مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

ئۇيغۇرسوفت MP4 بازارغا سېلىنىدۇ

2009-03-06 10:51:37   ئاپتۇرى : ئەسقەرجان      مەنبەسى : بىلىك كۇلۇبى    كۆرۈلىشى : 0

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر قاتتىق دېتال شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇر يېزىقى قوشۇلغان ئۇيغۇرسوفت MP4 نى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ جەرياندا تەڭسىز كەڭلىكتىكى 12 چېكىتلىك، 16 چېكىتلىك ۋە 24 چېكىتلىك يۇنىكود ئۆلچىمىدىكى چېكىتلىك خەت ئامبىرىنى تاماملاپ، ئۇيغۇرچە يېزىققا مۇناسىۋەتلىك پروگرامما بۆلىكىنى تاماملىدى. بۇ مەھسۇلات ھازىر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ پات يېقىندا بازارغا سېلىنىدۇ.

بۇ مەھسۇلاتنىڭ سىغىمى 4GB بولۇپ، 3.0 دىيوملۇق ئېكران ۋە 3.6 دىيوملۇق سېزىمچان ئېكران قاتارلىق ئىككى تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ، تىل ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولالايدۇ.



ھازىرچە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، تۈرۈكچە، رۇسچە، ياپۇنچە،....قاتارلىق 21 دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللايدۇ.

قاتتىق دېتالغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئىقتىدارلىرىنى ھازىرچە بۇ يەردىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.

http://www.ramos.com.cn/product.php?productid=46
خەتكۈچ :مەكىت
0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر