمە؟
جاۋاپ: جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى جوڭگۇ ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارىت ئەتىرىتى،  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جوڭگۇ خەلقى ۋە جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارىت ئەتىرىتى، شۇنداقلا جوڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىدۇر.
22. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىددىيسىنىڭ تۈپ ماھىيتى نېمە؟
جاۋاپ: ئومۇم  ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىميەت يۈرگۈزۈش.
23. سوتسىيالىستىك دېمكۇراتتىك سىياسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئەڭ تۈپكى مەسىلە نېمە؟
جاۋاپ: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق ئۆز-ئۆزىگە خۇجا بولۇش بىلەن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىىدارە قىلىش- پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتكى ئاساسلىق تەدبىردۇر.
24. پارتىينىڭ ئىلغارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ تۈپ تەلىۋى نېمە؟
جاۋاپ: ئىددىينى ئازاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىددىيۋى لۇشىيەن ۋە ئىددىيۋى ئىستىلدا چىڭ تۇرۇش.
25. پارتىينىڭ رەھبەرلىكى ئاساسلىقى قايسى جەھەتتىكى رەھبەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟
جاۋاپ: پارتىينىڭ رەھبەرلىكى ئاساسلىقى سىياسى، ئىددىيۋى ۋە تەشكىلى جەھەتتىكى رەھبەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
26. دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى دىپلۇماتسىيىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى نېمە؟
جاۋاپ: مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خۇجا بولۇش، تامامەن باراۋەر بولۇش، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشىش، ئىچكى ئىشلىرىغا ئۆز-ئارا ئارلاشماسلىق پىرىنسىپى.
27. «پارتىيلىك رەھبىلىرى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىگە قۇيۇش خىزمىتىنىڭ ۋاقىتلىق نىزامنامىسى»دىكى بەلگىلىمىدە پارتىيلىك رەھبىرى كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىگە قۇيۇشتا چوقۇم چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك ئالتە چوڭ پىرىنسىپ قايسى؟
جاۋاپ: 1) پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرنسىپى؛ 2) ئەخلاقى، ئەقلى جەھەتتىن تەڭ يىتىلگەن بولۇش، ياخشىلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇش پىرىنسىپى؛ 3) ئامما ئىتراپ قىلىش، ئەمىلى نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بىرىش پىرىنسىپى؛ 4) ئاشكارا، باراۋەر بولۇش، رىقابەتلەشتۈرۈپ ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپى؛ 5) دېمكۇراتتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرنسىپى؛ 6) قانۇن بۇيىچە ئىش بىجىرىش پىرىنسىپى؛
28. پارتىينىڭ سوتسىيالىزىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسى لۇشىيەنى نېمە؟
جاۋاپ: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسى پىرىنسىپتا، ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشتە چىڭ تۇرۇپ،  ئۆز  كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېمكۇراتتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك زامانۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەت.
29. پارتىينىڭ ئىنتىزامى نېمە؟
جاۋاپ: پارتىينىڭ ئىنتىزامى- پارتىينىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى چۇقۇم رىئايە قىلشقا تىگىشلىك ھەركەت مىزانىدۇر. ئۇ  پارتىينىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش پارتىينىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشنىڭ كاپالىتى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوقۇم پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ۋە ئۇنى قوغدىشى  كېرەك. كومپارتىيە ئەزالىرى چوقۇم پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ چەكلىشىنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلىشى لازىم.
30. يولداش دېڭ شىياۋپىڭ بارلىق پارتىيە ئەزالىرى يولداش  ماۋزىدۇڭ ئوتتۇرغا قويغان قايسى بەش خىل ئىنقىلاۋى روھنى جارى قىلدۇرۇش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن؟
جاۋاپ: بىرىنچى، ئىنقىلاۋى روھ ۋە جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى جارى قىلدۇرۇش؛ ئىككنچى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى؛ ئۈچىنچى، شەخسىيەتىسىز بۇلۇش ۋە جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە كەينىدە تۇرۇش روھى؛ تۆتىنچى، بارلىق دۈشمەنلەرنى ۋە بارلىق قىينچىلقلارنى بېسىپ چۈشۈش روھى؛ بەشىنچى، ئىنقىلاۋى ئۈمۈتۋارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تۈمەنلىگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش روھى؛
31. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى ئىقتسادىي تۈزۈمى نېمە؟
جاۋاپ: ئومۇم مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساسى گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلكىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇش.
32. ئىلمي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى نېمە؟
جاۋاپ: 1) ئومۇمى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنى ئورتاق تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئاساسى ئىقتسادىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. 2) شەھەر يېزىلارنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلمىسىنى تەدىرىجى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولغان تۈزۈلمىنى ئورنۇتۇش. 3) رايۇنلار ئىقتسادىينىڭ ماس تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان تۈزۈلمىنى شەكىللەندۈرۈش. 4) بىر تۇتاش ئېچىۋىتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان ھازىرقى زامان بازار سېستىمىسىنى قۇرۇپ  چىقىش. 5) ماكرولۇق تەڭشەش سېستىمىسى، مەمۇرى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئىقتسادىي قانۇن تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. 6) ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم تەقسماتى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئىقتسادىي، ئجىتىمائى ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مىخانىزمىنى ئورنىتىش.
33. غەربىتىكى بەزەن تەرەققى قىلغان  كاپتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرگە قارىتا تىنىچ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى نېمە؟
جاۋاپ: سىياسى جەھەتتە غەربنىڭ كۆپ پارتىيە تۈزۈمى ۋە پارلامىنىت تۈزۈمىنى كومپارتىينىڭ رەھبەرلىك ئورنى ۋە خەلق دېكۇراتتىيە دىكتاتۇرسىدىكى دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ئىقتسادىي جەھەتتە كاپتالىستىك خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى سوتسىيالىستىك ئومۇمى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، ئىددىيە، مەدەنىيەت جەھەتتە كاپتالىستىك ئاڭ فورماتسىينى سوتسىيالىستىك ئاڭ فورماتسىينىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ئاخىردا ئاتالمىش «ئۇرۇش قىلماي، غەلبە قىلىش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت.
34. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇشۇن قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمى تەلىپى نېمە؟
جاۋاپ: سىياسى جەھەتتە لاياقەتلىك بولۇش، ھەربى ئىشلاردا سىناقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بولۇش، ئىستىلى ياخشى، ئىنتىزامى قاتتىق، كاپالىتى كۈچلۈك بولۇش.

ئىككىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلمىلىرىگە ئائىت سۇئال- جاۋابلار

35. نۆۋەتتە رايونىمىزنىڭ دۈشمەنگە قارشى كۆرەش ۋەزىيتىدە قانداق ئالاھىدىلىك كۆرىلىۋاتىدۇ؟
جاۋاب: تەشكىلات شايكىللىرى كۆلەملىشىش، ئەكسىيەتىچىل تەشۋىقات ئاشكارا بۇلۇش، ھەركەت شەكىلى زوراۋانلىشىشتەك گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك كۆرىلىۋاتىدۇ. خەلقئارا دىنى رادىكال تەشكىلات «ئىزبوت»تەشكىلاتى گەرچە ج خ ئورگانلىرىمىزنىڭ قاتتىق زەربە بىرىشكە ئۇچرىغان بۇلسىمۇ، لىكىن يەنە خېلىلا جاھىل بۇلۇپ، قايتا- قايتا زەربە بەرسەكمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ يەرلىكلىشىش ۋە زوراۋانلىشىش خاھىشى بارغانسىرى روشەنلىشىپ، خەۋىپى تېخمۇ ئېغىر بۇلىۋاتىدۇ.
36. رايونىمىزدا «ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ دىندىن پايدىلنىپ، ئېلىپ بارغان بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەركىتىنىڭ ئاساسىلىق ۋاستىسى نېمە؟
جاۋاب: دىن ئەزەلدىن «ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ بۆلگۈنچلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىنى ئىلىپ بىرىشتا تاينىدىغان مۇھىم ۋاستىسى بۇلۇپ كەلدى. يېقنىقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان، بىز زەربە بەرگەن مىللى بۆلگۈنچىلىك تەشكىلات شايكىللىرىنىڭ ھەممىسى دىندىن پايدىلنىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىنى ئىلىپ بارغان، ئۇنىڭ ئەڭ تىپىك بولغىنى «ئىزبوت» تەشكىلاتى بۇلۇپ، «ئىزبوت» تەشكىلاتى ئەزا تەرەققى قىلىدۇرغاندا، ئالدى بىلەن رادىكال دىنى ئەقىدىنى سىڭدۈرۈپ، بەلگۈلىك دەرجىگە يەتكەندىن كېيىن، «غازات»نى تەرغىپ قىلغان، ئۇنىڭ ئاممىنى كۈشكۈرتىشى ۋە ئالدىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بۇلۇپ، ئۇنىڭ مەقسىدى بار كۈچى بىلەن ئەزا تەرەققى قىلىدۇرۇپ، بىزنىڭ ھاكىميەت ئاساسىمىز ۋە ئاممىۋى ئاساسىمىزنى پارچىلاپ، ئۇرۇش قىلماي غەلبە قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.
37. دىنى ئىشلارنى باشقۇرۇشتا قايسى پىرنسىپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؟
جاۋاب: دىنى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە چۇقۇم قانۇنلقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى تۇسۇش، سىڭىپ كىرىشنى چەكلەپ، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە زەربە بىرىش پىرىنىسىپنى قەتئى تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، ھەم باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، ھەم باشقۇرۇشقا ماھىر بۇلۇپ، تۈرلۈك قانۇنسىز دىنى ھەركەتلەرنى چەكلەپ، دىنى رادىكال ئىددىيلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشنى ئۈنۈملۈك چەكلەپ، دىنى رادىكال كۈچلەر ۋە تۈرلۈك دىندىن پايدىلنىپ ئىلىپ بارغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەركەتلەرگە قەتئى زەربە بىرىش لازىم. ھەج- تاۋاب قىلىشىنى تەشكىللەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاممىغا توغرا تەشۋىق قىلىپ ۋە ئاممىنى توغرا يىتەكلەپ، تارقاق ھەج قىلىش ھەركىتىنى قەتئى تۇسۇپ، نورمال دىنى پائالىيەت تەرتىۋىنى قوغداش لازىم.
38. ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم نوقتىسى نېمە؟
جاۋاب: ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەر تۈپ جەھەتتىن ئالغاندا ئاممىغا تەشۋىق قىلىش خىزمتى شۇنداقلا ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىدۇر. مۇقىملىقنى قوغداشتا پەقەت قاتتىق زەربە بىرىش خىزمىتىگە تاينىپلا، ئاممىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوزغىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەندە، زەربە بىرىپمۇ، ئۈنۈملۈك زەربە بىرەلمەسلىك، ئالدىنى ئېلىپمۇ، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالماسلىقتەك پاسىسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قىلىپ، ئۇزاققىچە تىنىچ- ئامان بۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بىز چۇقۇم ئىدىئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز، ئۇنى مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تۈپتىن تۈزەش تەدبىرى ۋە ئۇل خىزمىتى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنى ئۇمۇميۈزلۈك قوزغىتىپ، دۈشمەنگە زەربە بىرىشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى شەكىللەندۈرۈشمىز كېرەك.
39. ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى تەربىيلەشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى قايسى؟
جاۋاب: تۈرلۈك تەشۋىقات قۇراللىرى ۋە تەشۋىقات ۋاستىللىرىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلىدۇرۇپ، ھەرمىللەت كادىرلار ئاممىسى بۇلۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش كېرەك. ماركىسىزملىق «بەش قاراش»، «تۆتىنى يۈكسەك بىلىش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىددىيسى»، رايونىمىز ۋە ناھيمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلگەن يېڭى مۇۋاپپىقىيەتلىرى ۋە ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى قىياپەتلەرنى، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئۇرۇنلىشىش، داۋالنىش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئۇقۇتۇش، تۇرالغۇ ئۆي، ئىچىملىك سۇ ۋە قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىللىرىنى ھەل قىلىشتىكى ئەمەلى نەتىجىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ پارتىيە- ھۆكۈمەتكە ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە تەلپۈنۈشچانلىقىنى  ئۆزلۈكسىز ئاشۇرۇش لازىم.
40. ياش – ئۆسمۈرلەرنى ياخشى تەربىيلەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ ئاساسلىق تەدبىرلىرى قايسى؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزە قۇرلۇشىنى كۈچەيتىپ، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيلەش، قانداق ئادەملەرنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، سىياسى جەھەتتە ئاجىز ۋە سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك بولمىغان مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىسىنى قەتئى تەڭشەش، رەھبىرى كادىرلىرىنى قەتئى تەڭشىۋىتىش لازىم. ئىككنچىدىن، ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسى تەلەپنى چىڭتىپ، دەرىس مۇنبىرىدىن پايدىلنىپ، بۆلگۈنچىلىك ئىددىيسىنى تارقىتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلىگەن ھەتتا، «ئىزبوت»تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇقۇتقۇچىلارنى چۇقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ۋە ئۇنداق ئۇقۇتقۇچىلارغا قەتئى زەربە بىرىش لازىم. ئەخلاقلىق ئادەم بۇلشىنى مائارىپ تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمىيەت زىچ ماسلاشقان تەلىم- تەربىيە سىېستىمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
41. مەكتەپلەرنىڭ سىياسى ئىددىيۋى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم نوقتىسى نېمە؟
جاۋاب: «قوش تىل»مائارىپى ۋە مىللىچە ئۇقۇتۇشتىكى، خەنزۇچە ئۇقۇتۇشتىكى مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى ئسىتىراتىگىيلىك يۈكسەكلىتىن زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجتىپ، ھەرمىللەت ئۇقۇغۇچىللىرىنى كىچكىدىن باشلاپ، ئۆز- ئارا تىل ئۈگىنىش، ئۆز- ئارا دوستلىشىشقا يىتەكلەپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمىيەتنىڭ ئۇزاققىچە تىنىچ- ئامان بۇلىشىغا پۇختا ئاساس سېلىشىتىن ئىبارەت.
42. مەدەنىيەت بازارلىرىغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم نوقتىسى نېمە؟
جاۋاب: ھەردەرجىلىك مەدەنىيەت، ج خ ۋە سودا- سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى زىچ ماسلىشىپ، مەدەنيەت بازارلىرىنى ئېنىقلاپ، تەرتىپكە سېلىش ھەركىتىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «غازات» ۋە مىللى بۆلگۈنچىلىك ئىددىيسى تەرغىپ قىلنغان تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى قەتئى تەكشۈرۈپ يىغۋېلىش ھەمدە ئۇنىڭ تۈپ كىلىش مەنىبىينى ئېنىقلاپ، ئەكسىيەتچىل تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى بېسىش ئۇۋۋىللىرىنى بىتچىت قىلىپ، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ، تەشكىللىگۈچى ۋە قۇماندانىلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاپ، مەدەنىيەت بازارلىرىنى ھەقىقى، چىڭ ۋە ياخشى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت.
43. نېمە ئۈچۈن ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؟
جاۋاب: ئەرزىيەت خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئاممىۋى خىزمەت بۇلۇپ، ئۇنى ياخشى ئىشلىگەندە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، ئىناقسىزلىق ئاممىللىرىنى ئازايتىقىلى بۇلىدۇ. ياخشى ئىشلمىگەندە ئاممىدا قارشىلىشىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
44. كەنىت پارتىيە ياچايكىسى قۇرلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ يادوروسى نېمە؟
جاۋاب: كەنىت پارتىيە ياچايكىسى قۇرلۇشىنىڭ يادوروسى باشلامچىنى توغرا تاللاشتىن ئىبارەت. 7- قېتىملىق كەنىت كومتېتىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلام خىزمىتىنى باشتىن- ئاخىر ياخشى ئىشلەپ، كەنىت پارتىيە ياچايكا شۇجىسى ۋە كەنىت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى بىر ئادەم ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۇمۇميۈزلۈك يولغا قۇيۇپ، سىياسى جەھەتتە ئىشەنچىلىك، ئىددىيە جەھەتتە ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان كەنىت ياچايكا شۇجىلىرىنى قاتتىق تاللاپ، ۋەزىپىگە قۇيۇش ۋە تەربىيلەشتىن ئىبارەت.
45. مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى نېمە؟
جاۋاب: ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈپ تۈزەش خىزمىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ يىللىق مۇھىم نوقتىسى ئۇدا تەرتىپكە سېلىش ئىلىپ بىرىلغان بۇلىسىمۇ لېكىن، مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان كەنىتلەر ۋە «ئۈچ خىل كۈچلەر» تەشكىلات شايكىسىغا چېتىشلىق خادىملارنىڭ ھەركىتى كۆپ بولغان ئۇرۇنلارغا كۈچلۈك خىزمەت ئەتىرتىنى تاللاپ ئەۋەتىپ، كەنىتتە تۇرۇپ تۈزەش ئىلىپ بىرىش كېرەك. نوقتىلىق ئامانلىق ئەھۋالنى ياخشىلاپ، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، ئاممىنى تۇلۇق قوزغۇتۇپ، مەسىلە ھەل بولمىغۇچە خادىملارنى چىكندۈرمەي، خىزمەتلەرنى توختىتىپ قويماي بەزەن ئۇرۇنلاردا ھەريىلى تۈزەش ئىلىپ بىرىلسىمۇ ئەسلىگە قايتىش ھادىسىلىرىنى ھەقىقى ئۆزگەرتىش كېرەك. خىزمەتكە تۇلۇق كۆڭلىنى قويمىغان، مەسىئۇلىيتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، تۈزەش مەزگىلىدە زور جىنايى ئىشلار دېلوسى كۆرۈلگەن ياكى تۈزەش ئىلىپ بىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەكسىيەتچىل تەشكىلات شايكىسى تەكشۈرۈپ، بايقالغان ئۇرۇن ۋە خىزمەت ئەتىرەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش لازىم.
46. تىنىچ- بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش پائالىيتىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ كونكىرىت تەلىۋى قايسى؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تىنچ- بىخەتەرلىك قۇرلۇشىنى بىرنچى قول قۇرلۇش سۈپتىدە شۇ جاينىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئۇمۇمى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى يېزا- بازارلار تىنچ- بىخەتەرلىك قۇرلۇشى ئاپپاراتى ۋە ئىشخانىسى قۇرۇپ، خىزمەتچى خادىم ئاجرىتىشى كېرەك. ئىككنچىدىن، سېلنمىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، كاپالەت بىلەن تەمىن ئىتىپ، ج ك پ مەركىزى كومتېتى ۋە گۇۋۇيۈەننىڭ «جەمىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش توغرىسىدىكى پىكىرى» ۋە «ج ك پ مەركىزى كومتېت بەنگۇڭتىڭى، گۇۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى تارقاتقان <مەركىزى سىياسى قانۇن كومتېتى، مەركەز جەمىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش كومتېتىنىڭ تىنىچ- بىخەتەرلىك قۇرلۇشىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرى>توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن، جەمىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەش ۋە تىنىچ- بىخەتەرلىك قۇرلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئۇمۇمى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تىنىچ- بىخەتەرلىك قۇرلۇشىغا كىتەرلىك راسخوتنى مالىيەنىڭ يىللىق خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، نورمال خىزمەت ئىھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار چۈشۈرگەن تىنىچ- بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش كۆرسەتكۈچىنى ئەستايدىل ئۇرۇنلاش لازىم.
47. جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداشتا قوللنىدىغان تەدبىرلەر قايسى؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، گەۋدىلىك ئامانلىق مەسىللىرىنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ، جىنايى ئىشلار جىنايى ھەركەتلىرىگە قاتتىق زەربە بىرىپ، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي ئامانلىق تەرتىۋىنى قوغداش؛ ئىككنچىدىن، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تەكشۈرۈشنى ئەستايدىل قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئامانلىق ۋەزىيتىنى ئىلمي ئانالىز قىلىپ، ئامانلىق ۋەزىيتىنى تەھلىل قىلىشىنىڭ توغرىلىقىنى ئاشۇرۇپ، شۇ جاينىڭ گەۋدىلىك ئامانلىق مەسىللىرى ۋە ئامانلىق ۋەزىيتى قالايمىقان بولغان رايونلارنى تەكشۈرۈپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەخسۇس تۈزەش ۋە نوقتىلىق تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئىلىپ بىرىپ، مەسىلىنى بەلگۈلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ھەل قىلش؛ ئۈچنچىدىن، نوقتىلىق تەرتىپكە سېلنىدىغان ئۇرۇنلارنىڭ شۇ يىل ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ئامانلىقدا كۆرىنەرلىك ياخشىلنىش بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
48. «فالۇن»گۇمپىسى ۋە تۈرلۈك بىدىئەد تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەركەتلىرىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق زەربە بىرىش كېرەك؟
جاۋاب: «فالۇن»گۇمپىسى مەشىق قىلغان خادىملارنى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ، ياردەم بىرىپ تەربىيلەپ، ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىڭ زورىيىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ، رەتكە تۇرغۇزمىغان، كونتىرول قىلمىغانلارغا قارىتا مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بويىچە، ئالاقىدار رەھبەرلىكنىڭ مەسئۇلىيتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش لازىم.
49. ئاممىۋى خاراكتىرلىك زور ۋەقەلەرنى بىكىتىشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، توپلىشىپ ماشىنا، پويىز قاتارلىق قاتناش ۋاستىللىرىنى توسىۋېلىش، تۆمۈر يول، تاشيول، كۆۋرۈك قاتارلىق قاتناش لنىيەلىرىنى توسىۋېلىش، تۆمۈر يول قاتارلىق كەسىپى تەڭشەش ئاپپاراتلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۆمۈر يول، تاشيول، قاتناش تىرانسىپورتىنىڭ ئۆزلۈپ قېلىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ ئىككنچىدىن، 50دىن ئارتۇق ئامما توپلىشىپ ئەرىز قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بىرىپ، ئورگانلارنىڭ نورمال خىزمەت تەرتىۋىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىغان بولسا؛ ئۈچنچىدىن، كارخانلاردا تۈزۈم ئۆزگەرتىش، شەھەرلەردىكى چېقىپ، كۆچۈرۈش، يەر ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ياكى ئوتلاق، ئورمان، سۇچىلىق ئىشلىرى سەۋەبىدىن شۇنداقلا ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئوتتورىسىدىكى زىددىيەت- ماجرالار سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان، 50 دىن يۇقىرى ئادەم توپلىشىپ تاياق- توقماقلىق ئۇرۇشۇش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.
50. «ئىزبوت»تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق جىنايى پاكىتلىرى ۋە ئىجتىمائىي خەۋىپى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلنىدۇ؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، زوراۋانلىقى: زوراۋانلىق، تېروررلۇق ھەركەتلىرىنى ئىلىپ بىرىش- «ئىزبوت»تەشكىلاتنىڭ تۈپ ماھيەتلىك ئالاھىدىلىكىدۇر. «ئىزبوت» تەشكىلاتى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە تەرەققى قىلىپ ۋە يامراپ، ئۆز مەقسىدىنى ئەڭ ئاخىرىدا يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، پارتىلتىش قاتارلىق بىر قاتار تېروررلۇق ۋاستىللىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان؛ ئىككنچىدىن، ئالدامچىلىقى: مۇسۇلمان ئاممىنىڭ ساددا دىنى ئىدىقادىدىن پايدىلنىپ، ئاممىنى ئالداش ۋە قايمۇقتۇرۇش- «ئىزبوت»تەشكىلاتىنىڭ ئەزا تەرەققى قىلىدۇرۇشتىكى ئاساسلىق ھيلە- مىكرىسىدۇر؛ ئۈچنچىدىن، رادىكاللىقى: «ئىزبوت»تەشكىلاتى ھەم زوراۋانلىق، تېروررلۇق كۈچى ھەم ئەسەبى دىنى كۈچتۇر. ئۇ ئىددىيە جەھەتتە جەمىيەتكە، ئىنسانلارغا قارشى تۇرۇشتەك رادىكاللىققا ئىگە، ھەركىتى جەھەتتە زوراۋانلىق ۋە تېروررلۇق ۋاستىسىنى قوللنىپ، دۆلەتنى پارچىلاپ، شنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن پارچىلاپ چىقىشقا ئۇرۇنۈشتەك رادىكاللىققا ئىگە.
51. «ئىزبوت»تەشكىلاتىنىڭ ئەكسىيەتچىل كىتابلىرى ئاساسىلىقى قايسىلار؟
جاۋاب: «ئىسلام نىزامنامىسى»، «ئىسلام دۆلەتلىرى»،  «ئىزبوت تەھرىر پىروگىراممىسى»، «ئىسلام ئېڭى»، «خەيىم- خەتەر ۋە قاراش»، «ئسلام نېمە ئۈچۈن؟»، «ئىسلام يولى»، «ئىسلام نوقتىنەزىرىدىن ھاياتقا نەزەر»، «سەن كېم؟»، «دۇئا- تىلاۋەت».
52. ئەرزىيەت خىزمىتىدە قايسى پىرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇش كېرەك؟
جاۋاب: ئەرزىيەت خىزمىتىدە چۇقۇم ھەردەرجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بۇلۇش، كىم ئاساسلىق باشقۇرسا، شۇ مەسئۇل بۇلۇش، مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە، ۋاقتىدا، شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىش بىلەن تەربىيلەپ يىتەكلەشنى ئۆز- ئارا بىرلەشتۈرۈش پىرنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ئۈچنچى، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيى ۋە «پارتىيە نىزامنامىسى»غا ئائىت بىلىملەردىن
سۇئال- جاۋابلار
53. جوڭگۇ كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ 17-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى قاچاندىن قاچانغىچە ئېچىلدى؟
جاۋاپ: 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە ئېچىلدى.
54. پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى نېمە؟
جاۋاپ : جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۇتۇرۇپ ، دېڭ شىياۋپىڭ نەزەريىسى ۋە « ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيسىنى يىتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، ئىدىينى داۋاملىق ئازات قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچۋىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۇرۇتكە بۇلۇپ، جەميەتنىڭ ئىناقلقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىشىنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەت .
55.  17 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىشنىڭ تارىخىي رۇلى ۋە زور ئەھمىيتىگە قانداق باھا بىرىلدى ؟
جاۋاپ : ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش __ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن ئاچقۇچلۇق تاللاش، جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە سوتسىيالىزىمنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۇللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بېسىشقا تېگىشلىك يول، سوتسىيالىزىملا جۇڭگۇنى قۇتقۇزالايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىتىشنى يولغا قويغاندىلا جۇڭگۇنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى، سوتسىيالىزمنى ، ماركسزمنى راۋاجلاندۇرغىلى بۇلىدۇ .
56. جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم يولىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى نېمە ؟
جاۋاپ :جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم يولى __جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەۋقەنى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىغا قۇيۇپ ، ئىقتسادىيي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ ، توت ئاساسىي پىرىنسىپتا ، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشتە چىڭ تۇرۇش، ئىجتىمائىيي ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنى ئازات قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇپ،  سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى، سوتسىيالىستىك دىمۇكىراتىك سىياسىي، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىپ، باي ، قۇدرەتلىك، دىمۇكىراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان جۇڭگۇ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت .
57. جوڭگۇچە ئالاھىدىلككە ئىگە سوتسىيالىزىم نەزەرىيە سېستىمىسى دىگەن نېمە؟
جاۋاپ: جوڭگۇچە ئالاھىدىلككە ئىگە سوتسيالىزىم نەزەريە سېستىمىسى دېڭ شىياۋپىڭ نەزەريىسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىددىيسى ۋە ئىلىمى تەرەققىيات قارىشى قاتارلىق زور ئىستىراتىيگىلىك ئىددىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلىمى نەزەريە سېستىمىسنى كۆرسىتىدۇ.
58. 17-قۇرۇلتاي دوكىلاتىدا ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ مەقسىدى نېمە دەپ كۆرسىتىلدى؟
جاۋاپ: ئىسلاھات ئېچىۋىتىش- پارتىينىڭ يېڭى دەۋىر شارائىتىدا خەلقنى يىتەكلەپ، ئېلىپ بارغان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابى بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىدى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زامانۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جوڭگۇ خەلقنى بېيتىپ، ئۇلۇغ جوڭخۇا مىللەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش؛ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزىمىنىڭ ئۆز ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە تەرەققى قىلىشغا تۈرۈتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى ھاياتى كۈچ بەخىش ئىتىپ، جوڭگۇچە ئالاھىدىلككە ئىگە سوتسىيالىزىمىنى بەرپا قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. زامانمىزدىكى جوڭگۇنىڭ تەرەققىياتىنى يىتەكلەش داۋامىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىينىڭ باشتىن -ئاخىر دەۋىرنىڭ ئالدىدا مېڭىشغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش دەپ كۆرستىلىدى.
59. 17-قۇرۇلتاي دوكىلاتىدا ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ تارىخى ئورنى قانداق كۆرسىتىلدى؟
جاۋاپ: ئىلمى تەرەققىيات قارىشى- پارتىينىڭ ئۈچ ئەۋلات مەركەز رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ تەرەققىيات توغىرسىدىكى مۇھىم ئىددىيسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركىسىزىمنىڭ  تەرەققىيات توغىرسىدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مىتودولوگىيسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ماركىسىزم-لېنىنىزىم، ماۋ زىدۇڭ ئىددىيسى، دېڭ شىياۋپىڭ نەزەريىسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىددىيسىنىڭ داۋامى ھەم دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىگەن ئىلمى نەزەريە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم يىتەكچى فاڭجىنى شۇنداقلا جوڭگۇچە ئالاھىدىلىككە سوتسىيالىزىمىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، چوقۇم چىڭ تۇرۇلدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇىلىدىغان زور ئىستىراتىيگىلىك ئىددىيە دەپ كۆرستىلىدى.
60. دۆلىتىمىزدە سوتسىيالىزىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت نېمە؟
جاۋاپ: خەلقنىڭ كۇنسايىن ئېشىپ بېرۋاتقان ماددى-مەنىۋى ئىھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقرىش كۇچلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت.
61. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئىلمى مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاپ: ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىرنىچى مۇھىم ۋەزىپىسى تەرەققىيات، يادروسى ئادەمىنى ئاساس قىلىش، ئاساسى تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققى قىلىش، تۈپ ئۇسۇلى بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئىتىبار بىرىشتىن ئىبارەت.
62. نېمە ئۈچۈن ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىرىنچى مۇھىم مەزمۇننى تەرەققىيات دەيمىز؟
جاۋاپ: 1) تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرلەش داۋامىدىكى مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش- يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بولۇپمۇ يېڭى دەۋىردىن بۇيانقى دۆلىتىمىز قولغا كەلتۈرگەن بىر تۈرلۈك ئاساسى تەجىربىدۇر. 2) تەرەققىيات دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. 3) ئىلمى تەرەققىيات قارىشى- دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيدىغان ماركىسىزملىق تەرەققىيات قارىشىدۇر.
 63. 17-قۇرۇلتاي دوكىلاتىدا ئىلمى تەرەققىيات، ئىناق تەرەققىيات ۋە تىنىچ تەرەققىيات تۇنجى قېتىم قانداق شەرھىلەندى؟
جاۋاپ: ئادەمنى ئاساس قىلىپ ئومۇميۈزلۈك سىجىل، ماس بولغان ئىلمى تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىشلار ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن ،جەمئىيەت ئەزالىرى ئىتتىپاق ئىناق بولغان ئىناق تەرەققىياتنى ئشقا ئاشۇرۇش ھەم دۇنيانىڭ تىنىچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنىچلىقىنى قوغدايدىغان تىنىچ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
64. ئادەمنى ئاساس قىلشتا نېمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟
جاۋاپ: خەلقنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق مەنپەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئورتاق بېيىش يۇلىدا مېڭىپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەقىيات خەلق ئۈچۈن بولۇش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
65. 17-قۇرۇلتاي دوكىلاتىدا جوڭگۇچە ئالاھىدىلككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىدا قايسى زور مۇناسىۋەتلەرنى توغرا تۇنۇش ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش لازىملىقى كۆرسىتىلدى؟
جاۋاپ: جوڭگۇچە ئالاھىدىلككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىدىكى زور مۇناسىۋەتلەرنى توغرا تۇنۇش ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، شەھەر يېزىلانىڭ تەرەققىياتى، رايۇنلار تەرەققىيات، ئىقتسادىي ئجىتىمائى تەرەققىيات، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتى، دۆلەت ئىچىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن سىرىتقا ئېچىۋىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، شەخسى مەنپەت بىلەن كوللىكتىپ مەنپەتنى، قىسمەن مەنپەت بىلەن ئومۇم مەنپەتنى، كۆز ئالدىدىكى مەنپەت بىلەن كەلگۈسى مەنپەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تۇلۇق قوزغۇتۇش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقىئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئومۇمىيىلىقىنى  بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۇنياۋى نەزەر تىكلەپ، ئىستىرايگىلىك تەپەككۇرنى كۇچەيتىپ، خەلقىئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققيات ئۆزگىرىشى داۋامىدا تەرەققىيات پۇرسىتىننى ئىگەللەشكە ماھىر بولۇپ، خەيىم-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ياخشى بولغان خەلقىئارا مۇھىت يارتىش. ھەم ئومۇميەتنى ئىگەللەپ بىر تۇتاش پىلانلاش ھەم ئومۇمىيلىقىنى يىتەكلەيدىغان ئاساسلىق خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ مەنپەتىگە چېتىلىدىغان گەۋدىلىك مەسىللەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ مۇھىم نوقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش.
66. سوتسىيالىسىتىك ئىناق جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى نېمە؟
جاۋاپ: دېمكۇراتتىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلنىدىغان، ئادىل، ھەققاني، سەمىمى، دوستانە بولغان، ھاياتى كۈچكە تولغان، تىنىچ، تەرتىپلىك بولغان، ئادەم بىلەن جەمئىيەت ئىناق بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت.
67. پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىدا خەلق ئىگىلىكىنڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققى قىلىشىنى قانداق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرغا قۇيۇلدى؟
جاۋاپ: بىرىنچىدىن، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يېڭىلىق يارتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇش. ئىككنچىدىن، ئىقتسادىي تەرەققىيات شەكىلىنى ئۆزگەرتىشنى تىزلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئەلالىشپ، دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە تۈرۈتكە بولۇش. ئۈچىنچىدىن، شەھەر يېزىلارنىڭ تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش. تۆتىنچىدىن، ئىنىرگىيە بايلىق مەنبەسىنى تىجەش  ۋە ئىكلوگىيلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققى قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. بەشىنچىدىن، رايۇنلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرۈتكە بولۇپ، دۆلەت زىمنىنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش.
68. ئىقتسادىي تەرەققىيات شەكلىنى تېزلىتىشتىكى ئۈچ ئۆزگىرىش نېمىنى  كۆرسىتىدۇ؟
جاۋاپ: ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تىزلىتىشتە ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىشقا، ئىكىسپورىت قىلىپ تۈرۈتكە بولۇشقا تايىنىشنى ئىستىمال، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىكسپورىت قىلىپ ماس تۈرۈتكە بولىشىغا ئۆزگەرتىش. ئاساسلىقى ئىككىنچى كەسىپنىڭ تۈرۈتكە بولىشىغا تاينىشنى بىرىنچى، ئىككىنىچى، ئۈچىنىچى كەسىپلەرنىڭ ماس تۈرۈتكە بولىشىغا ئۆزگەرتىش. ماددى بايلىقلارنىڭ خۇرىشىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىشنى ئاساسلىقى پەن-تېخنىكىدا ئالغا بېسىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارتىشقا تايىنىشقا ئۆزگەرتىش.        
69. دۆلىتىمىزنىڭ سىرىتقا ئېچىۋىتىشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلىقىنى ئاشۇرۇپ ئېچىۋىتىش تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى كونكىرىتنى تەلىپى نېمە؟
جاۋاپ: سىرىتقا قارتا ئېچىۋىتىشتىن ئىبارەت ئاساسى دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىشىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ئېچىۋىتىش دائىرسىنى كىڭەيتىپ، ئېچىۋىتىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتۇرۇپ، ئېچىۋىتىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىچكى تاشقى جەھەتتىىن بىرلىكتە ھەركەتكە كىلىش، ئۆز-ئارا پايدا مەنپەت يەتكۈزۈش ۋە بىخەتەر يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئېچىۋىتىش تىپىدىكى ئىقتىساد سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارلىشىش شارائىتىدىكى خەلقىئارا ئىقتسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتكە قاتنىشىش يېڭى ئۈستۈنلىكىنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
70. جوڭگۇنىڭ سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا چوقۇم چىڭ تۇرۇشقا تىگىشلىك بىر يۆنلىش، بىر ئاساس ۋە بىر نىشان قايسى؟
جاۋاپ: چوقۇم توغرا سىياسى يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى ئاساس قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغۇتۇش ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقۇم تەرتىپلىك بولۇشىنى نىشان قىلىشتىن ئىبارەت.
71. سوتسىيالىستىك دېمكۇراتتىك سىياسىنىڭ ماھىيتى ۋە يادروسى نېمە؟
جاۋاپ: خەلىقنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خۇجا بولۇشى
72. خەلىقنىڭ ئۆز- ئۆزىگە خۇجا بۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك، ئەڭ كەڭ يولى قايسى ؟
جاۋاپ : خەلقنىڭ قانۇن بۇيىچە دىمۇكىراتىك ھۇقۇقىنى يۇرگۈزىشى، ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئىشلىرى ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى، ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز – ئۆزى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئۆز – ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز – ئۆزىنى تەربىيلەش، ئۆز – ئۆزىنى نازارەت قىلىش ، كادىرلارنى دىمۇكىراتىك  نازارەت قىلىشى – خەلقنىڭ ئۆز – ئۆزىگە خۇجا بۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك ، ئەڭ كەڭ يولىدۇر.
73. 17 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ چوڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى قانداق قىلىپ ئىلگىرى سۇرۇش لازىملىقى كۆرسىتىلدى ؟
جاۋاپ: 17 –قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىن سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ چوڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۇرۇش شەرھىلەندى: بىرىنچىدىن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستىمىسىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئېدىئولوگىينىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، مەدەنىي ئىستىلنى يىتىلدۇرۇش؛ ئۈچىنچىدىن، جۇڭخۇا مەدەنىيتىنى ئەۋىج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنىۋىي ئائىلسىنى بەرپا قىلىش، تۆتىنچىدىن، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش.
74. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سېستىمىسىنىڭ  ئاساسىي مەزمۇنى نېمە ؟
جاۋاب: ماركسزملىق يىتەكچى ئىددىيە، جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئورتاق غايىسى ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات ، يېڭىلىق يارتىشنى يادرو قىلغان دەۋىر روھى، سوتسىيالىستىك شان – شەرەپ قارشىدىن ئىبارەت .
75. سوتسىىيالىستىك يادورولۇق قىممەت سېستىمىسىنىڭ جەۋھىرى نېمە؟
جاۋاب:  مىللى روھ ۋە دەۋىر روھى- سوتسىىيالىستىك يادورولۇق قىممەت سېستىمىسىنىڭ جەۋھىرىدۇر.
76. ئىناق مەدەنىيەت قۇرلۇشىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئىشلىگىلى بۇلىدۇ؟
جاۋاب: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سېستىمىسى ئارقىلىق ئىناق مەدەنىيەت قۇرلۇشىنى يىتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىناق مەدەنىيەت قۇرلۇشىنىڭ توغرا يۆنلىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك لازىم. ئىناق مەدەنىيەت قۇرلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ماركىسىزمنىڭ يىتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بىرىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئورتاق غايسىنى تۇرغۇزۇپ، مىللى روھ ۋە دەۋىر روھىنى ئەۋىج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك شان- شەرەپ قارشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سوتسىيالىستىك يادورولۇق قىممەت سېستىمىسىنى ئىناق مەدەنىيەت قۇرلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە ھالقىللىرىغا سېڭدۈرۈپ، ئۇنى كىشلەر قەلبىدىن چۇڭقۇر ئۇرۇن ئالدۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان، ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتىدىغان روھى بەلبېغىغا ئايلاندۇرۇش لازىم.
77. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نوقتا قىلغان ئىجتىمائىيي قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ نىشانى نېمە ؟
جاۋاپ : ئۇقۇيدىغانغا مەكتەپ بۇلۇش ، قىلغان ئەمگىكىدىن تاپەۋەتكە ئىگە بۇلۇش، كىسەل بولغاندا داۋالىنىش شارائىتىغا ئىگە بۇلۇش، ياشانغاندا بېقىلىش، ئولتۇردىغانغا تۇرالغۇسى بۇلۇش.
78. 17 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىشقا ئۇرۇنلىشىشىنى كېڭەيتىشنىڭ تەرەققىيات ئىستىراتگيىسى قايسى؟
جاۋاپ: پائال ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يىتەكلىشىنى كۈچەيتىش، بازارنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئىشقا ئۇرۇنلىشىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئۇرۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش. ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاش، ئۆزى ئىش تېپىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئىشقا ئۇرۇنلىشىش قارشى تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى ئىگىلىك تىكلۈگىچىلەرگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت .
79. شەھەر – يېزا ئاھاللىرىنى قاپلىغان ئىجتىمائىيي كاپالەت سېستىمىسىنى ئورنىتىشتا نېمىنى مۇھىم نوقتا قىلىش كىرەك ؟
جاۋاپ :ئىجتىمائىيي سۇغۇرتا، ئىجتىمائىيي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىيي پاراۋانلىقنى ئاساس ، ياشانغاندا ئاساسىي بېقىلىش ، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇھىم نوقتا ، خەيرى- ساخاۋەت ئىشلىرى ، سودا سۇغۇرتىسىنى تۇلۇقلىما قىلىپ، ئىجتىمائىيي كاپالەت سىستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كىرەك .
80. جۇڭگۇنىڭ ھازىر يولغا قۇيۇلىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى قايسى ؟
جاۋاپ: جۇڭگۇ ھازىر ئالدىنى ئېلىش خاراكتىرلىق دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قۇيۇۋاتىدۇ، ھەربىي تەييارلىق مۇسابىقىسى ئېلىپ بارماسلىق ،ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ھەربىي تەھدىت پەيدا قىلماسلىق، تۈرلۈك شەكىللەردىكى زومىگەرلىك ۋە ھاكىم مۇتلەقلىق سىياسىيغا قارشى تۇرۇش، مەڭگۈ زومىگەرلىك قىلماسلىق، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلماسلىقتىن ئىبارەت .
81. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىينىڭ قۇشۇن قۇرۇلىشىنى قوللاشتا نېمىدە چىڭ تۇرۇشى كىرەك ؟
جاۋاپ: ئارمىينى ھىمايە قىلىپ، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئىتبار بىرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ۋە ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇشى كىرەك .
82 . قايسى پىرىنسىپ بۇيىچە ۋەتەننىڭ تىنىچ بىرلىككە كىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغاندا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەتىگە ئۇيغۇن كىلىدۇ ؟
جاۋاپ : « بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بۇلۇش»پىرىنسىپى بۇيىچە .
83. تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋەتەننىڭ تۇلۇق بىرلىككە كىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا رىئايە قىلىندىغان فاڭجىن قايسى ؟
جاۋاپ : « تىنىچ بىرلىككە كەلتۇرۇش ، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بۇلۇش » فاڭجىنى .
84. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنىچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سىياسىي ئاساسى نېمە ؟
جاۋاپ : بىر جۇڭگۇ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش .
85. پارتىيمىز ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك ؟
جاۋاپ : چوڭ قۇرۇغلۇكتىكى 1 مىليارد 300 مىليۇن قېرىنداشلار ۋە تەيۋەندىكى 23 مىليۇن قېرىنداشلارنىڭ تۇمۇرى بىر – بىرىگە تۇتاشقان ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى. ئومۇمەن تەيۋەندىكى قېرىنداشلارغا پايدىلىق بۇلىدىغان ئىشلارلا بولسا ، ئومۇمەن تەيۋەن بۇغۇزىنىڭ تىنىچلىقنى قوغداشقا پايدىلىق بۇلىدىغان ئىشلارلا بولسا ، ئومۇمەن ۋەتەننىڭ تىنىچ بىرلىككە كىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇشكە پايدىلىق بۇلىدىغان ئىشلارلا بولسا ، بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ تىرشىپ ياخشى قىلىمىز .
86. ئۇزاققىچە تىنىچ بولغان ، ئورتاق گۈللەنگەن ئىناق دۇنيا قۇرۇشنى قانداق قىلغاندا ئالغا سىلجىتقىلى بۇلىدۇ ؟
جاۋاپ: تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىمان بۇلۇپ، تۈرلۈك خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ تىنىچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئالىي جاناپ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش __ ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، بىز ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقى قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ تىرىشچانلىق كۆرسۇتۇپ، ئۇزاققىچە تىنىچ بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن ئىناق دۇنيا قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.
87. جۇڭگۇ بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى قانداق ؟
جاۋاپ :جۇڭگۇنىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ گۇللىنىشى ۋە مۇقۇم بۇلۇشىمۇ جۇڭگۇدىن ئايرىلالمايدۇ .
88. جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى قانداق تاشقى دىپلۇماتتىيە باش مىزانىنى يولغا قۇيىدۇ ؟
جاۋاپ: تىنىچلىق، تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۇپ، مۇستەقىل ئۆز – ئۆزىگە خۇجا بۇلۇشتىن ئىبارەت تىنىچلىق تاشقى دىپلۇماتتىيە سىياسىتىنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەتىنى، دۇنيانىڭ تىنىچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۇرۇشتەك تاشقىي دىپلۇماتتىيە سىياسىتى مىزانىنى يولغا قويىدۇ.
89. ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا، بىز قانداق تاشقىي دىپلۇماتتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇىمىز ؟
جاۋاپ : دۆلەتلەرنى چوڭ – كىچىك، كۈچلۈك – ئاجىز، باي- نامرات دەپ ئايرىماي بىردەپ باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشماي، ئۆزىمىزنىڭ ئىرادىسىنى باشقىلارغا تاڭمايمىز. جۇڭگۇ خەلقئارادىكى تالاش – تارتىش ۋە قىزىق نوختىلىق مەسىللەرنى تىنىچ ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا ۋە رايۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك، ھەمكارلىقىغا تۈرۈتكە بۇلۇپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررۇرلۇققا قارشى تۇرىدۇ .
90. 17- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پۈتۈن پارتىيدىكى يولداشلار چوقۇم «قايسى 4 چوقۇم»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك دەپ تەكىتلەندى؟
جاۋاپ : تىنىچ تۇرغاندىمۇ خەيىم – خەتەرنى ئويلاپ، خەۋىپسىرەش ئېڭىنى كۈچايتىپ، ماركسزمغا، جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىمغا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللۇنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش لازىم؛ چۇقۇم مەغرۇرلۇق، ئالىدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۆرەش قىلىپ، سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى ئەستە مەھكەم ساقلەپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بۇشاشماي تىرشىىش ؛ چۇقۇم جاپالىق ئۇگۈنۈپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى ئۆزلۈكسىز يارتىش؛ چۇقۇم ئىتتىپاقلىقنى كۈچايتىپ، ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىينىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىغىنى مۇستەھكەملەش ، دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئۇغۇل – قىزلىرىنىڭ چوڭ ئىتتىپاقلىغىنى كۈچايتىپ، جۇڭگۇ خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ چوڭ ئىتتىپاقلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق قىيىنچىلىق، تۇسالغۇلارنى يېڭىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور، يېڭى غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىن ئىتىش لازىم،
91. پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چۇقۇم نېمىنى ئاساسىي لىنيە قىلىش لازىم ؟
جاۋاپ: پارتىينىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش لازىم .
92. ئۈگىنىش تىپىدىكى سىياسى پارتىيە قۇرۇش تەلىۋىگە ئاساسەن، پارتىيە قۇرلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟
جاۋاب: ئىسلاھات ئېچىۋىتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ماركىسىزم- لېنىنىزىم، ماۋزىدۇڭ ئىددىيسى، دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيسىنى چۇڭقۇر ئۈگىنىپ، پۈتۈن پارتىيىدە ئىلمي تەرەققىيات قارشىنى ئۈگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيتىنى چۇڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك.
93. قايسى تەلەپكە ئاساسلانغاندا  رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ  ئىدىيۋى ئىستىلىنى ياخشىلاپ، رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۇتۇرۇپ، رەھبەرلىك شەكلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەكلىنى ياخشىلاپ ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگىلى بۇلىدۇ ؟
جاۋاپ: ئىلمىي ھاكىمىيەت يۇرگۈزۈش، دىمۇكىراتتىك ھاكىمىيەت يۇرگۈزۈش ۋە قانۇن بۇيىچە ھاكىمىيەت يۇرگۈزۈش تەلۋىگە ئاساسلانغاندا .
94. توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆلۈنىشىدە چىڭ تۇرۇشتا، قايسى پىرىنسىپ بۇيىچە  كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش كىرەك ؟
جاۋاپ: ئەخلاقىي – ئەقلىي جەھەتتىن تەڭ يىتىلگەن بۇلۇش ، ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئەھمىيەت بىرىش، ئامما ئىتراپ قىلغان بۇلۇش پىرىنسىپى بۇيىچە كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش كىرەك .
95. پارتىيە ئىستىلىنى ھەقىقى ياخشىلاشتا، قايسى ئاساسى تەلەپلەردە چىڭ تۇرۇش كېرەك؟
جاۋاب: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىشنى ھەقىقى كۈچەيتىپ، خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى دەيدىغان تارىخى ماتىريالىزىملىق كۆز قاراشتا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلش ۋە ئاممىۋى لۇشىيەندە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا سەمىمى قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈش، ئاممىنىڭ دەردىگە ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاممىغا كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلى ئىش قىلىپ بىرىپ، ھۇقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، خەلققە رىشتە باغلاش،خەلق مەنپەئەتنى كۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.
96. نۆۋەتتىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى قانداق توغرا تۇنۇش لازىم؟
جاۋاب: جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ خاراكتىرى ۋە باش مەقسىدى- پارتىينىڭ تۈرلۈك پاسسىپ، چىرىك ھادىسلەر بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقشالمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. چىرىكلىشىشنى قەتئى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش- كىشلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش بولماسلىقى ۋە پارتىينىڭ ھايات- ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئۇ پارتىيىمىز باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇتىدىغان زور سىياسى ۋەزىپىدۇر. شۇڭا پۈتۈن پارتىيىدىكى يولداشلار چۇقۇم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللىكىنى تۇلۇق تۇنۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئۇرۇنغا قۇيۇپ، چىرىكلىشىشكە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇشى لازىم.
97. چىرىكلىشىشنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېستىما قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجتىشتا قايسى پىرىنسپتا چىڭ تۇرۇش كېرەك ؟
جاۋاب: تۈپتىن تۈزەش بىلەن ماھيەتتىن تۈزەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ئۇنۋىرىسال تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشىنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بىرىش فاڭجىندا چىڭ تۇرۇش كېرەك. 
98. پارتىيمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى يىتەكلەپ ئېلىپ بارغان ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش ۋە سوتىسيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانداق تۇنۇش لازىم؟
جاۋاب: پارتىيمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى يىتەكلەپ ئېلىپ بارغان ئىسلاھات، ئېچىۋىتىش ۋە سوتىسيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى- يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى دۆلتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتىكى ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقنىڭ يېقنقى زاماندىن بۇيانقى مىللى مۇستەقىللقنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنى بىيىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ داۋامى ۋە راۋاجىدۇر.
99. قانداق كىشلەر جوڭگو كوممونىستىك پارتىيسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلىسا بۇلىدۇ؟
جاۋاب: يېشى 18 كە توشقان، جۇڭگودىكى ئىشچى، دېھقان، ئەسكەر، زىيالىلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى ئىلغارلار، پارتىينىڭ پىروگىراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى ئىتىراپ قىلىدىغان، پارتىيە تەشكىلىگە قاتنىشىشنى خالايدىغان ھەمدە خىزمەتلەردە ئاكتىپ، پارتىينىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىدىغان ۋە پارتىيە بەدەل پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇدىغانلار جوڭگو كوممونىستىك پارتىيسىگە كىرشنى ئىلتىماس قىلىسا بۇلىدۇ.
100. پارتىينىڭ دىموكىراتتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئاساسى پىرنسىپى قايسى؟
جاۋاب: پارتىيە ئەزالىرى تەشكىلگە بويسۇنۇش، ئاز سانلىق كۆپ سانلققا بۇيسۇنۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يۇقىرى دەرجىلىك تەشكىلاتلارغا بويسۇنۇش، پۈتۈن پارتىيدىكى ھەردەرجىلىك تەشكىلاتلار ۋە پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرى پارتىينىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى ۋە مەركىزى كومتېتقا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت.
101. پارتىينىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبىرى ئورگىنى قايسى؟
جاۋاب: پارتىينىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى ۋە ئۇ ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن مەركىزى كومتېت.
102. ئەگەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇۋاپىق سەۋەبى بولمىسا، قانداق ئەھۋال ئاستىدا، ئۆزلۈكىدىن پارتىيدىن چىكىندى دەپ قارىلىدۇ؟
جاۋاب: ئۇدا 6 ئاي پارتىينڭ تەشكىلى تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ياكى پارتىيە بەدەل پۇلىنى تاپشۇرمىسا ۋە ياكى پارتىيە تاپشۇرغان خىزمەتنى ئىشلىمىسە، ئۆزلۈكىدىن پارتىيدىن چىكىندى دەپ قارىلىدۇ.
103. پارتىينىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى قانچە يىلىدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ؟
جاۋاب: بەش يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ.
104. پارتىيمىزنىڭ پارتىيە بەلگسىدىكى رەسىم نۇسخسى قانداق؟ پارتىيە بايرىقىدىكى رەسىم نۇسخسىى قانداق؟
جاۋاب: جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى ئورغاق ۋە بولقىدىن تەركىپ تاپقان رەسىم نۇسخسىدۇر. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ پارتىيە بايرىقى ئالتۇن رەڭلىك پارتىيە بەلگۈسىنىڭ رەسىم نوسخىسى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراقتۇر.
105. پارتىيە ئاساسلقى قايسى جەھەتلەردىن كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك؟
جاۋاب: بىرىنچى، ئىتتىپاق كادىرلىرىنى ئەستايدىل تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە تەربىيلەش كېرەك. بۇ كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ ئىككنچى، كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى ۋە ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىجادى قانات يايدۇرغان تۈرلۈك جانلىق، مول مەزمۇنلۇق، رەڭگارەڭ پائالىيەتلەرنى پائال قوللىشى كېرەك؛ ئۈچنچى، كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ زەربىدار قۇشۇنلۇق رولى ۋە كەڭ ياشلار بىلەن ئالاقىلىشىشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تۇلۇق جارى قىلىدۇرۇش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، پارتىيە تەشكىلاتلىرى كوممونىتىسك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزالىرىنى پارتىيگە ئەزا تەرەققى قىلىدۇرۇش  ئوبىكتلىقىغا كۆرستىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، پارتىيە تەشكىلىگە يېڭى قان يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، پارتىينىڭ زاپاس قوشۇنلۇق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
106. پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ سىناشنىڭ مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ قانچە يىلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؟
جاۋاب: 2 يىلدىن ئېشىپ كەتمەسىلىكى لازىم.
107. پارتىيە ئەزالىرىغا بىرىلىدىغان ئەڭ چوڭ جازا قايسى؟
جاۋاب: پارتىيدىن چېكىندۈرۈش.
108. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىچىدە قالدۇرۇپ سىناش مەزگىلىدە قايسى ھۇقۇقلىرى بولمايدۇ؟
جاۋاب: ئاۋاز بىرىش ھۇقۇقى، سايلاش ھۇقۇقى ۋە سايلنىش ھۇقۇقى بولمايدۇ.
109. پارتىينىڭ تۈپ باش مەقسىدى نېمە؟
جاۋاب: پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.
110. پارتىيە تەشكىلاتى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، قارار چىقارغاندا، چوقۇم ئاۋازغا قويۇش كېرەكمۇ يوق؟
جاۋاب: پارتىيە تەشكىلاتى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، قارار چىقارغاندا، چۇقۇم ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرنسىپىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە قارار چىقارغاندا، ئاۋازغا قويۇپ قارار قىلش لازىم.
111. پارتىيە ئەزالىرىدا چوڭ مەسىلە بۇلۇپ، تېخى تەكشۈرۈپ ئايدىڭلاشتۇرۇلمىغان ۋاقتتا، ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرستىشكە بولامدۇ- يوق؟
جاۋاب: پارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ زور مەسىلىسى تۈپەيلى پارتىيە تەشكىلى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋاتقان مەزگىلىدە، ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرستىلسە بولمايدۇ.
112. پارتىينىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللەر چوڭ يىغىنى ئاچقاندا، يۇقىرى دەرجىلىك پارتىيە تەشكىلى مەلۇم پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەكىل نامزاتلىقىغا بەلگىلسە بولامدۇ- يوق؟
جاۋاب: پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، پارتىينىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللەر چوڭ يىغىنى ئاچقاندا، يۇقىرى دەرجىلىك پارتىيە تەشكىلى مەلۇم پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەكىل نامزاتلىقىغا بەلگىلسە بولمايدۇ.
113. پارتىينىڭ ئەڭ ئالى غايىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نىشانى نېمە؟
جاۋاب: كوممونىزىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
114. دۆلىتىمىز ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورۇنلاشتا چوقۇم قايسى فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇشى لازىم؟
جاۋاب: «تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بۇلۇش» فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇشى لازىم.
115. پارتيىمىزنىڭ ئەڭ زور سىياسى ئۈستۈنلىكى نېمە؟ پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرۈگۈزگەندىن كېيىنكى ئەڭ زور خەۋىپى نېمە؟
جاۋاب: ئەڭ زور سىياسى ئۈستۈنلىكى- ئامما بىلەن قۇيۇق ئالاقە باغلاش، ئەڭ زور خەۋىپى - ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش.
116. پارتىيمىزنىڭ ئىستىلى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: ئىددىيۋى ئىستىل، ئۈگىنىش ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى، رەھبەرلىك ئىستىلى ۋە كادىرلارنىڭ تۇرمۇش ئىستىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
117. پارتىينىڭ باش مەقسىدى نېمە؟
جاۋاب: پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.
118. پارتىينىڭ ئەڭ مۇھىم ئىنتىزامى نېمە؟
جاۋاب: سىياسى ئىنتىزام.
119. پارتىيىنىڭ ئىستىل قۇرلۇشىنىڭ تۈپ مەقسىدى نېمە؟
جاۋاب: ئۇمۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىميەت يۈرگۈزۈش.
120. پارتىينىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى يادرولۇق مەسىلە قايسى؟
جاۋاب: پارتىينىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش.
121. پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققى قىلىدۇرۇشتىكى «16 خەتلىك»فاڭجىن قايسى؟
جاۋاب: ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىھتىيات بىلەن تەرەققى قىلىدۇرۇش.

 

تۆتىنچى، پارتىيە 17- نۆۋەتلىك 3- ئۇمۇمى يىغىنىغا ئائىت بىلملەردىن سۇئال-جاۋاپلار

122. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ 17- نۆۋەتلىك مەركىزى كومتېت 3- ئۇمۇمى يىغىنى قاچاندىن- قاچانغىچە قەيەردە ئېچىلىدى؟
جاۋاب: 2008- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە بىيجىڭدا ئېچىلىدى.
123. 2008- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيسىنىڭ 17- نۆۋەتلىك مەركىزى كومتېت 3- ئۇمۇمى يىغىنى قايسى قارارنى ماقۇللىدى؟
جاۋاب: «ج ك پ مەركىزى كومتېتىنىڭ يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت بىرقانچە زور مەسىلە»توغرىسىدىكى قارارىنى ماقۇللىدى.
124. يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يىتەكچى ئىددىيسى نېمە؟
جاۋاب: يېڭى ۋەزىيەتتە، يېزىلارنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، پارتىيە 17- قۇرۇلتېيي روھىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتىرىپ، دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيسىنى يىتەكچى قىلىپ، ئىلمي تەرەققىيات قارشىنى چۇڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنى ئسىتىراتىگىيلىك ۋەزىپە، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېزائىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشىنى ئاساسى نىشان، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىشنى تۈپ تەلەپ قىلىپ، سانائەت ئارقىلىق يېزائىگىلىكىنى قوللاش، شەھەرلەر يېزىلارنى قوللاش ۋە كۆپ بىرىپ، ئاز ئېلىش، قويىۋىتىش، جانلاندۇرۇش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە مىخانىزىمىدا يېڭىلىق يارتىپ، يېزائىگىلىكىنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنىڭ ھۇقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزىلاردا ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تۇلۇق قوزغۇتۇپ، يېزىلارنىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكە بۇلۇشتىن ئىبارەت.
125. يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نىشان ۋەزىپىللىرى نېمە؟
جاۋاب: پارتىيە 17- قۇرۇلتېيىدا ئوتتورىغا قۇيۇلغان ئۇمۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىئىيەت بەرپا قىلىش كۆرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىۋى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەرەققى قىلىغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، يېزا ئىستىلى مەدەني، كەنىت قىياپتى پاكىز، رەتلىك، باشقۇرۇشى دىموكىراتتىك بولغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش تەلىۋىگە ئاساسەن، 2020- يىلغا بارغاندا يىتىدىغان يېزائىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى نىشان ۋەزىپىللىرى: يېزىلارنىڭ ئىقتسادىي تۈزۈلمىسىنى تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش تۈزۈلمە مىخانىزىمىنى ئاساسەن ئورنىتىپ بۇلۇش؛ زامانىۋى يېزائىگىلىك قۇرلۇشىدا كۆرىنەرلىك ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزائىگىلىكنىڭ ئۇنۋىرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كۆرىنەرلىك ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئاساسلىق يېزائىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمنلەشنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛ دېھقانلارنىڭ كشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمىنى 2008- يىلىدىكىدىن بىر قاتلاپ، ئىستىمال سەۋىيسىنى زور دەرجىدە ئۆستۈرۈپ، كۆك نامراتلىق ھادىسىسىنى ئاساسەن تۈگىتىش؛ يېزىلارنىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلار قۇرلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەنىت ئائىللىرىنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ دىموكىراتتىك ھۇقۇقىنى ھەقىقى كاپالەتلەندۈرۈش؛ شەھەر- يېزىلارنىڭ ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ تەڭشىلىشىشىنى كۆرىنەرلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا مەدەنىيتىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ ئاساسى مەدەنىيەت ھۇقۇق- مەنپەئەتىنى تېخمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردا ھەممە ئادەمنى ياخشى بولغان تەلىم- تەربىيە پۇرستىگە ئىگە قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئاساسى تۇرمۇش كاپالىتى ۋە ئاساسى داۋالاش، سەھيە تۈزۈمىنى، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇش سېستىمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، بايلىق تىجەش ۋە مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سېستىمسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە ئىكلوگىيلىك مۇھىتىنى كۆرىنەرلىك ياخشلاپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققى قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.
126. يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم قايسى زور پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: يېزائىگىلىكىنىڭ ھۇللۇق ئورنىنى چۇقۇم مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، نەچچە يۈز مىليون نۇپۇسىنىڭ قوساق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشتىكى 1- دەرجىلىك زور ئىش سۈپتىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قۇيۇپ، ئاشلىقتا ئاساسەن، ئۆز- ئۆزىنى تەمنىلەش فاڭجىنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېزائىگىلىكىنى قوللاش ۋە قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن- مائارىپ ئارقىلىق يېزائىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش سىتىراتگىيسىنى چوڭقۇر يولغا قۇيۇپ، زامانىۋى يېزائىگىلىك قۇرلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزائىگىلىكىنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك مۇقىم تەرەققى قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش لازىم. دېھقانلارنىڭ ھۇقۇق- مەنپەئەتىنى چۇقۇم ھەقىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش ۋە ياخشى تەرەققى قىلىدۇرۇشنى پۈتكۈل يېزا خىزمىتىنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىدى قىلىش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەنپەئەتىگە ئەڭ چېتىلىدىغان رىئال مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ سىياسى، ئىقتسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇنۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇمۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك رولى ۋە ئىجادچانلىق روھىنى تۇلۇق قوزغۇتۇپ، مىليونلىغان دېھقانلارغا زىچ تاينىپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
چۇقۇم ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۆزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارتىشىنى باشتىن- ئاخىر يېزا تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى قىلىش لازىم. يېزائىسلاھاتى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارتىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئىلميلىقىنى، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىقلارنى تەقسىملەشتىكى ھۇللۇق رولىنى تۇلۇق جارى قىلىدۇرۇش كېرەك. دۆلەتىنىڭ يېزائىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىياتىغا بولغان تەڭشەش ۋە يىتەكلىشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشلاپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان يېزائىقتسادىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىۋىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۈستى قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، يېزىلارنىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تۇلۇق ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىش لازىم. چۇقۇم شەھەر – يېزىلارنىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تىپتىكى يېزائىگىلىكى بىلەن سانائەتنىڭ، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشنى باشتىن- ئاخىر زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ زور ئىستىراتىگىيسى سۈپتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك. سانائەتلىشىش، شەھەر- بازارلىشىش ۋە يېزائىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سانائەت ئارقىلىق يېزائىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يىتەكلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىمىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللى دارامەتنى تەقسىملەش ئەندىزىسىنى تەڭشەپ، يېزائىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزائىگىلىكىگە ئىتبار بىرىش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرلۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققى قىلىدۇرۇشنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى يېزىلارغا قارىتىپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئاساسى ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ تەكشىلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققى قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ دېھقانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىغا باراۋەر قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات مىۋىللىرىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلىش كېرەك. چۇقۇم پارتىيە يېزا خىزمىتىنى  باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىينىڭ يېزاخىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى باشتىن- ئاخىر يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجتىشىنىڭ سىياسى كاپالىتى قىلىش كېرەك. ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش ۋە پارتىينىڭ يېزىلارغا قاراتقان ئاساسى سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزائاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسى قاتلام ھاكىميەت قۇرلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە مىخانىزىمى ۋە ئۇسۇل چارىللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋتىنى ساقلاپ، پارتىينىڭ يېزىلاردىكى ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىش لازىم.
127. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە قايسى ئالتە جەھەتتىكى ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك ؟
جاۋاپ: بىرىنچىدىن ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۇراقلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇش كېرەك؛ ئىككنچىدىن، قاتتىق قېلىپلاشقان يېزىلاردىكى يەرلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، يېزائىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، يېزىلاردا زامانىۋى پۇل- مۇئامىلە تۈزۈمىنى ئورنىتىش لازىم؛ بەشنچىدىن، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم ئورنىتىش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، يېزىلارنىڭ دىموكىراتتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.
128. زامانىۋى يېزائىگىلىكىنى تەرەققى قىلىدۇرۇشتا چۇقۇم قايسى تەلەپكە ئاساسەن يېزائىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكىلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېزائىگىلىك پەن- تېخنكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارتىشنى ئالغا سىلجتىلىقى بۇلىدۇ؟
جاۋاب: يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىكلوگيىلىك ۋە بىخەتەر بۇلۇش تەلىۋىگە ئاساسلانغاندا.
129. قانداق قىلغاندا زامانىۋى يېزائىگىلىكىنى پائال تەرەققى قىلىدۇرۇپ، يېزائىگىلىكنىڭ ئۇنۋىرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرگىلى بۇلىدۇ؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئىككنچىدىن، يېزائىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئىستىراتىگىيلىك تەڭشەشنى ئالغا سىلجىتىش لازىم؛ ئۈچنچىدىن، يېزائىگىلىك پەن- تېخنىكىسدا يېڭىلىق يارتىشىنى تېزلىتىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، يېزائىگىلىكىنىڭ ئاساسى ئەسلەھەلەر قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم؛ بەشنچىدىن، يېزائىگىلىكىدە يېڭى تىپتىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سېستىمىسىنى ئورنىتىش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، يېزائىگىلىكىنىڭ ئىمكانىىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى تېزلىتىش لازىم؛ يەتتىنچىدىن، يېزائىگىلىكىنى سىرتىقا قارىتا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش لازىم.
130. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە چۇقۇم قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: چۇقۇم جامائەت مالىيسىنىڭ يېزىلارنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ جامائەت ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، كەڭ دېھقانلارنى ئوقۇيدىغانغا مەكتەپ بۇلۇش، قىلغان ئەمگكىگە تۈشلۇق تاپاۋەت بۇلۇش، كېسەك بولسا داۋالنىش شارائىتىغا ئىگە بۇلۇش، ياشانغاندا بېقىلىش، ئولتۇرىدىغانغا تۇرالغۇ بۇلۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىش لازىم.
131. قانداق قىلغاندا يېزىلارنىڭ جامائەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بۇلىدۇ؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، يېزىلارنىڭ مەدەنىيتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؛ ئىككنچىدىن، يېزىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش لازىم؛ ئۈچنچىدىن، يېزىلارنىڭ داۋالاش، سەھيە ئىشلىرى تەرەققياتىنى تېزلىتىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم؛ بەشنچىدىن، يېزىلارنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلىرى ۋە مۇھىت قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، يېزىلاردا نامراتلارغا ئېچىش ئارقىلىق يار- يۆلەكتە بۇلۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم؛ يەتتىنچىدىن، يېزىلارنىڭ ئاپەتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئاپەتىنى ئازايتىش ئىقتىدار قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ سەككىزىنچىدىن، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
132. نېمە ئۈچۈن پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسى كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتكەنلىك دەيمىز؟
جاۋاب: يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچ پارتىيىدە، شۇڭا پارتىينىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار قۇرلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرلۇشىنى ئاساسى لنىيە قىلىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارتىش روھى ئارقىلىق، يېزىلاردىكى پارتىيە قۇرلۇشىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمى تەرەققىيات قارشىنى چۇڭقۇر ئۈگنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيتىنى ئەستايدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەردەرجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، پارتىينىڭ يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش سەۋيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك.
133. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشلاپ، يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا قايسى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، پارتىينىڭ يېزاخىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىتكى تۈزۈلمە مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ئىككنچىدىن، يېزىلارنىڭ ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلار قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم؛ ئۈچنچىدىن، يېزىلارنىڭ ئاساسى قاتلام كادىرلار قۇشۇن قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ تۆتنچىدىن، يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى قۇشۇن قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم؛ بەشنچىدىن، يېزىلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
134. يېزىلارنىڭ ئاساسى قاتلام كادىرلار قۇشۇن قۇرلۇشىنى كۈچەيتىشتە قانداق بىر قۇشۇن بەرپا قىلىش لازىم؟
جاۋاب: ئىدىقاتتا چىڭ تۇرىدىغان، تۆھپە قۇشىدىغان، ئىقتىدارلىق ۋە پەزىلەتلىك يېزا ئاساسى قاتلام كادىرلار قۇشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
135. ئۇمۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە قەيەردە؟
جاۋاب: يېزىلاردا.

بەشنچى، ئىلمى تەرەققىيات قارىشىغا ئائىت بىلملەردىن سۇئال- جاۋابلار

136. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئۇمۇميۈزلۈك ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققى قىلىشتىن ئىبارەت.
137. ئىلىمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ بىرنچى مۇھىم ۋەزىپىسى، يادوروسى، ئاساسى تەلىۋى ۋە ئىلمي ماھيتى نېمە؟
جاۋاب: ئىلىمى تەرەققىيات قارشىنىڭ بىرنچى مۇھىم ۋەزىپىسى تەرەققىيات، يادوروسى ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئاساسى تەلىۋى ئۇمۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتىلىك سىجىل تەرەققى قىلىش، ماھيتى ئىقتىساد ۋە جەمىيەتنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققى قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
138. ئىلمى تەرەقىقىيات قارشىىدىن ئىبارەت بۇ ئىستىراتىگيلىك ئىددىيىنىڭ زور ئەھمىيتىنى قانداق توغرا تۇنۇش ۋە توغرا ئىگەللەش لازىم؟
جاۋاب: ئىلمى تەرەققىيات قارىشى- پارتىيىمىز دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيتىنى توغرا ئىگللەپ، دۆلتىمىزنىڭ تەرەققىيات تەجىربىللىرىنى ئەستايدىل يەكۈنلەپ، دۆلتىمىز تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلۇق خاراكتىرلىك ئالاھىدىلىكىنى چۇڭقۇر ئانالىز قىلىش ئاساسىدا ئوتتورىغا قۇيۇلغان زور ئىستىراتىگىيلىك ئىددىيە، ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيتىگە بولغان تۇنۇشنىڭ چۇڭقۇرلىشىشى شۇنداقلا ماركىسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مىتودولوگىيسىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلنشىدۇر. ئىلمى تەرەققىيات قارىشى تەرەققىياتىنىڭ ماھيتى ۋە ئىچكى مەزمۇنىنى ئېچىپ بەردى. ئۇ بىزنىڭ تەرەققىياتىنى تۇنۇشمىزغا يىتەكچىلىك قىلىشىمىزدىكى تۈپ نوقتىنەزەردۇر. ئىلىمى تەرەققىيات قارىشى دۆلتىمىزنىڭ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ توغرا يولىنى كۆرستىپ بەردى. ئۇ بىزنىڭ تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىمىزغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان تۈپ ئۇسۇل، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئىقتسادىي قۇرلۇش، سىياسى قۇرلۇش، مەدەنىيەت قۇرلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرلۇشىنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا چۇقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇلىدىغان يىتەكچى فاڭجىندۇر.
139. تەرەققىيات قارىشى دېگەن نېمە؟
جاۋاب: دۇنيا قاراش ۋە مىتودولوگىيەنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلىشى تەرەققىيات قارىشىدۇر. تەرەققىيات قارىشى- تەرەققىياتنىڭ ماھيتى، مەقسىدى، ئىچكى مەزمۇنى، تەلىۋى توغرىسىدىكى ئۇمۇمى قاراش ۋە تۈپ نوقتىنەزەر بۇلۇپ، ئۇ ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇمۇمى ئىستىراتىگىيسى ۋە ئاساسى ئەندىزىسىنى بەلگۈلەيدۇ. ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيتىگە تۈپ ۋە ئۇمۇمى خاراكتىرلىك زور تەسىر كۆرستىدۇ.
140. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىدا كۆزدە تۇتۇلىدىغان مۇھىم نوقتا قايسى؟
جاۋاب: ئىلمى تەرەققىيات قارىشى تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى بېيىتىپ، تەرەققىيات قارىشىدا يېڭىلىق يارتىپ، تەرەققىياتنىڭ تەپەككۇر يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تەرەققىياتتىكى قىين مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، تەرەققىياتنىڭ يولى، ئەندىزىسى، ئىستىراتىگىيسى، ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى، مەقسىدى ۋە تەلىۋى قاتارلىق جەھەتلەردە بىرقاتار يېڭى ئىددىيۋى قاراشلار ئوتتورىغا قۇيۇلۇپ، ماركىسىزمنىڭ سوتسىيالىزىم تەرەققىياتى توغرىسىدىكى نەزەرىيە سېستىمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى. ئۇ ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆزلۈكسىز بېيتىلىدىغان، تەرەققى قىلىدۇرۇلىدىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىغان نەزەرىيدۇر.
141. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى ۋە مول ئىچكى مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: ئىلمى تەرەققىيات قارىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچقىرىش مۇناسىۋەتلىرى، ئىقتسادىي بازا ۋە ئۈستى قۇرۇلمىنىڭ ھەرقايسى ھالقىللىرىغا، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. ئۇنىڭدا پارتىينىڭ ئاساسى نەزەرىيسى، ئاساسى لۇشىيەنى، ئاساسى پىروگىراممىسى، ئاساسى تەجىرىبىللىرىدە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە بېيتىلىپ، كومپارتىينىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش قانۇنيتى، سوتسىيالىستىك قۇرلۇش قانۇنىيتى ۋە ئىنسانلارنىڭ جەمىيەت تەرەققىيات قانۇنىيتىگە بولغان تۇنۇش يەنىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئۇ پارتىيمىزنىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش قارىشىنىڭ بېيتىلىشى ۋە راۋاجى. شۇنداقلا ئۇمۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ تۈپ قىبلىنامىسىدۇر.
142. «تەرەققىياتتا خەلققە تاينىش»نىڭ چوڭقۇر ئىچكى مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: تەرەققىياتتا خەلققە تاينىش- خەلقنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك ئورنى ۋە ئىجادچانلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئامما بىلەن قۇيۇق ئالاقە باغلاپ، ئاممىغا باشتىن- ئاخىر ئىشنىپ، ئاممىغا زىچ تاينىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ تۇلۇق قوزغۇتۇپ، پۈتكۈل جەمىيەتتىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەقىل- پاراستى ۋە كۈچ قۇۋۋىتىنى ئەڭ زور دەرجىدە مۇجەسسەملەپ، مىليونلىغان ئاممىنى ئەڭ كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلنىشتىن ئىبارەت.
143. «تەرەققىيات نەتىجىللىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمان قىلىش»تا چىڭ تۇرۇشنىڭ چۇڭقۇر ئىچكى مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: تەرەققىيات نەتىجىللىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمان قىلىشتا چىڭ تۇرۇش- تەرەققىيات خەلق ئۈچۈن، تەرەققىياتتا خەلققە تاينىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ كونكىرىت ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدىدۇر. تەرەققىيات نەتىجىللىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمان قىلىشتا ئىسلاھات تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپتى ۋە ساغلاملىق سەۋىيسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىش، خەلقنىڭ ئىددىيە- ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن- مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىشتە خەلقنىڭ ئىقتسادىي، سىياسى، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي قاتارلىق جەھەتلەردە بەھرىمان بۇلۇشقا تىگىشلىك ھۇقۇق- مەنپەئەتىنى تۇلۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىللىرىدىن ئۇمۇمى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.
144. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نېمە ئۈچۈن چۇقۇم باشتىن- ئاخىر ئىقتسادىي قۇرلۇشىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؟
جاۋاب: ماركىسىزم ئىشلەپچقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى- ئىنسانلار جەمىئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ كۈچى دەپ قارايدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش چۇقۇم تەرەققى قىلىغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئاساسىدا ئورنىتىلىشى لازىم. دۆلىتىمىز دەل سوتسىيالىزىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇزاققىچە سوتسىيالىزىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدۇ. سوتسىيالىزىمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ كۈنسىايىن ئېشىپ بىرىۋاتقان ماددى، مەنىۋى ئىھتىياجى بىلەن قالاق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئوتتورىسىدىكى زىددىيەت بۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش باشتىن- ئاخىز بىزنىڭ مەركىزى ۋەزىپىمىز. پارتىيمىزنىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرنچى مۇھىم ۋەزىپىسى- تەرەققىيات، شۇڭا ئالدى بىلەن ئىقتىسادنى تەرەقىقى قىلىدۇرۇش لازىم. دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى خەلقنىڭ بېيىشى تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا ئىقتسادىي، ئەمەلىي كۈچ مەسىلىسدۇر، خەلقئارالىق رىقابەتمۇ تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا ئىقتسادىي ئەمەلى كۈچ رىقابىتىدۇر. پەقەت ئىقتىساد تەرەققى قىلغاندا، ئىقتسادىي ئەمەلى كۈچ ۋە ئۇنۋرىسال دۆلەت كۈچى ئاشقاندا خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلىغىلى، دۆلەتنى ئۇزاققىچە ئامان- ئېسەن قىلىغىلى بۇلىدۇ. كىشلەرنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۇختا ماددى ئاساسى يارتىلىپ، بىز خەلقئارالىق ۋەزىيەتتە تېخىمۇ پايدىلىق ئۇرۇننى ئىگلىيەلەيمىز، شۇڭا ئىقتسادىي قۇرلۇشىنى مەركەز قىلىشتا ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا تەۋرىنىشكە، ئىقتسادىي قۇرۇلۇشىنى مەركەز قىلىشنى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا بوشاشتۇرۇپ قۇيۇشقا بولمايدۇ.
145. ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قايسى بەشنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى تىرشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟
جاۋاب: شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققى قىلىشى، دۆلەت ئىچى تەرەققىياتى بىلەن سىرتىقا ئېچىۋىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى تەرەققىياتلارنى ئۆز- ئارا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەققىيات ھالقىللىرىنى ئۆز- ئارا ماسلاشتۇرۇش لازىم.
146. دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش يولى نىمە؟
جاۋاپ: دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش يولى دىگىنىمىز ئۇچۇلاشتۇرۇش ئارقىلىق سانائەتلىشىشكە تۈرۈتكە بولۇپ، سانائەتلىىشىش ئارقىلىق ئۇچۇرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا مىقدارى يۇقىرى، ئىختىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، بايلىق ئسراپچىلىقى تۆۋەن، موھىتنى بۇلغىشى ئاز، ئادەم كۈچى بايلىقى ئۈستۈنلىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدىغان يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشتۈرۈش يولىنى كۆرسىتىدۇ.
147. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنىڭ ئۇمۇمى تەلىۋى نېمە؟
جاۋاب: ئىشلەپچىقىرىش تەرەققى قىلغان بۇلۇش، تۇرمۇش باياشات بۇلۇش، يېزا ئىستىلى مەدەني بۇلۇش، كەنىت قىياپىتى پاكىز- رەتلىك بۇلۇش، باشقۇرۇشى دىموكىراتتىك بۇلۇش.
148. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۇمۇمى جەھەتتىن قانداق ئىگىلەش كېرەك؟
جاۋاب: سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش بىر تۈرلۈك سېستىما قۇرلۇشى بۇلۇپ، سانائەت ئارقىلىق يېزائىگىلىكىنى قوللاش، شەھەرلەر يېزىلارنى قوللاش ۋە كۆپ بىرىپ، ئاز ئېلىش، قويۋىتىش، جانلاندۇرۇش فاڭجىنىغا ئاساسەن، پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا نوقتىلىق ئالغا سىلجىتىش لازىم.
 149. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارتىش بىلەن يېڭىلىق يارتىش تىپىدىكى دۆلەتىنىڭ مۇناسىۋتى قانداق؟
جاۋاب: يېڭىلىق يارتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇشتا چۇقۇم مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارتىشنى تەرەققى قىلىدۇرۇپ، يېڭىلىق يارتىش روھىنى تىرىشىپ يىتىلدۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق ياراتقاندا ئىشلاردا يېڭىلىق ياراتقىلى، ئىشلاردا يېڭىلىق ياراتقاندا مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارتىشنى رىغبەتلەندۈرگىلى بۇلىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيتى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارتىش بىلەن ئۆز- ئارا بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە.
150. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسى، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي قۇرلۇشىنىڭ ئوتتورىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق توغرا قاراش ۋە بىر تەرەپ قىلىش لازىم؟
جاۋاب: جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىقتىساد، سىياسى، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي قۇرلۇش زىچ باغلنىشلىق بۇلۇپ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىقتسادىي قۇرلۇش، سىياسى قۇرلۇش، مەدەنىيەت قۇرلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرلۇشىنى ماددى ئاساس بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. ئىقتسادنىڭ تەرەققىياتى بولمىسا، باشقا جەھەتتىكى تەرەققىياتلار ماددى ئاساستىن مەھرۇم قالىدۇ، سىياسى قۇرلۇش، ئىقتسادىي قۇرلۇش، مەدەنىيەت قۇرلۇشى ۋە ئىجتىمائىي قۇرلۇشىنى سىياسى كاپالەت بىلەن تەمىن ئىتىدۇ، سىياسى قۇرلۇش بولمىسا خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تۇلۇق قوزغاتقىلى بولمايدۇ، مۇككەممەل قانۇن، تۈزۈمنى كاپالەت قىلغان تەرەققىيات مۇھىتىمۇ بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا باشقا قۇرلۇشلارنى ئۇڭۇشلۇق ئىلىپ بارغىلى بولمايدۇ. مەدەنىيەت قۇرلۇشى، ئىقتسادىي قۇرلۇش، سىياسى قۇرلۇش ۋە ئىجتىمائىي قۇرلۇشىنى ئىددىيۋى كاپالەت ۋە ئەقلى كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. مەدەنىيەت قۇرلۇشى بولمىسا ئورتاق غايە- ئىدىقاد ۋە ئەخلاق ئۆلچىمى بولمايدۇ. جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئاساسى ئېقىم روھىنى شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ. ئىجتىمائىي قۇرلۇش، ئىقتسادىي قۇرلۇش، سىياسى قۇرلۇش ۋە مەدەنىيەت قۇرلۇشىنى پايدىلىق ئىجىتمائى شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىجتىمائىي قۇرلۇش بولمىسا باشقا قۇرلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت ھاسىل قىلىغلى بولمايدۇ.
151. ھازىرقى جۇڭگودا ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يىتەكچى فاڭجىنى نېمە؟
جاۋاب: ئىددىينى ئازاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ، راستىچىل- ئەمەلىيەتچىل بۇلۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋىج ئالدۇرۇپ، ئىلمى نەزەرىيە ئارقىلىق كىشلەرنى قۇراللاندۇرۇش، توغرا جامائەت پىكىرى ئارقىلىق كىشلەرنى يىتەكلەش، ئالى جاناپ روھ ئارقىلىق كىشلەرنى يىتىلدۈرۈش، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق كىشلەرگە ئىلھام بىرىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش يۆنلىشى ۋە ھەممە گۈللەر تەڭشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس- بەستە سايراش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، باش مىلودىينى ئەۋىج ئالدۇرۇپ، كۆپ خىللىشىشنى تەكتلەپ، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا يېقنلىشىپ، مەزمۇن، شەكىل ۋە ۋاستىدە يېڭىلىق يارتىپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، ساغلام، پايدىلق بولغان مەدەنىيەتنى قوللاپ، قالاق مەدەنىيەتنى تىرشىپ ئۆزگەرتىپ، چىرىك مەدەنىيەتنى قەتئى چەكلەپ، كىشلەرنىڭ روھى دۇنياسىنى ئۆزلۈكسىز بېيتىپ، روھى كۈچىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىۋى، جۇڭگودىكى ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يۆنلىشى ۋە جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نەزەرىيە يىتەكچىسى، جامائەت پىكىرى كۈچى، مەنىۋى تۈۋرۈك ۋە مەدەنىيەت شارائىتىنى تىرشىپ شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.
152. ھازىرقى جۇڭگودا مىللى روھ بىلەن دەۋىر روھىنىڭ يادوروسى نېمە؟
جاۋاب: مىللى روھنىڭ يادوروسى- ۋەتەنپەرۋەرلىك؛ دەۋىر روھىنىڭ يادوروسى- ئىسلاھات، يېڭىلىق يارتىش.
153. دىموكىراتتىك قانۇن- تۈزۈمىنىڭ مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: سوتسىيالىستىك دىموكىراتتىينى تۇلۇق جارى قىلىدۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئاساسى تاكتىكىسنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى كەڭ قوزغۇتۇشتىن ئىبارەت.
154. «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش»نىڭ ئىچكى مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: ئىشلەپچقىرىش تەرەققى قىلىغان، تۇرمۇش باياشات بولغان، ئىكلوگىيلىك مۇھىت ياخشى بولغان بۇلۇشتىن ئىبارەت.
155. پارتىيە16 – نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرغاقۇيۇلغان ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ تۈپ تەلىپى نېمە ؟
جاۋاپ : شەھەر بىلەن يېزىلارنى، رايون بىلەن رايونلارنى، ئىقتسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى، ئادەم بىلەن تەبىئەتىنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى، دۆلەت ئىچىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن سىرىتقا ئېچۋىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت.
156. 2004 –يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومېتىت سىياسىي بىيۇرۇسى يىغىن ئېچىپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىلمىي تەرەققىيات قارشىدا چىڭ تۇرۇش لازىملىقىنى كۆرسەتتى،  بۇنىڭدا قايسى  مەسىلىنى ھەل قىلماقچى ؟
جاۋاپ : ئىقتسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات داۋامىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مەسىللەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت .
157. باش شۇجى خۇجىنتاۋ ئوتتۇرغا قويغان ئىلمىي تەرەققىيات قارشى ۋە ئۇنىڭ مەزمۇنى نېمە ؟
جاۋاپ: ئىلمىي تەرەققىيات قارشى –دولىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان يېپ – يېڭى تەپەككۇر قارشىدۇر . ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بىرىنچىدىن، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش؛ ئىككىنچىدىن ماس ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش. ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش دېگىنىمىز ئىقتسادىي ، ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، مەدەنىيەت ۋە ئېكلوگىيە قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تەرەققىياتنى كۆزلەشنى كۆرسىتىدۇ؛ ماسلاشقان بولۇش دېگىنىمىز ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تەرەققىياتنىڭ ئۆز – ئارا باغلانغان، ئۆز – ئارا ئىلگىرى سۈرۈدىغان ،بىر – بىرىگە ياخشى سۇپەتلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىمكانىيەتلىك سىجىل دېگىنىمىز ھەم نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئىھتىياجىنى ئويلاپ، ھازىرقى زامان كىشىللىرىنىڭ ئاساسى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم كەلگۈسى تەرەققىيات ئىھتىياجىنى ئويلاپ، كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى كۆزلەشنى كۆرسىتىدۇ. ئۆز – ئارا ماسلاشقان بۇلۇش ئىقتسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بىلەن سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۆز – ئارا ماسلاشقان بۇلۇشنى كۆرسىتىدۇ .
158. ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشتە، ئاچقۇچلۇقى قايسى بەش ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك ؟
جاۋاپ : ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى تۇرغۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۇرۇشتە ئاچقۇچلۇقى ئەمەلىيلەشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، بەش چوڭ ئۆزگىرىشنى تىرشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم .
بىرىنچىدىن ، تەرەققىيات قارشىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش كىرەك . نۆۋەتتە ، بەزەن رايۇن ۋە تارماقلاردىكى رەھبىرى كادىرلارنىڭ كاللىسىدا ساقلىنىۋاتقان تەرققىيات قارشى بىلەن ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ تەلىپى ئوتتۇرسىدا خېلى زور پەرىق بار. بەزىلەر يەنىلا « تەرەققىيات – چىڭ قائىدە» دىگەننى ئاددى ھالدا« ئېشىش قاتتىق قائىدە» دەپ چۈشنىۋىلىۋاتىدۇ، بەزىلەر يەنىلا «ئىقتسادىيي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش»نى « سۇرئەتنى مەركەز قىلىش » دەپ قاراۋاتىدۇ، يەنە بەزىلەر بايلىق، مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مەھسۇلات قىممىتىنى قۇغلىشۋاتىدۇ، ھەتتا كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ، ھەم ھەشمەتلىك ھەم چەتئەلچە قىلشقا ئىنتىلىپ، « سىياسىي نەتتىجە قۇرۇلۇش»، « ئۇبراز قۇرۇلۇشى » قىلىشقا بىرىلىپ كىتىۋاتىدۇ. بەزى ئۇرۇنلار « بىر تۇتاش پىلانلاش » نامى بىلەن يېڭىدىن شەكىلۋازلىق قىلىۋاتىدۇ، مەسىلەن: بەزىلەر « شەھەر- يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش » ۋە «شەھەر- يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۇرۇش» نى دەستەك قىلىۋېلىپ، «خەلىئارادابىرىنچى بۇلۇش»، « بىرىنچىلىكتىن ھالقىپ ئۈتۈش» دىگەنلەرنى ئوتتتۇرغا چىقىرىپ ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى بۇرمىلاۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا زىت ئىش قىلىۋاتىدۇ؛ بەزىلەر « ماركا چاپلاش »،  ئۇقۇمنى كۈچۈرۇپ كىلىشكە بىرىلىپ كىتىپ ، شۇئارنى« بەشنى بىر تۇتاش پىلانلاش» نى كۇنكىرىتنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋاتىدۇ .
ئىككىنچىدىن، ئىقتىساتنىڭ ئېشىش شەكلىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش كىرەك. ئىقتىساتنىڭ ئېشىش شەكلىنى تۈجۈبىلەشكەن تىپقا ئۆزگەرتىشنى زوركۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ ،  يېڭى تىپتىكى سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىش لازىم . بىرىنچىدىن ، سۈپەت ، ئۈنۈمنى يۇقۇرى كۈتۈرۇشنى مەركەز قىلىش كىرەك ؛ ئىككىنچىدىن ، بايلىقنى تىجەپ ، مۇھىتنى قوغداشنى نىشان قىلىپ ، ئىمكانىيەتلىك، سىجىل تەرەققىيات ئىستىراتېگيىسىنى يولغا قۇيۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئايلانما ئىگىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، پۈتكۈل جەمىئىيەتتە يېشىل ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە مەدەنىي ئىستىمالنى تەكىتلەپ، تۇۋەن سېلىنمىلىق، يۇقۇرى مەھسۇلاتلىق، بۇلغۇمىسى ئاز ، ئايلىنىشچان بۇلۇشقا پايدىلىق بولغان سىياسەت مۇھىتى ۋە تەرەققىيات مىخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇناسىپ قانۇن- بەلگىلمىلەرنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك تىجەشلىك جەمىئىيەت قۇرۇش كىرەك، ئۈچىنچىدىن ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى تىرەك قىلىش كىرەك .
ئۈچىنچىدىن، ئىقتسادىي تۈزۈلمىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش كىرەك. توۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك ئىسلاھاتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش لازىم. بىرىنچىدىن ، مالىيە – باج ، پۇل – مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش مىخانىزىمى قاتارلىق ئسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، كەسىپ قۇرۇلمىسى بىر خىل بولۇش ، ئاشۇرۇش شەكلى ناتۇرال بۇلۇش، تۇۋەن سەۋىيدە كىڭىەيتىش مەسىللىرىنى تۇزۈلمە جەھەتتىن ھەل قىلىش لازىم . ئىككىنچىدىن ، شەھەر بىلەن يېزىلار ئايرىلىپ تۇرۇشتەك تۇزۈلمە خاراكتىرلىك تۇسالغۇلارنى چىقىرىپ تاشلاپ ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەرگە يوتكىلىشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى شەھەر بىلەن يېزىلار ئارسىدا مۇۋاپىق تەقسىملەشكە يىتەكلەپ، شەھەر – بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ئىككى مەنبەلىك قۇرۇلما مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلىش لازىم. ئۈچنچىدىن، ئىجتىمائيي ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلىم پەن ، مائارىپ ، مەدەنىيەت ، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ ، ئىقتسادىيي ، ئىجتىمائىيي تەرەققىياتتىكى « بىر پۇتى ئۇزۈن، بىر پۇتى قىسقا بۇلۇش» مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش لازىم . توتىنچىدىن ، ئەمگەك ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىيي تەقسىمات تۇزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ ، ئىجتىمائىيي كاپالەت تۇزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ ، كىرىم پەرقى مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارتىش كىرەك .
تۆتىنچىدىن ، ھۆكۈمەتنىڭ فونكىسيىسىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىش لازىم. خىزمەت ئەمەلىي نەتتىجىسىنى سىناپ باھالاشنىڭ يېڭى كۆرسەتكۈچ سىستىمىسىنى ئورنۇتۇشنى چىڭ تۇتۇش كىرەك، پەقەت GDPنىڭ ئېشىشىنى تەكشۇرۇپلا قالماستىن ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەھەر- بازار ئائىللىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئۆزى تەقسىم قىلالايدىغان كىرىمى، دېھقانلارنىڭ كېشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمى، مۇھىت ئاسراش، ئېكۇلوگىيە قۇرۇلۇشى، ئىشقا ئۇرۇنلۇششنى كېڭەيتىش ۋە ئىجتىمائىيي كاپالەتنى مۇكەممەلەشتۇرۇش قاتارلىق باشقا كۆرسەتكۈچلەرنى تەكشۈرۈپ سىناپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارشىنى تۇرغۈزۈشقا يىتەكلەش لازىم .
بەشىنچىدىن ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاش لازىم. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار « راسىتچىل ، ئەمەلىيەتچىل بۇلۇش » روھىنى ھەقىقىي جارىي قىلدۇرۇپ ، سۇبىكتىۋىزىملىق ، شەكىلۋازلىق ۋە بىييۇگىراتلىقنى قەتئى يېڭىشى كىرەك . ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى تەپەككۇر يولى شەكىللەندۇرۇشكە ، ئامما ئارىسىدىن يېڭى چارە تېپىشقا ئەھمىيەت بىرىپ ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەتىگە چېتىلىدىغان گەۋدىلىك مەسىللەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كىرەك .
يۇقارقىدەك قىلغاندىلا ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى ھەقىقىي دەل جايىغا ئەمەلىيلەشتۇرگىلى بۇلىدۇ ، شۇنداق قىلغاندىلا دولىتىمىزنىڭ ئىقتسادىيي ، ئىجتىمائىيي ئىشلىرىنىڭ ئومۇيۈزلۈك ، ماس ، ئىمكانىيەتلىك ، سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق بۇلىدۇ .
159. نېمە ئۈچۈن ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارشىنى تۇرغۇزۇش دەيمىز ؟
جاۋاپ: ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۇرۇش --- نۆۋەتتە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئالدىغا قۇيۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە . ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى دەل جايىغا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۇرۇشتە ، چوقۇم قاراشنى ئۆزگەرتىش ، ھەركەت مىخانىزىمى ۋە تۈزۈم كاپالىتى مەسىللىرىنى ياخشى ھەل قىلىش لازىم. ئىلمىي تەرەقىيات قارشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئاچقۇچلۇقى توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارشىنى تۇرغۇزۇش كىرەك . سىياسىي نەتىجە قارشى بىلەن تەرەققىيات قارشى بىر – بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈىدۇ. رەھبىرى كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشى بىلەن تەرەققىيات قارىشى زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ،  قانداق سىياسىي نەتىجە قارشى بولسا، شۇنداق تەرەققىيات قارشى بۇلىدۇ ، ئەكسىچە بولغاندا ئۇنىڭ ئەكسىچە بۇلىدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان ، بىر قىسىم كادىرلاردا « تەرەققىيات » مەسىلىسدە ئىنتايىن زور خاتالىق كۆرۈلدى، ئۇلار « تەرەققىيات چىڭ قائىدە » دىگەننى بىر تەرەپلىمە ھالدا «ئىقتىساتنىڭ ئېشىش نىسپىتىنى قاتتىق قائىدە » دەپ چۇشىنىۋېلىپ ، ئىقتسادىيي تەرەققىياتتا ئاددى ھالدا GDP ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارىدى . بۇ خىل بىر تەرەپلىمە بولغان تەرەققىيات قارشىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىنتايىن كۆپ ئورۇنلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجدە بىر تەرەپلىمە سىياسىي نەتىجە قارشى شەكىللىنىپ قالدى. كۆپلىگەن جايلاردا ، يۇقۇرى دەرىجىنىڭ تۇۋەن دەرىجىنى تەكشۈرۇپ سىناش كۆرسەتكۇچىدە ئاساسلىقى GDP نى ئاساس قىلدى، ھەتتا بۇ رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنىڭ بىردىن بىر ئۆلچىمى قىلىندى . بۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ، ئىقتسادىيي سان – سىفىر ، ئىقتسادىيي كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن قەھرىمانغا باھا بىرىشتەك بىر تەرەپلىمە سىياسىي نەتىجە قارشىنىڭ يىتەكلىشى ۋە قىزىقتۇرۇشى بىلەن بەزەن جايلار يەرلىكنىڭ ئەمەلىيتىنى چىقىش قىلماي ، بىر مەزگىللىك ئېشىش سۇرئىتىنى قوشلىشپ تۇرلەرنى قارىغۇلارچە يولغا قۇيۇپ ، كارخانا قۇرۇپ ، مەبلەغ كىرگۈزۈپ ، «ئوبراز قۇرۇلۇشى » ، « يۇرۇقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى »، « كەچلىك مەنزىرە قۇرۇلۇشى » نى ھەدەپ ئېلىپ بېرىپ ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇزۈن مەزگىللىك يۇك ۋە يۇشۇرۇن خەۋىپ پەيدا قىلىپ قويدى . بەزەن ئۇرۇنلار ئاممىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن يەرلەرنى كۆپلەپ سېتىپ ، تۈرلۈك ۋاستىلار ئارقىلىق ئاممىنىڭ مەنپەتىنى ئىگەللىۋېلىپ ، كۆپلىگەن ئىجتىمائىيي زىددىيەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقاردى . بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بۇلۇۇكى ، تەرەققىيات قارشىدا خاتالىق كۆرۇلسە ، سىياسىي نەتىجە قارشىدىمۇ خاتالىق كۆرۈلىدۇ ، سىياسىي نەتىجە قارشىدا خاتالىق كۆرۇلسە،تەرەققىيات قارشى ئىلمىي بۇلۇشتىن چەتنەپ كىتىدۇ . شۇڭا، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى تۇرغۇزۇشتا ، چۇقۇم توغرا بولغان سىياسىي نەتىجە قارشىنى تۇرغۇزۇش كىرەك دەيمىز.

ئالتىنچى، خىزمەت پىلانىغا ئائىت سۇئال-جاۋاپلار

160. «خىزمەت پىلانى»نىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى قايسى قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: «خىزمەت پىلانى» جەمىئى 8 قىسىمغا بۆلۈنگەن بۇلۇپ، ئۇ 64 ماددا،  150تۈردىن ئارتۇق ۋەزىپىگە چېتىلىدۇ.
161. «خىزمەت پىلانى»دا نوقتىلىق ھالدا قايسى 6 تۈرلۈك مەزمۇن بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى؟
جاۋاب: «خىزمەت پىلانى»دا تەربىيلەش، تۈزۈم، نازارەتچىلىك، ئىسلاھ قىلىش، ئىستىل تۈزىتىش، جازالاش قاتارلىق 6 تۈرلۈك خىزمەتنى ئومۇمى گەۋدە جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا نوختىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. بىرىنچىدىن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربيىسىنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئىككنچىدىن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىشتىكى قانۇن، تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئۈچىنچدىن، نازارەتچىلىك، چەكلەشنى كۈچەيتىش؛ تۆتىنچىدىن، تۈزۈلمە، تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش؛ بەشنچىدىن، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزۈتۈش؛ ئالتىنچىدىن، چىرىكلىشىشىنى جازالاشنىڭ كۈچلۈك ۋەزىيتىنى ساقلاش.
162. «خىزمەت پىلانى»نىڭ رۇشەن ئالاھىدىلىكى قايسى؟
جاۋاب: «خىزمەت پىلانى»دا پارتىيە 17- قۇرۇلتېيى روھى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، چىرىكلىكنى قەتئى جازالاش ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يېڭى تەپەككۇر يولى، يېڭى تەدبىرى ئوتتورىغا قۇيۇلۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارتىش روھى ئارقىلىق جازالاش، ئالدىنى ئېلىش سېستىما قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يۈكسەلدۈرۈش نوقتىلىق تەكىتلىنىپ، بۇندىن كېينكى 5 يىلىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نوقتىسى چىڭ تۇتۇلغان. ئۇ تۆۋەندىكىچە ئاساسى ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە: بىرىنچىدىن، تۈتقۇلۇق ئورنى نسبەتەن  يۇقىرى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئۇمۇميلىق يۈكسەكلىكىدىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتى پىلانلانغان؛ ئىككنچىدىن، نىسبەتەن چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، «خىزمەت پىلانى» مەزمۇنىنىڭ سىياسىۋىيلىكى، سىياسەتچانلىقى ۋە كەسىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك؛ ئۈچنچىدىن، مۇھىم نوقتا  نىسبەتن گەۋدىلەندۈرۈلگەن بۇلۇپ، ئۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىلىق خىزمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ تۆتىنچىدىن، مەزمۇنى نىسبەتەن ئەمەلى بۇلۇپ، سىستىملىق بىلەن يولغا قويۇشچانلىقنىڭ بىرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن؛ بەشنچىدىن، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئەھمىيەت بىرىشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ھەم جايلاردىكى ھەرقايسى تارماقلار ئوتتورىغا قويغان پىكىر، تەكلىپلەر ئويلىشىلغان ھەم ئۇمۇمى جەھەتتىن مۇۋاپىقلىرى تاللىۋېلىنغان بۇلۇپ، «خىزمەت پىلانى» ئىقتىساد، جەمىئىيەتنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققى قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىش قۇرلۇشىنى يۈكسەلدۈرۈشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا تۈزۈلگەن.
163. «چىرىكلىكنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلش سېستىمسىنىڭ 2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بولغان خىزمەت پىلانىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش»نىڭ ئاساسى تەلىۋى نىمە؟
جاۋاب: 1- مەركەزنى چۆرىدەپ، ئۇمۇميلىققا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. 2- ئىسلاھات، يېڭىلىق يارتىش، يول ئېچىپ، ئالغا ئىلگىرلەشتە چىڭ تۇرۇش. 3- جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قۇرلۇشقا ئەھمىيەت بىرىشتا چىڭ تۇرۇش. 4- بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجتىش، ئۇنۋىرسال تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش. 5- مۇھىم نوقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلەرگە ئايرىپ، يىتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت.
164. «چىرىكلىكنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلش سېستىمسىنىڭ 2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بولغان خىزمەت پىلانىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش»نىڭ خىزمەت نىشانى نېمە؟
جاۋاب: بۇندىن كېينكى 5 يىلدا پۇختا خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق، چىرىكلىكنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېتىمىسىنىڭ ئاساسى رامكىسنى قۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىمنى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىشتىكى قانۇن، تۈزۈملەرنى بىر قەدەر مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۇقۇقنىڭ ئىشلتىلىشىگە نازارەتچىلىك قىلىش، كونتىرول قىلىش مىخانىزىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، چىرىكلنى مەنبىيدىن تۈزەشتىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى كۆرىنەرلىك ياخشىلاپ، چىرىكلىك ھادىسلىرىنى يەنىمۇ چەكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ رازىلىق دەرجىسنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتىرىشتىن ئىبارەت.
165. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقىنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيسىنى ئاساسلىقى قايسى جەھەتلەردىن ئالغا سىلجتىش كېرەك؟
جاۋاب: 1) رەھبىرى كادىرلارغا بولغان پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى تەربىيسىنى كۈچەيتىش؛ 2) پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمىئىيەتكە يۈزلەندۈرۈلگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەشۋىقى- تەربىيسىنى كۈچەيتىش؛ 3) پاكلىق مەدەنىيتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.
166. غايە، ئىدىقاد تەربيسى ۋە ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك، ئىنتىزامچان بۇلۇش تەربىيسىنى قانداق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش لازىم؟
جاۋاب: ئىلمى تەرەققيات قارىشىنى ئۈگىنش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم نەزەرىيە سېستىمىسىنى ئۈگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجتىپ، غايە، ئىدىقادىنى چىڭتىپ، ماركىسىزىملىق دۇنيا قاراش، كىشلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قاراش شۇنداقلا توغرا بولغان ھۇقۇق قارشى، ئۇرۇن-مەرتىۋە قارشى، پايدا- مەنپەئەت قارشى ۋە سوتسىيالىستىك شان- شەرەپ، ئار- نۇمۇس قارشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇش؛ پارتىينىڭ ئۈچ ئەۋلاد مەركەز رەھبەرلىك كوللكتىۋىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلقىنى تەشەببۇس قىلىشتىكى مۇھىم ئىددىيلىرى ۋە يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلقنى تەشەببۇس قىلىشقا ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنى، پارتىيە نىزامنامىسى قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن، بەلگىلىمىلەرنى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ قانۇن، قائىدىللىرىنى ئۈگىنىپ، پارتىيۋىيلىك تەربىيلنىشى ۋە ھۆكۈمەت ئىشىدا ئەخلاقلىق بولۇش جەھەتتىكى تەربىيلنىشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن، تۈزۈم قارشى ۋە ئىنتىزام ئېڭىنى ھەقىقى كۈچەيتىش لازىم.
167. پارتىيە ئىستىلى ۋە ئىنتىزام تەربىيسىنى كۈچەيتىشكە قۇيۇلىدىغان كونكىرىت تەلەپلەر قايسى؟
جاۋاب: 1) پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئنىتىزامى مەخسۇس تېما تەربىيسىنى ئەستايدىل قانات يايدۇرۇپ، پارتىينىڭ ئىنتىزامىغا بۇلۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۆرەشتە پارتىينىڭ سىياسى ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش، شۇنداقلا پارتىيۋىيلىككە ئەھمىيەت بىرىپ، ئەخلاقى- پەزىلەتكە ئەھمىيەت بىرىش، ئۆلگە بۇلۇشتىكى ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. 2) رەھبىرى كادىرلار ۋە پارتىيە- ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ ئىستىلىنى ھەقىقى ياخشىلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ،كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇش، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۆرەش قىلىش روھىنى، راستىچىل، ئەمەلىيەتچىل بۇلۇش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋىج ئالدۇرۇپ، يىغىن ھۆججەتلىرىنى ئىخچاملاپ، يىغىن ئىستىلى ۋە يىزىقچىلىق ئىستىلىنى ياخشىلاش لازىم.
168. پارتىيە ئىچىدىكى دىموكىراتتىيە ۋە پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكتە قايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش  كېرەك؟
جاۋاب:1) پارتىيە ئىچىدىكى دىموكىراتتىيىنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدىكى كونكىرىت تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ 2)  پارتىيە ئىچىدىكى دىموكىراتتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ 3) پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.
169. «يولغا قۇيۇش چارىسى»دە ئوتتورىغا قۇيۇلغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتىكى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ كونكىرىت تۈزۈملىرى قايسىلار؟
جاۋاب: 1) ھەردەرجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتلىرىنىڭ پارتكومغا ياردەملىشىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ، ماسلاشتۇرۇشنىڭ يولغا قۇيۇش چارىسىنى تۈزۈش ؛ «پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشقا دائىر بەلگۈلىمىلەر»تۈزتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخسىغا ئاساسەن، يولغا قۇيۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ، سىناش ۋە مەسئۇلىيتىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىللىرىنى تۈزۈپ چىقىش ؛ 2) دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانا، يېزا ئاساساسى قاتلام ۋە ئالى مەكتەپلەردە يولغا قۇيۇلىۋاتقان پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىكى بەلگۈلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ؛ 3) ھەريىلى شۇ يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت ۋەزىپىللىرىنىڭ ئىش تەخسىماتى پىكىرىنى تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى پارتىيە- ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىللىرى، بەنزە ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار فونكىسيلىك تارماقلارغىچە ئەمەليلەشتۈرۈش.
170. ئىلمي تەرەققىيات قارشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىكنى قانداق كۈچەيتىش لازىم؟
جاۋاب: ماكرولۇق تەڭشەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققيات شەكىلىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز ئالىدىغان يېڭىلىق يارتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىش، ئىنىرگىيە تىجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىش ۋە ئىكلوگىيلىك مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، تىجەشلىك، تۈجۈپىلىك يەر ئىشلىتىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش قاتارلىق زور سىياسەت ۋە تەدىبىرلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىپ، ئىلمى تەرەققىيات قارشىنىڭ تەلەپلىرىگە زىت كىلىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزۈتىش كېرەك. 
171. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا بولغان نازارەتچىلىكنى قانداق كۈچەيتىشى لازىم؟
جاۋاب: 1)يۇقىرى دەرجىلىك پارتكوملار تۆۋەن دەرىجىلىك پارتكومنىڭ دائىمي ھەيئەتلىرىگە بولغان دائىملىق تەكشۈرۈش ۋە قەرەللىك سىناپ تەكشۈرۈش مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 2) دائىمي ھەيئەتلەر يىغىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىلىق مەسئۇل كىشى چۇقۇم دائىمي ھەيئەتلەر يىغىنى ئەزالىرىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قۇبۇل قىلىشى لازىم. 3) تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتلىرى دائىمي ھەيئەتلەر يىغىنى ئەزالىرىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. 4) پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلېتيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلىدۇرۇپ، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى ۋەكىللىرى، ئۇمۇمي ھەيئەتلەر يىغىنىنىڭ دائىمي ھەيئەتلەر يىغىنىنى باھالاش، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم.
172. يېزىلارنىڭ ئاساسى قاتلام پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرلۇشىنى قانداق كۈچەيتىش كېرەك؟
جاۋاب: 1) «يېزا ئاساسى قاتلام پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزائىگىلىكىنى قوللاپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا بولغان تەكشۈرۈش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ،  يېزا كوللكىتىپ مەبلىغى، مال- مۈلىكى، بايلقىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. 2) يېزىلاردىكى ئاساسى قاتلام پارتىيلىك كادىرلارنىڭ پاك- ئىنتىزامچان بۇلۇشتىكى ھەركەت ئۆلچىمىنى بىكىتىپ، يېزا ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىستىلىنى ھەقىقى ياخشىلاپ، يېزا ئاساسى قاتلام پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرلۇشى تۈزۈلمە سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
173. ئاممىنىڭ نازارىتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى قوللغىلى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىغىلى بۇلىدۇ؟
جاۋاب: 1) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلاش نىزامى»نى يولغا قۇيۇپ، ھۆكۈمەت تورغا چىقىش قۇرلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاشنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمىئىيەتتىن ئىسپات ئاڭلاش، مۇتەخخەسسىلەردىن مەسىلھەت سوراش قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ، تەدبىر بەلگۈلەشنىڭ ئېنقلىقى ۋە ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرجىسىنى ئاشۇرۇش لازىم. 2) زاۋۇت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش، كەنىت ئىشلىرىنى ئاشكارلاش ۋە ئاممىۋى كارخانا، كەسىپى ئۇرۇنلار ئىش بىجىرىش ئەھۋالىنى ئاشكارلاشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 3) ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممونىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى جارى قىلىدۇرۇش لازىم. 4- رەھبىرى كادىرلار ھال ئېيتىشپ كەلگەن ئاممىنى كۈتىۋېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت، پاش قىلىش خىزمەت مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. 5- خەلق ئاممىسىنىڭ بىلىش ھۇقۇقى، قاتنىشىش ھۇقۇقى، پىكىر بايان قىلىش ھۇقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھۇقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.
174. نازارەتچىلىك قىلىش، چەكلەش مىخانىزىمىنى قانداق قىلغاندا مۇكەممەللەشتۈرگىلى بۇلىدۇ؟
جاۋاب: 1) تەدبىر بەلگىلەش ھۇقۇقى، ئىجرا قىلىش ھۇقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھۇقۇقى، ھەم ئۆز- ئارا بىر-بىرىنى چەكلەيدىغان، ھەم ئۆز- ئارا ماشلاشقان ھۇقۇق قۇرۇلمىسى ۋە ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش مىخانىزىمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەلەپلىرىنى، ھۇقۇق قۇرۇلمىسى ۋە يۈرگۈزۈش مىخانىزىمىنىڭ ھەرقايسى ھالقىللىرىدا ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تاپاۋەت قوغلىشىش»پۇرستىنى ئەڭ زور دەرجىدە ئازايتىش لازىم. 2) پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن پارتىيە سىرتىدىكى نازارەتچىلىكنى ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ بىرىكمە كۈچى ۋە ئەمەلى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
175. كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىگە قۇيۇشتىكى قايسى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم؟
جاۋاب: 1) دىموكىراتتىك، ئاشكارا، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە قۇيۇشنىڭ ئىلمى مىخانىزىمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 2) كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشتىكى كۆرستىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرلىك پارتكوملار مۇھىم كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشنى مۇزاكىرە قىلىغاندا چۇقۇم نامىسىز بىلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويشى لازىم. 3) ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈش، رىقابەتلەشتۈرۈپ ئىش ئورنىغا چىقىرىش، پەرىقلىق سان بويىچە سايلاش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىموكىراتتىك كۆرستىش، دىموكىراتتىك رايىنى سىناش ۋە سايلامدىكى پارا بىرىپ بىلەت توپلاپ سايلنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئادەم تاللاش ۋە ئادەم ئىشلىتىشتىكى ئاممىنىڭ ئىشنىش دەرجىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش لازىم. 4) مەمۇرىلارنىڭ نورمال چىكىنىش مىخانىزىمىنى، رەھبىرى كادىرلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ۋە ئالماشتۇرۇش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 5) كادىرلارنى سىناپ تەكشۈرۈپ باھالاش سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ سىناش نەتىجىسىنىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى رولىنى تۇلۇق جارى قىلىدۇرۇش لازىم.
176. قانداق قىلىغاندا ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجتىقىلى بۇلىدۇ؟
جاۋاب: 1) ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت دائىرىسىنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 2) مائارىپ، سەھيە ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجتىپ، تۇرالغۇ ئۆي ئىسلاھاتى ۋە قۇرلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇمۇمى خەلقنى ئۇقۇيدىغانغا مەكتەپ بۇلۇش، ئەمگىكىگە يارىشا تاپاۋىتى بۇلۇش، كېسەل بولغاندا داۋالالنىش شارائىتىغا ئىگە بۇلۇش ، ياشانغاندا بىقىلىش، تۇرىدىغانغا ئۆي بۇلۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىش لازىم.
177. ئىجتىمائىي سەميميلىق سېستىمىسىنى قانداق ئالغا سىلىجتىش كېرەك؟
جاۋاب: 1) كەسىپلەردىكى ئىناۋەت خاتىرىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. 2) لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش ۋە لەۋزىدە تۇرغانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 3) ئالاقىدار تارماق ۋە كەسىپ ئىناۋىتى ئۇچۇر بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئۇنۋىرسال سان- سفىر ئامبىرى قۇرۇپ، ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھىرىمان بۇلۇش مىخانىزىمىنى تەدىرىجى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
178. مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىللىرى قايسىلار؟
جاۋاب: 1) مال- باھا، ئىكلوگيلىك مۇھىتىنى قوغداش، يىمەكلىك- دورا سۈپىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يەر ئىگىلەش، چېقىپ كۆچۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى نوقتىلىق ھەل قىلىش لازىم. 2) مۇھىتىنى بولغاشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش جەھەتلەردىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەتچىلىك، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيتىنى ئەستايدىل ئادا قىلمىغان، ئاممىنىڭ مۇھىت ھۇقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن يەرلىك ۋە ئۇرۇنلاردىكى ئالاقىدار كىشلەرنىڭ بۇلۇپمۇ رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. 3) يىمەكلىك- دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر سۈپەت بىخەتەرلىك ھادىسلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم. 4) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى قانۇن، بەلگۈلىمىلەرنىڭ ئىجرا قىلنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلىق ھادىسلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، بىپەرۋالىق قىلىش قىلمىشلىرى ۋە چىرىكلىشىش مەسىللىرىنى قەتئى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. 5) يەر ئىگەللەش،  يەر ئىشلىتىش ۋە كان بايلىقلىرىنى ئېچىش جەريانىدىكى قانۇن، ئىنىتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
179. «خىزمەت پىلانى»دا ئوتتورىغا قۇيۇلغان ئىستىل تۈزەش خىزمىتنىڭ مۇھىم نوقتىسى قايسى؟
جاۋاب: 1) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ۋە نامراتلارغا ياردەم بىرىش، ئاپەتتىن قوتقۇزۇش مەخسۇس مەبلىغىگە بولغان نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم.2) ئاممىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئىستىمال ھۇقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەستايدىل تۈزەش كېرەك. 3) جەمىيەتتىكى ۋاستىچى تەشكىلات، كەسىپى جەمىيەتلەرگە بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ۋە ھەق ئېلىش ھەركەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. 4) يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مىخانىزىم ئىسلاھاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 5) تبىبى ئەخلاق، تىببى ئىستىل قۇرلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش، سەھيە ئاپپاراتلىرىنىڭ نەتىجە ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توردا دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى يولغا قۇيۇپ، تىببى دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنلىرى باھاسىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇش لازىم. 6) دېھقانلار سېلىقىغا چېتىلىدىغان مەمۇرى، كەسىپى خاراكتىرلىق ھەقلەرنى يىغىشقا بولغان باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دېھقانلارغا چېتىلىدىغان قالايمىقان ھەق يىغىشنى تۈزەش كېرەك. 7) دېھقانچىلىق ماددى ئەشيالىرى بازىرىنىڭ تەرتىۋىنى تەرتىپكە سېلىپ، ھۆكۈمەت يېزائىگىلىكىنى قوللاپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە بەرگەن تۇلۇقلىما ياردەم پۇلىنى تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، كىمەيتىپ بىرىش قاتارلىق دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالدىغان قىلمىشلارنى قەتئى تۈزتىش ۋە تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش لازىم. 8) دېھقانلار ۋە شەھەرگە كىرىپ ئىشلىگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. 9) باھالاش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش، تەقدىرلەشنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قالايمىقان ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرنى تۈزتىش لازىم.

يەتتىنچى، پارتىينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نىزامنامە ۋە قانۇن، سىياسەت بىلىملىرىدىن سۇئال- جاۋابلار
 180. ئاساسىي قانۇننىڭ ئەڭ يۇقۇرى قانۇن كۈچىگە ئىگە بۇلۇشى ئاساسلىقى قايسى جەھەتلەردە ئىپادىلنىدۇ ؟
جاۋاپ : 1) ئاساسىي قانۇن باشقا قانۇنلارنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئاساسى 2) ئاساسىي قانۇننى باشقا قانۇنلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇ ئەڭ يۇقۇرى قانۇن كۈچىگە ئىگە 3) ئاساسىي قانۇن –بارلىق تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ تۈپ ھەركەت مىزانىدۇر .
181.  يېڭى جۇڭگۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق قانۇنى قانچىنچى يىلى ، قانچىنچى ئاينىڭ قانچىنچى كۈنى ماقۇللانغان ؟
جاۋاپ : 1954- يىلى 9 – ئاينىڭ 20- كۈنى ماقۇللانغان .
182. ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكنى يولغا قۇيۇش كەڭ ۋە تار مەنىگە ئىگە، تار مەنىدىكى ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكى نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟
جاۋاپ : ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىك فونكىسيىسىگە ئىگە بولغان ئورگاننىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ھەرىكىتى ۋە مەمۇرىي ھەركەتكە بولغان نازارەتچىلىكىنى كۆرسىتىدۇ .
183. دوۆلىتىمىزدە ئاساسى قانۇن تۈزۈش ھۇقۇقىنى قايسى ئاپپارات يۇزگۈزىدۇ؟
جاۋاپ : مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى.
184.  ئاساسى قانۇن تۈزۈش نەچچە ئاساسىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ؟
جاۋاپ: 1) تۇغرۇقۇقى،2) بىرلىككە كىلىشچانلىقى،3) تەلەپچانلىقى،         4)سىنپىيلىقى ۋە ئاممىۋىيلىقى .
185.  دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى قېتىم يازمىچە قانۇننى قايسى دۆلەت تۈزگەن ؟
جاۋاپ : ئامېرىكا .
186. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيسىنىڭ يىتەكچىلىك ئورنى قانچىنچى يىلى بىكىتىلگەن ؟
جاۋاپ : 2004 –يىلى 3 – ئايدا .
187.  ئاساسىي قانۇندا نېمە ھەم  دۆلىتمىز پۇقرالىرنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى، ھەم دۆلىتمىز پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي مەجبۇرىيتى دەپ بەلگىلەنگەن ؟
جاۋاپ : ئەمگەك .
188. دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇن قانچىنچى يىلى ماقۇللانغان ؟
جاۋاپ: 1982 –يىلى 12 –ئاينىڭ 4 – كۈنى 5 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ بەشىنچى قېتىملىق يىغىدا ماقۇللانغان .
189. پارتىيە 11– نۆۋەتلىك 3- ئومۇمى يىغىدىن كىيىن دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى، ئىقتسادىيي تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشىدا قايسى ئۆزگىرىشلەر بولدى ؟
جاۋاپ: بىرىنچىدىن، يىتەكچى ئىدىيە جەھەتتە قالايمىقانچىلىق ئوڭشالدى، ئىككىنچىدىن، خەلق دىمۇكراتىيە دېكتاتۇرسى مىسلىسىز مۇستەھكەملەندى، ئۈچىنچىدىن، سوتسىيالىزىم قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ تۆتىنچىدىن، دىمۇكراتىيە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىلگىرلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.
190. پارتىيە 11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىدىن كىيىن، 1979 –يىلى 4- ئايدا مەركەز خىزمەت يىغىنىدا ئوتتۇرغا قۇيۈلغان خەلق ئىگىلىكىگە قارتىلغان سەككىز خەتلىك فاڭجىن قايسى ؟
جاۋاپ: «تەڭشەش ئېلىپ بىرىش، ئسلاھ قىلىش، تەرتىپكە سېلىش، يۇقۇرى كۆتۈرۈش» تىن ئىبارەت .
191.  ئاساسىي قانۇننىڭ تۈپ پىرىنسىپى نېمە ؟
جاۋاپ : خەلق ئىگىلىك ھۇقۇقى پىرىنسىپى ، ئاساسىي كىشىلىك ھۇقۇق پىرىنسىپى ، ھۇقۇقنى چەكلەش پىرىنىسىپى ، قانۇن- تۈزۈم پىرىنسىپى .
192. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش تەرتىۋى بىلەن ئادەتتىكى قانۇنغا تۇزۈتۈش كىرگۈزۈشنىڭ قانداق ئوخشاشماسلىق تەرەپلىرى بار ؟
جاۋاپ: بىرىنچىدىن ، ئاساسىي قانۇنغا تۇزۈتۈش كىرگۈزۈش تەكلىۋىنى بېرىدىغان سۇبىيكىت ئوخشىمايدۇ، ئىككىنچىدىن، ماقۇللايدىغان ئادەم سانى ئوخشىمايدۇ، ئۈچىنچىدىن ، ئېلان قىلىدىغان ئورگان ئوخشىمايدۇ .
193. تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشنىڭ تۇلۇق بايانى نېمە ؟
جاۋاپ: سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دىمۇكراتىيە دېكتاتۇرسىدا چىڭ تۇرۇش، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسزم- لېنىنزىم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيسى، دېڭ شىياۋپىڭ نەزىريىسى ۋە « ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيسىدە چىڭ تۇرۇش .
194. جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ ھەر قايسى دىمۇكراتىك پارتىيە گوروھلار بىلەن ھەمكارلىشىشتىكى 16 خەتلىك فاڭجىنى نېمە ؟
جاۋاپ : « ئۇزاققىچە بىللە تۇرۇش ، ئۆز- ئارا نازارەت قىلىش، ئۆز- ئارا سىر ساقلىماسلىق ، شان- شەرەپ ، ئارا نۇمۇستا بىرگە بۇلۇش».
195.  دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى قايسى ؟
جاۋاپ: دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا خەلىق ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى تۈزۈمى – دۆلتمىزنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسى دەپ بەلگۈلەنگەن .
196. دۆلتىمىزنىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشكىلى پىرىنىسپى نېمە ؟
جاۋاپ : دىمۇكىراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى.
197. دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ تەلىپى نېمە ؟
جاۋاپ: ئاساسلنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بولغانكەن چۇقۇم ئاساسلىنىش، قانۇننى قاتتىق ئىجىرا قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى چوقۇم سۈرۈشتە قىلىشتىن ئىبارەت .
198.  دۆلەتىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دېگەن نېمە ؟
جاۋاپ: كەڭ خەلق ئاممىسى پارتىينىڭ رەھبەرلىكىدە ، ئاساسى قانۇن ۋە قانۇننىڭ بەلگۇلمىسى بويىچە، تۈرلۈك يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرى ، ئىقتسات ، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇپ، دۆلەتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرنىڭ قانۇن بويىچە ئېلىپ بىرىلىشغا كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالستىك دىمۇكراتىينىڭ تۈزملىششى، قانۇنلىششنى تەدبىرىجى ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇ خىل تۈزۈم ۋە قانۇن رەھبەرلەرنىڭ ئۆزگەرتىشى سەۋەبىدىن ئۆزگەرمەيدۇ، رەھبەرلەرنىڭ قارشى ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئۆزگەرمەيدۇ .
199. خۇسۇسى ئىگىلىك قانداق شەكلىدىكى ئىگىلىك ؟
جاۋاپ : شەھەر – بازارلاردىكى يەككە – ئەمگەكچلەر ئاز مىقىداردىكى ئىشلەپچقىرىش ماتىرىياللىرى ۋە مەھسۇلاتىنى ئىگەللەپ ، شەخسلەر ۋە ئائىلە ئەزالىرى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللنشنى ئاساس قىلغان بىر خىل ئىگلىك شەكلىدۇر .
200. ئىسلاھات ئىېچىۋىتشتىن بۇرۇن دۆلتىمىز قايىسى ئىقتسادى تۈزۈمنى يولغا قۇيغان ؟
جاۋاپ : پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسنى يولغا قويغان .
201. دۆلتىمىزدە ئومۇمى مۇلۇكىچىكىتە بولمىغان ئىگىلىك قايىسى ئىگىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
جاۋاپ: يەككە ئىگلىك، خۇسۇسى ئىگىلىك ۋە چەتئەل مەبلىغىدىكى ئىگىلىك قاتارلىقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
202. دۆلتمىزنىڭ مۇستەقىل ئۆز – ئۆزىگە خۇجا بولۇشتەك تاشىقى دىپلۇماتىيە سىياستىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ بەش تۈرلۈك پىرىنىسپى قايىسى ؟
جاۋاپ: ئۆز – ئارا ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېىمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۆز – ئارا تاجاۋۇز قىلشماسلىق، ئۆز – ئارا ئىچىكى ئىشلىرىغا ئارلاشىماسلىق، باراۋەر، ئۆز- ئارا پايدا – مەنپەئەت يەتكۈزۇش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشتەك بەش تۈرلك پىرىنىسپتا چىڭ تۇرىدۇ .
203. ئاساسى قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنى ئىتقات ئەركىنلىكى قانداق بەلگۈلەنگەن ؟
جاۋاپ: ئاساسى قانۇننىڭ 23- ماددىسدا مۇنداق بەلگۈلەنگەن: «ھەر قانداق دۆلەت ئورگنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئىتقات قىلشقا ياكى دىنىغا ئىتقات قىلماسلىققا مەجبۇرلىشغا بولمايدۇ. دىنغا ئىتقات قىلدىغان پۇقرالار ۋە ئىتقات قىلمايدىغان پۇقرالارنى كەمستشكە بولمايدۇ. دۆلەت نورمال دىنى پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ. ھەر قانداق شەخسنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي تەرىتپكە بۇزغۇنچلىق قىلدىغان، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈدىغان ۋە دۆلەتىنىڭ مائارىپ تۈزۈمگە توسالغۇ بولىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشغا بولمايدۇ .
204. جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسى لۇشىيەنى نېمە ؟
جاۋاپ : پۈتۈن مەملىكەتتكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتسادى قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، 4 ئاساسى پىرىنسپتا، ئىسلاھات ئېچىۋىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىپ، دۆلتىمىزنى باي، قۇدىرەتلىك، دىمۇكراتتىك، مەدەنىي سوتسىيالستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەت .
205. مىللى تېرتورىيلىك ئاپتونومىيە دېگەن نېمە؟
جاۋاب: مىللى تېرتورىيلىك ئاپتونومىيە- ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇرۇنلاردا تېرتورىيلىك ئاپتونومىينى يولغا قۇيۇپ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئاپتونومىىيە ھۇقۇقىنى يۈرگۈزۈشنى كۆرستىدۇ. ھەرقايسى مىللى ئاپتونوميىلىك جايلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى.
206. ئاساسى قانۇننىڭ ئادەتتىكى قانۇنلار بىلەن ئوخشمايدىغان ئالاھىدىلكى قايىسى ؟
جاۋاپ: بىرىنىچدىن ، ئاساسى قانۇننىڭ مەزمۇنى – ئادەتتىكى قانۇنلارغا ئوخشمايدۇ، ئىككنىچدىن، ئاساسى قانۇن بولسا ئادەتتىكى قانۇنلارنى تۈزۈۇشنىڭ ئاساسى. ئۈچنىچدىن ، ئاساسى قانۇن ئەڭ يۇقىرى قانۇن كۈچىگە ئىگە .
207. پۇقرالار بەھىرىمان بولدىغان ئىقىتسادىيى، ئىجتىمائىي ھوقۇق قايسى كونكىرتنى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
جاۋاپ: پۇقرالارنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيتى بولىدۇ، ئەمگەكچلەرنىڭ ئارام ئېلىش ھوقۇقى ۋە ئەركنلىكى بولىدۇ. ماددى ياردەمگە ئىگە بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ .
208. پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركنلىكى قايسى مەزمۇنىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟
جاۋاپ: پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركنىلىكى دەخلى–تەرۈزگە ئۇچىرىمايدۇ، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك قەدىر–قىممىتى دەخلى تەرۈزگە ئۇچىرىمايدۇ، پۇقرالارنىڭ خەت – ئالاقە ئەركىنىلىكى ۋە خەت ئالاقە مەخپىيەتلىكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ .
209. يېڭى جوڭگۇدا قانىچنىچى يىلى بىرىنىچى قېتىم تۈزۇتۇش كىرگۇزۇش لاھىيەسى شەكلىدە ئاساسى قانۇنىغا تۈزۇتۇش كىرگۈزۈلىگەن ؟
جاۋاپ : 1979- يىلى .
210. قانۇننىڭ بەلگۈلىمىسى بويىچە قانداق پۇقرالارنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايىلنىش ھوقۇقى بولىدۇ ؟
جاۋاپ : دۆلتىمىزدە 18 ياشقا توشقان پۇقرالارنىڭ مىللتى، ئىرىقى، جىنىسي، كەسپى، ئائىلە كېلىپ  چىقىشى، دىنى ئىتقادى، مەدەنىيەت سەۋىيسى، مال – مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشش مۇددىتى ئايرىلماي ھەممسىنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلنىش ھوقۇقى بولىدۇ. قانۇن بويىچە سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلنىغانلار بۇنىڭ سىرتىدا .
211.  دۆلتىمىز ئاساسى قانۇننىڭ تۈپ پىرىنسپى نېمە ؟
جاۋاپ : ئىگلىك ھوقۇقلۇق پىرىنسپى ، دىمۇكېراتىك بولۇش پىرىنىسپى ، قانۇن – تۈزۈم پىرىنىسپى ۋە باراۋەر بولۇش پىرىنسپىدىن ئىبارەت .
212. دۆلتمىز خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى تۈزۈمنىڭ ئاساسى مەزمۇنى نېمە ؟
جاۋاپ: 1) سوتسىيالستىك دىمۇكراتىيە پىرىنسپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ دۆلەتىنىڭ خۇجايىنى بولۇشتەك قانۇنى ئورنىنى بىكىتىش؛ 2) ھەر دەرجىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى دۆلەت ئاپپاراتىدا دۆلەتىنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگانلىق ئورنىدا تۇرىدۇ؛ 3) مەركەز ۋە يەرلىكتىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوقۇقى ئايرىلىدۇ؛ 4) دىمۇكراتىيە مەركەزلەشتۇرۇش تۈزۈمى پىرىنىسپى يولغا قويۇلىدۇ؛ 5) جوڭگۇ كوممۇنستىك پارتىيسنىڭ رەھبەرلىكى – خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى تۈزۈمنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۇشنىڭ كاپالتى؛ 6) ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا مىللىي تېرىتۇرىيەلىك ئاپتۇنۇمىيە يولغا قۇيۇلغان .
213.  دۆلتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى ھوقۇقى قايسى ؟
جاۋاپ : 1) باراۋەر بولۇش ھوقۇقى ؛ 2) سىياسى ھوقۇقى ۋە ئەركنلىكى ؛ 3) دىنى ئىتقات ئەركنلىكى ؛ 4) جىسمانى ئەركنلىكى ؛ 5) تەنىقىت قىلىش ، تەكلىپ بېرىش ، ئەرىز- شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ھوقۇقى ۋە تۆلەمگە ئېرشش ھوقۇقى بولىدۇ؛ 6) ئىقتسادىيى ، ئىجتمائى ھوقۇقى؛ 7) مەدەنىيەت – مائارىپ جەھەتتىكى ھوقۇقى ۋە ئەركنلىكى؛ 8) ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ؛ 9) جوڭگۇ مۇھاجىرلىرى، ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ يوللۇق ھوقۇق مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ .
214.  ئەما، گاس – گاچا ۋە مېيىپ پۇقرالارغا قارىتا ئاساسى قانۇندا قانداق بەلگۇلەنگەن ؟
جاۋاپ : ئاساسى قانۇندا دۆلەت ۋە جەمىيەت ئەما ، گاس – گاچا ۋە مېيىپ پۇقرالارنىڭ ئەمگەك تۇرمۇش ۋە تەربىيلىنشنى ياردەم قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ دەپ بەلگۇلەنگەن .
215. ماددى مەدەنىيلىك بىلەن سوتسىيالستىك مەنىۋى مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشنىڭ مۇناسۋىتى قانداق ؟
جاۋاپ: ماددى مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشى مەنىۋى مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسى، مەنىۋى مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشى ماددى مەدەنىيىلىك قۇرۇلۇشنىڭ توغرا يۆنلىشگە كاپالەتلىك قىلىدۇ .
216. ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇخرالارنىڭ سىياسىي ھۇقۇقى ۋە ئەركىنلىكى نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟
جاۋاپ: سىياسىي جەھەتتە ئۆزىنىڭ قارشى ۋە پىكرىنى بايان قىلىش ھۇقۇقى بۇلىدۇ، سايلاش ھۇقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بۇلىدۇ .
217.  دۆلەت تەكىتلەۋاتقان «بەشنى سۆيۈش »  نېمىنى كۆرستىدۇ ؟
جاۋاپ: ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، ئەمگەكنى سۆيۈش، ئىلىم- پەننى سۇيۈش، سوتسىيالىزىمنى سۆيۈشتىن ئىبارەت
218. ئاساسىي قانۇننىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، دۆلەت قايسى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيسىنى ئېلىپ بارىدۇ ؟
جاۋاپ: غايە تەربىيسى، ئەخلاق تەربىيسى، مەدەنىيەت تەربىيسى ۋە قانۇن- تۈزۈم تەربىيسىنى ئۇمۇملاشتۇرىدۇ.
219. ئاساسى قانۇندا ئالاھىدە مەمۇرى رايونغا قارىتا قانداق بەلگۈلىمە چىقىرىلغان؟
جاۋاب: ئاساسى قانۇندا «دۆلەت زۆرۈر بولغاندا ئالاھىدە مەمۇرى رايون تەسىس قىلىدۇ، ئالاھىدە مەمۇرى رايونىدا يولغا قۇيۇلىدىغان تۈزۈمنى كونكىرىت ئەھۋالغا ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى قانۇن شەكلىدە بىكىتىدۇ» دەپ بەلگۈلەنگەن.
220. سوتسىيالىستىك دىموكىراتتىيە قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: 1) سوتسىيالىستىك دىموكىراتتىيە ئاساسلىقى سوتسىيالىستىك دۆلەت تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇ دۆلەتنىڭ سىنپى خاراكتىرى ۋە دۆلەت شەكىلىدۇر. 2) سوتسىيالىستىك دىموكىراتتىيە خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتكى بەھرىمان بولىدىغان كەڭ ھۇقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3) سوتسىيالىستىك دىموكىراتتىيە كىشلەرنىڭ دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىتىكى دىموكىراتتىك ئېڭى، ئادىتى ۋە ئىستىلىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
221. كاپتالىسىتىك ئاساسى قانۇنىنىڭ پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا بىردەك باراۋەر بۇلۇش پىرىنسپىنىڭ مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: ئۈچ جەھەتتىكى مەزمۇنى بار. بىرنچىدىن، پۇقرالارنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش جەھەتتىكى باراۋەرلىكى؛ ئىككنچىدىن، پۇقرالارنىڭ قانۇننى قوللنىش جەھەتتىكى باراۋەرلىكى؛ ئۈچنچىدىن،  پۇقرالارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش جەھەتتىكى باراۋەرلىكى.
222. مىللى تېرتوريىلىك ئاپتونومىينى يولغا قۇيۇشنىڭ ئەۋزەللىكى قايسى؟
جاۋاب: بىرىنچىدىن، دۆلەتنىڭ بىرلىكىكە كېلىشىگە پايدىلىق؛ ئىككنىچىدىن، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا پايدىلىق؛ ئۈچنچىدىن، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغۇتۇشقا پايدىلىق؛ تۆتنچىدىن، دۆلەت قۇرلۇشىغا پايدىلىق.
223. بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بۇلۇشىنىڭ مەنىسى نېمە؟
جاۋاب: ئۇنىڭ مەنىسى: بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىستىك دۆلەتتە مەركەزنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئەڭ ئالى ھۇقۇقلۇق ئورگان قارار قىلىش ئارقىلىق قىسمەن جايلاردا تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوتسىيالىستىك سىياسەت يولغا قۇيۇلماي، ئۇلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى تۈزۈمىگە ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدە تۈزۈمى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ.
224. پۇقرالارنىڭ ئەمگەك ھۇقۇقى نېمىنى كۆرستىدۇ؟
جاۋاب: ئەمگەك ئىقتىدارى بار پۇقرالار ئەمگەك قىلىش ھەمدە قىلغان ئەمگىكىنىڭ سانى ۋە سۈپتىگە ئاساسەن ھەققە ئىرىشىش ھۇقۇقى بولىدىغانلىقىنى كۆرستىدۇ.
225. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتسادىي تۈزۈمىنىڭ ئاساسى نېمە؟
جاۋاب: دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتسادىي تۈزۈمىنىڭ ئاساسى- ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرىنىڭ سوتسىيالىستىك ئۇمۇمى مۈلۈكچىلىكتە بۇلىشى يەنى ئۇمۇمى خەلق ئىگىدارلىقىدا بۇلۇش تۈزۈمى ۋە ئەمگەك كوللىكتىۋىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بۇلۇش تۈزۈمىدىن ئىبارەت. سوتسىيالىستىك ئۇمۇمى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى كىشلەرنىڭ كىشىلەرنى ئىكسپالاتتاتسىيە قىلىش تۈزۈمىنى يوقىتىپ، ھەركىم ئۆز قابىلىيتىگە يارىشا ئىشلەش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقىسىم قىلىش پىرنسىپىنى يولغا قويغان.
226. ماددى مەدەنيلىك، سىياسى مەدەنيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنيلىكىنىڭ ئوتتورىسىدىكى رولى قايسى؟
جاۋاب: دۆلىتىمىزنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشى ماددى مەدەنيلىك، سىياسى مەدەنيلىك ۋە مەنىۋى مەدەنيلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا زىچ باغلنىش بۇلۇپ، بىر- بىرنى شەرىت قىلىدۇ ھەم ئۆز- ئارا ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ پارتىيمىزنىڭ كوممونىستىك پارتىينىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيتى، سوتسىيالىستىك قۇرلۇش قانۇنيىتى ۋە ئنسانلار جەمىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتىگە بولغان تۇنۇشىنىڭ چۇڭقۇرلاشقانلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. بۇ ھەم سوتسىيالىستىك مەدەنيلىك مەزمۇنىنىڭ زور دەرجىدە بىيتىلىشى ھەم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرلۇشى نەزەرىيسىنىڭ زور راۋاجلنىشىدۇر.
227. سوتسىيالىسىتىك مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققى قىلىدۇرۇشنىڭ فاڭجىنى نېمە؟
جاۋاب: ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپنى ئاساس قىلىش.
 ئاساسى قانۇن قائىدىسىنىڭ ئىپادىلنىدىغان ئالاھىدىلىكى نېمە؟
جاۋاب: ئاساسى قانۇن قائىدىسى بىلەن باشقا قانۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇ تۆۋەندىكىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. بىرنچىدىن، ئەڭ يۇقىرى نۇپۇزچانلىقى؛ ئىككنچىدىن، پىرنسىپاللىقى، ئۈچنچىدىن، ئۇمۇميلىقى؛ تۆتىنچىدىن، ماسلىشىشچانلىقى؛ بەشنچىدىن، كونكىرىت جازالاش خاراكتىرىگە ئىگە ئەمەسلىكى؛ ئالتىنچىدىن، نىسپى مۇقىملىقى.
229. دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئاساسى ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيتىنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمە؟
جاۋاب: پۇقرالار ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيتىنىڭ باراۋەرلىكى، پۇقرالار ھۇقۇقى ۋە ئەركنلىكىنىڭ كەڭ كۆلەملىكى، پۇقرالار ھۇقۇقى ۋە ئەركنلىكىنىڭ رىئاللىقى، پۇقرالار ھۇقۇقى ۋە مەجبۇرىيتىنىڭ بىردەكلىكىدىن ئىبارەت.
 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دۆلەت مارشى نېمە؟
جاۋاب: پىدائىيلار مارشى.
231. نەرسە ھۇقۇقى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: نەرسە ھۇقۇقى ئىگدارلىق ھۇقۇقى، نەرسىدىن پايدىلنىش ھۇقۇقى ۋە كىپىل نەرسە ھۇقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نەرسە ھۇقۇقى قانۇندىكى نەرسە ھۇقۇقى ئۇقۇمىنى قانداق چۈشنىش كېرەك؟
جاۋاب: ھۇقۇقدارنىڭ مۇئەييەن نەرسىنى قانۇن بويىچە ئىلىكىدە تۇتۇش ۋە يۆتكەش ھۇقۇقىنى، جۈملىدىن ئىگىدارلىق ھۇقۇقى، پايدىلانمە نەرسە ھۇقۇقى، كېپىل نەرسە ھۇقۇقىنى كۆرىستىدۇ.
233. تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق يېرى ۋە ئورمان يېرىنى ھۆددە بىرىش مۇددىتى نەچچە يىلدىن بۇلىدۇ؟
جاۋاب: تېرىلغۇ يەرلەرنى ھۆددە بىرىش مۇددىتى 30 يىل بۇلىدۇ، ئوتلاق يېرىنى ھۆددە بىرىش مۇددىتى 30 يىلىدىن 50 يىلىغىچە بۇلىدۇ، ئورمان يېرىنى ھۆددە بىرىش مۇددىتى 30 يىلىدىن 70 يىلىغىچە بۇلىدۇ.
234. نەرسە ھۇقۇق قانۇنىدا قايسى خىل مال- مۈلۈكنى رەنىگە قۇيۇشقا بولمايدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن؟
جاۋاب: 1) يەر ئىگدارلىق ھۇقۇقى؛ 2) تېرىلغۇ يەر، ئۆيلۈك يەر، قالدۇرۇق يەر، قالدۇرۇق تاغ قاتارلىق كوللكىتىپ ئىگىلىكىدىكى يەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى، لېكىن قانۇندا رەنىگە قۇيۇشقا بۇلىدۇ دەپ بىكىتىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. 3) مەكتەپ، بالىلار يەسىلىسى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق مەقسىدىدە قۇرۇلغان كەسپى ئۇرۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مائارىپ ئەسلىھەلىرى، داۋالاش، سەھيە ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرى؛ 4) ئىگىدارلىق ھۇقۇقى، ئىشلىتىش ھۇقۇقى ئېنىق بولمىغان ياكى تالاش- تارتىش ئۈستىدىكى مال- مۈلۈكلەر؛ 5) قانۇن بويىچە پىچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلنغان ۋە نازارەت قىلىپ، باشقۇرۇلىۋاتقان مال- مۈلۈكلەر؛ 6) قانۇن، مەمۇرى قانۇنلاردا رەنىگە قۇيۇشقا بولمايدۇ دەپ بەلگۈلەنگەن باشقا مال- مۈلۈكلەر.
235. نەرسە ھۇقۇقى قانۇنى قاچان، قانچىنچى نۆۋەتلىك، قانچنچى قېتىملىق يىغندا ماقۇللانغان؟
جاۋاب: نەرسە ھۇقۇقى قانۇنى 2007- يىلى 3- ئاينىڭ 16- كۈنى 10- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتېينىڭ 5- قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان.
236. نەرسە ھۇقۇقى قانۇنى قاچاندىن باشلاپ يولغا قۇيۇلدى؟
جاۋاب: 2007- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلدى.
237. نەرسە ھۇقۇقى قانۇنىدىكى ئىگىدارلىق ھۇقۇقىنىڭ ئۇقۇمى نېمە؟
جاۋاب: ئىگىدار ئۆزىنىڭ كۆچمەس مۈلىكى ياكى كۆچمە مۈلىكىنى قانۇن بويىچە ئىگلەش، ئىشلىتىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە.
238. نەرسە ھۇقۇقى قانۇنى جەمئى نەچچە باب، نەچچە ماددا؟
جاۋاب: 19 باب، 247 ماددا.
239. بىلىم مۈلۈك ھۇقۇقى قايسى دائىردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: بىلىم مۈلۈك ھۇقۇقى كەڭ ۋە تار مەنىگە ئىگە بۇلۇپ، كەڭ مەنىدىكى بىلىم مۈلۈك ھۇقۇقى ئىجادىيەت ھۇقۇقى، ماركا ھۇقۇقى، دۇكان ھۇقۇقى، سودا مەخپىيەتلىكى ھۇقۇقى، ئىشلەپچىقارغان ئۇرۇننىڭ بەلگە ھۇقۇقى، پاتنىت ھۇقۇقى، توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، لاھيىلەش ھۇقۇقى ۋە يېڭى ئۆسۈملۈك سورتلىرى ھۇقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك ھۇقۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تار مەندىكى بىلىم مۈلۈك ھۇقۇقى يەنى ئەنئەنىۋى مەنىدىكى بىلىم مۈلۈك ھۇقۇقى بۇلۇپ، ئۇ ئىجادىيەت ھۇقۇقى، پاتنىت ھۇقۇقى ۋە ماركا ھۇقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
240. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تاسادىىپى ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى قاچان ئېلان قىلنىپ، يولغا قۇيۇلغان؟
جاۋاب: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تاسادىىپى ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتېيى دائىمي ھەيئەتلەر يىغىنىنىڭ 29- قېتىملىق يىغنىدا، 2007- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى ماقۇللنىپ، 2007- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان.
241. تاسادىپى ۋەقە دېگەن نېمە؟
جاۋاب: تاسادىپى ۋەقە دېگىنىمىز- تاسادىپى يۈز بەرگەن، جەمىيەتكە ئېغىر خەۋىپ يەتكۈزىدىغان ياكى يەتكۈزۈش ئىھتىمالى بولغان، جىددى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللنىپ، تاقابىل تۇرۇلىدىغان تەبىئى ئاپەت، ۋەقە ئاپىتى، ئاممىۋى سەھيە ۋەقەلىرى ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنى كۆرسىتىدۇ. جەمىيەتكە خەۋىپ يەتكۈزۈش دەرجىسى ۋە تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، تەبئى ئاپەت، ۋەقە ئاپىتى، ئاممىۋى سەھيە ۋەقەلىرى پەۋقۇللاددە زور، زور، ئادەتتىكى زور ۋە ئادەتتىكىچە دەپ تۆت دەرجىگە ئايرىلىدۇ. قانۇن، مەمۇرى قانۇن- بەلگۈلىمىلەر ياكى گۇۋۇيۈەن باشقىچە بىكىتكەنلىرى شۇ بىكىتكەن بويىچە بۇلىدۇ. تاسادىپى ۋەقەلەرنى دەرجىگە ئايرىش ئۆلچىمىنى گۇۋۇيۈەن ياكى گۇۋۇيۈەن بىكتكەن تارماقلار بىكىتىدۇ.
242. تاسادىپى ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنىڭ پىرنسىپى قايسى؟
جاۋاب: تاسادىپى ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشىنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن جىددى تاقابىل تۇرۇشنى ئۆز- ئارا بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى يولغا قۇيولىدۇ.
243. تاسادىپى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېين، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: تاسادىپى ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن، ناھيە دەرجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چۇقۇم دەرھال تەدبىر قوللنىپ، ئىشنىڭ كېڭيىپ كىتىشىنى كونتىرول قىلىشى، جىددى قۇتقۇزۇش ۋە بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ئىلىپ بىرىشى ھەمدە دەرھال ئۆزىدىن بىردەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە دوكىلات قىلىش كېرەك، زۆرۈر تېپىلغاندا دەرىجە ئاتلاپ دوكىلات قىلىسا بۇلىدۇ. تاسادىپى ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئۇرۇندىكى ناھيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاسادىپى ۋەقەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان جەمىيەتكە ئېغىر خەۋىپ يەتكۈزۈش ئىشلىرىنى تۈگىتەلمىسە ياكى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلالمايدىغان بولسا، چۇقۇم ۋاقتىدا يۇقىرى دەرجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە دوكىلات قىلىشى لازىم. يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋاقتىدا تەدبىر قوللنىپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، جىددى تاقابىل تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىنى ئىشلىشى كېرەك.
244. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى قاچان ئېلان قىلنىپ، يولغا قۇيۇلغان؟ جەمئى نەچچە باب، نەچچە ماددا؟
جاۋاب: 1979- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتېيىنىڭ 2- قېتملىق يىغنىدا ماقۇللانغان،1997- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلغان، جەمئى 10 باب، 452 ماددا.
245. مەمۇرىلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلىدىغان پىرنسىپ قايسى؟
جاۋاب: مەمۇرىلارنى باشقۇرۇشتا ئاشكارا، باراۋەر، رىقابەتلەشتۈرۈش، ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، قانۇندا بەلگۈلەنگەن ھۇقۇق  دائىرىسى، شەرتى، ئۆلچىمى ۋە تەرتىۋى بويىچە ئىجرا قىلنىدۇ.
246. مەمۇرىلارنى مۇكاپاتلاشنىڭ نەچچە خىل تۈرى بار؟
جاۋاب: تەقدىرلەش، 3- دەرىجىلىك تۆھپە يېزىش، 2- دەرىجىلىك تۆھپە يېزىش، 1- دەرىجىلىك تۆھپە يېزىش، شەرەپلىك نامى بىرىش.
247. مەمۇرىلارنى جازالاشنىڭ نەچچە خىل تۈرى بار؟
جاۋاب: ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، خىزمەتتىن بوشتىش.
248. قايسى ئەھۋالدا ئەمگەكچىلەر قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇئامىلىسىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، دەم ئېلىشقا چىققان بولسا؛ ئىككنچىدىن، كېسەل بۇلۇپ قالغان، يارلانغان بولسا؛ ئۈچنچىدىن، ئىش ئۈستىدە يارلنىپ، مېيپ بولغان ياكى كەسىپى كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان بولسا؛ تۆتىنچىدىن، ئشسىز قالغان بولسا؛ بەشنچىدىن، يەڭگىگەندە.
249. توختام قايسى ئالاھىدىلىكلەرگە ئېگە؟
جاۋاب: 1)توختام بىرخىل ھەق- تەلەپ قانۇن ھەركىتى؛ 2) توختام بىر خىل ئىككى تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپ ۋەياكى ئورتاق بولغان ھەق- تەلەپ قانۇن ھەركىتى؛ 3) توختام ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مال- مۈلۈك خاراكتىرىنى ئالغان ھەق- تەلەپ ھۇقۇقى، مەجبۇرىيىتى مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ئۆزگەرتىش ۋە توختىتىشنى مەقسەد قىلىدۇ؛ 4)توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتا چۇقۇم قانۇن ۋە مەمۇرى قانۇنلارغا رىئايە قىلىش شەرىت؛ 5) توختام قانۇن بويىچە تۈزۈلىدۇ، يەنى قانۇنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە بۇلىدۇ.
250. ئۈنۈملۈك توختام دېگەن نېمە؟
جاۋاب: ئۈنۈملۈك توختام دېگىنىمىز قانۇننىڭ بەلگۈلمىسىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئىمزالانغان ماددىلارنىڭ  ھەرئىككى تەرەپكە قارىتا قانۇنى چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولغان ھەمدە دۆلەتنىڭ قانۇن تەرىپىدىن مەجبۇرى قوغدىلىدىغان توختامنى كۆرستىدۇ. قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن توختام ئىمزالانغان كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ. قانۇن، مەمۇرى قانۇنلاردا چۇقۇم تەستىقلاپ تېزىملتىش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش بەلگۈلەنگەنلىرى، چۇقۇم ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەندىن كېين، توختام ئاندىن كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ. 
سەككىزىنچى، ئالاقىدار سىياسەت بىلملىرىدىن سۇئال- جاۋابلار

251. پەيزاۋات ناھيسىنىڭ «11- بەش يىللىق»پىلان مەزگىلىدىكى تەرەققىيات تەپەككۇر يولى قايسى؟
جاۋاب: «11- بەش يىللىق»پىلان مەزگىلىدە، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قۇيۇپ، بىر نشاننى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى چوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىكنى بەرپا قىلىپ، تۆت چوڭ بازا قۇرۇپ چىقىپ، بەش چوڭ ئسىتىراتىگىيە يولغا قۇيۇلىدۇ. بىر نشاننى گەۋدىلەندۈرۈش- پەيزاۋاتنى ئەتىراپتىكى دۆلەتلەر ۋە بىر شەھەر، ئىككى ناھيىنى ئاساسلىق يېزائىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، يىنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى (ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش) بىلەن تەمنلەش بازىسى ۋە ساھايەتچىلىك كەسپى ئېچىۋىتىلگەن بەلباغقا ئايلاندۇرۇپ، ئىقتسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بۇلۇش؛ ئىككچى چوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش- يەنى غەربى رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ۋە ئوتتورا ئاسىيا، جەنۇبى ئاسىيا ئىقتىساد چەمبىرىكىدە قەشقەر ئۈچۈن مەركىزى ئۇرۇن يارتىش ئىستىراتىگىيلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش؛ ئۈچ ئالاھىدىلىكنى بەرپا قىلىش- يەنى پەن- تېخنىكا ۋە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققى قىلىغان پەن- مائارىپ شەھىرى بەرپا قىلىش؛ مەدەنىي كەيپىياتى قۇيۇق، مىللى خاسلىقى روشەن بولغان مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش، يىشللىققا پۈركەنگەن، ساغلام، كىشلەر خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئارامگاھ، ساياھەت شەھرى بەرپا قىلىش؛ تۆت چوڭ بازا قۇرۇش- يېزائىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمنلەش بازىسى، يىنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى بازىسى (ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش)، ئەلا سۈپەتلىك پاختا تېرىش بازىسى، چارۋا- ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق بازىسى؛ بەش چوڭ ئىستىراتىگىينى يولغا قۇيۇش- بىرنچىدىن ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇش ئىستىراتىگيىسىنى يولغا قۇيۇش، ئىككنچىدىن، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئىستىراتىگيىسىنى يولغا قۇيۇش، ئۈچنچىدىن، ساياھەتچىلىكنى تەرەققى قىلىدۇرۇش ئىستىراتىگيىسىنى يولغا قۇيۇش، تۆتىنچىدىن، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ئىستىراتىگيىسىنى يولغا قۇيۇش، بەشنچىدىن، پەن- مائارىپ ئارقىلىق پەيزاۋاتنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتىگيىسىنى يولغا قۇيۇش.
252. پەيزاۋات ناھيسىنىڭ «11- بەش يىللىق»پىلان مەزگىلىدىكى تەرەققىيات فاڭجىنى قايسى؟
جاۋاب: «سانائەت ئارقىلىق ناھيىنى كۈچلەندۈرۈش، يېزائىگىلىك ئارقىلىق ناھينى قۇدۇرەت تاپقۇزۇش، ئۈچنچى كەسىپ ئارقىلىق ناھيىنى جانلاندۇرۇش، شەھەر قۇرلۇشى ئارقىلىق ناھيىنى يىتەكلەش، پەن- مائارىپ ئارقىلىق ناھيىنى گۈللەندۈرۈش»تەك ئىستىراتىگيىلىك فاڭجىنىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت.
253. سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرلۇشى داۋامىدا كەڭ قانات يايدۇرۇلىدىغان «ئوننى ئۆزگەرتىپ، بىرىنى تۇرغۇزۇش»نېمىنى كۆرستىدۇ؟
جاۋاب: ئوننى ئۆزگەرتىش يەنى كەلگەنلا يەرگە قالايمىقان تۈكۈرۈش، كەلگەنلا يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش، قالايمىقان ئەخلەت تۆكۈش، تاشلاش، قاينىتىلمىغان سۇ ئېچىش، ئاشخانا بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، ھەددىن زىيادە كۆپ ھاراق ئېچىش، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، يولنى قالايمىقان كېسىپ ئۆتۈش، مەينەت، قوپال گەپ قىلىش ۋە پوزىتسىيسى ئىلمى بولماسىلىق قاتارلىق قالاق ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. بىرنى تۇرغۇزۇش مەدەنىي، پاكىز، ئىلمى بولغان يېڭىچە ئىستىلنى تۇرغۇزۇشنى كۆرستىدۇ.
254. يېزىلاردىكى قىسمەن پىلانلىق پەرزەنىت كۆرگەن ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاپ، يۆلەش تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق ئوبىكتلىرى چۇقۇم بىرلا ۋاقتتا قايسى شەرتىلەرگە ئۇيغۇن كىلىشى كېرەك؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، ئۆزى ۋە جۆرىسى بىردەك يېزائىگىلىك نۇپۇسى بولغان بۇلىشى ياكى يېزا ئائىللىرى نۇپۇسى دەپ بىكىتىلگەن بۇلىشى كېرەك. ئىككنچىدىن، 1933- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بۇلىشى، 1973- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا پىلانلىق تۇغۇت قانۇن بەلگۈلمىسى ۋە سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلمىغان بۇلىشى كېرەك. ئۈچنچىدىن، ھازىر بىرلا پەرزەنتى بولغان ياكى ئىككى قىزى بولغان ۋەياكى پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كىتىپ، ھازىر بىرمۇ پەرزەنتى بولمىغان بۇلىشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، يېشى 60 ياشقا توشقان بۇلىشى كېرەك. يۇقارقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كىلىدىغان مۇكاپاتلاش، يار- يۆلەكتە بۇلۇش ئوبىكتلىرىغا كىشى بېشىغا 600 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە مۇكاپاتلاش، يار- يۆلەكتە بۇلۇش پۇلى ئۆلۈپ كەتكىچە تارقىتىپ بىرىلىدۇ. 60 ياشتىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە قارىتا مۇكاپاتلاش، يار- يۆلەكتە بۇلۇشقا شۇ جايدا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ۋاقتتىكى ئەمەلى يېشىنى باشلنىش نوقتىسى قىلىپ تارقىتىپ بىرىلىدۇ.
255. يالغۇز پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتكەن، مېيىپ ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش، يار- يۆلەكتە بۇلۇشىنىڭ ئوبىكتى قايسى؟
جاۋاب: بىرنچىدىن، شۇ ئادەم ۋە جۆرىسى يېزائىگىلىك نۇپۇسى بولغان بۇلىشى ياكى يېزا ئائىللىرى نۇپۇسى دەپ بىكىتىلگەن بۇلىشى كېرەك. ئىككنچىدىن، شۇ ئادەم ۋە جۆرىسى پىلانلىق تۇغۇت سىياسەت، بەلگۈلمىللىرىگە خىلاپلىق قىلمىغان بۇلىشى لازىم. ئۈچنچىدىن، شۇ ئادەم ۋە جۆرىسى ئۈمۈر بويى بىر پەرزەنتىلىك بولغان بۇلىشى ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتكەن، مىېيىپ بۇلۇپ قالغان، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالغان بۇلىشى، قايتا توغمىغان ياكى بالا بېقىۋالمىغان بۇلىشى لازىم. تۆتىنچىدىن، شۇ ئادەم ۋە جۆرىسى 1946- يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان، يېشى 45 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان بۇلىشى كېرەك. يېزىلاردا يالغۇز پەرزەنتىلىك بۇلۇپ، پەرزەنتى ئۆلۈپ كەتكەن، مېيىپ بۇلۇپ قالغان ئائىلىلەرگە يار- يۆلەكتە بۇلۇش ئوبىكتىغا ئۇيغۇن كىلىدىغان ھەربىر ئادەمگە ھەر ئايدا 50 يۈەندىن ياردەم پۇلى تارقىتىلىپ بىرىلىدۇ. ياردەم بىرىش ئوبىكتىنىڭ يېشى 60 ياشقا توشقاندا ئۇلار دۆلەت بەلگۈلىگەن يېزىلاردىكى قىسمەن پىلانلىق پەرزەنىت كۆرگەن ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش، يار- يۆلەكتە بۇلۇش سىياسىتىدىن بەھرىمان بۇلىدۇ.
 

0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر