مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

قىزلار كۆرسە يىغلايدىغان، ئۇغۇللار...

2009-04-17 15:08:38   ئاپتۇرى : مەمەتئېلى      مەنبەسى :    كۆرۈلىشى : 0

بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بار بۇلۇپ، قىز بولسا ناھايىتى چىرايلىق، كىشىنىڭ كۆڭلىنى.....
قىزلار كۆرسە يىغلايدىغان، ئۇغۇللار كۆرسە سۈكۈتكە چۈشىدىغان ئەسەر
بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بار بۇلۇپ، قىز بولسا ناھايىتى چىرايلىق، كىشىنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈشكە ماھىر، پات-پات بولمىغۇر قىلىق چىقىرىپ ئۇغۇللارنى ئەخمەق قىلىدىغان خۇيى بار. ئۇغۇل بولسا ناھايىتى ئەقىللىق، ئىش ئۇقىدىغان، بۇلۇپمۇ يۇمىرستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك، دائىم قىز بىلەن بىللە بولغاندا ئۇنى كۈلدۈرۈپ، خۇشال قىلالايدۇ. قىزمۇ ئۇغۇلنىڭ مۇشۇ تەرىپىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.
ئۇلار بىللە يۈرگىلى خېلى بولغان بۇلۇپ، قىزنىڭ ئۇغۇلغا بولغان ھىسياتى ئادەتتىكىچە، ئۇغۇلنى ئۆزىنىڭ توققىنىدەك كۆرىدۇ.
ئۇغۇل بولسا قىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭىلاشقا ھەر ۋاقىت خاتالىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، قىزنى خاپا قىلىپ قۇيۇشتىن قورقىدۇ. خاتالىق قىزدىن ئۆتسىمۇ يەنىلا ئۆزىدىن كۆرىدۇ.
مۇشۇ تەرىققىدە 5 يىل ئۆتۈپ كىتىدۇ، ئۇغۇل قىزنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئاسرايدۇ.
مەلۇم بىر ھەپتە ئاخىرى، قىز سىرتقا ئىش بىجىرىشكە چىقىماقچى بۇلىدۇ، ئۇغۇل ئەسلى قىزنى ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلماقچى بۇلغان ئىدى، ئەمما قىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بۇ نىيتىدىن يېنىپ، ئۆيىگە قايتىپ بىر كۈن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قىز بىلەن ئالاقىلاشمايدۇ. ئۇ، قىزنى بەك ئالدىراش، ئىش بىجىرىشىگە دەخلى قىلماي دەپ ئويلايدۇ.
كىم بىلسۇن، قىز ئىش بىجىرىش داۋامىدا دائىم يىگىتنى ئويلايدۇ، ئەمما يىگىتنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغاچقا ناھايىتى خاپا بۇلىدۇ، ھەمدە ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ يىگىتكە ئۇچۇر يوللايدۇ، ئۇچۇرىدا يىگىت بىلەن ئايرىلىپ كىتىش تەلىپىنى قويىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سائەت 12 بولغان ئىدى.
يىگىت ناھايىتى تىت-تىت بۇلۇپ قىزغا بىر نەچچە قېتىم ئۇچۇر يوللايدۇ، ئەمما قىز قايتۇرمايدۇ. تېلفۇنىغا تىلفۇن قىلسا ئۈزىۋىتلىدۇ، ئۆيىگە تىلفۇن قىلسا تېلفۇن سىمىنىڭ ئېلىۋىتىلگەنلىكى مەلۇم بۇلىدۇ. يىگىت چاپاننى ئېلىپلا ئۆيدىن چىقىپ قىزنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سائەت 12 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەن ئىدى.
ئۇ قىز 12 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە يىگىتنىڭ تىلفۇننى تاپشۇرىۋالدى، بۇ قېتىم يىگىت قول تىلفۇنى بىلەن قىزغا تىلفۇن قىلغان ئىدى. ئەمما قىز يىگىتنىڭ تىلفۇننى ئالمىدى، ۋە تىلفۇننى قويىۋەتتى.
شۇندىن كىيىن يىگىتتىن تىلفۇن كەلمىدى، ئۇرۇمۇ يوق ئىدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە قىزغا يىگىتنىڭ ئانىسىدىن تىلفۇن كەلدى، يىگىتنىڭ ئانىسى يىغلامسىراپ تۇرۇپ قىزغا يىگىتنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقنى، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقنى ئېيتىدۇ.
قىز ئازاپلانغانلىقىدىن يىغسىنى توختىتالمىدى، ئەمما پۇشايمان قىلغان بىلەن پايدىسى يوق ئىدى، قىز شۇ ئەسنادا ئۆزىنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقنى ھىس قىلدى.
قىز تىلفۇننى قۇيۇپ، قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئورۇنغا كەلدى، نەق مەيداندا يىگىتنىڭ ماشىنىسى يۈك ئاپتۇمبىلغا سۇقۇلۇپ ماقچىيىپ كەتكەن ئىدى، ماشىنا رولىدا ۋە سۈرەت كۆرسەتكۈچتە قان داغلىرى بار ئىدى.
قىزنىڭ ئانىسى يىگىتتىن قېپقالغان نەرسىلەرنى قىزغا بەردى، بۇ نەرسىلەر يىگىتنىڭ قول سائىتى، قانغا مىلەنگەن تېلفۇن، ھەمدە يىگىتنىڭ قېنى بىلەن بۇيالغان قىزنىڭ سۈرئىتى ئىدى.
قىز قول سائىتىنى قولغا ئېلىپ سائەت ئىستىرىلكىسنىڭ 12 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە توختاپ قالغانلىقىنى كۆردى. قىز شۇ چاغدىلا، يىگىتنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئاخىرقى نەپىسى قالغاندىمۇ قىزغا تىلفۇن قىلىپ ئاخىرقى قېتىم كۆرشمەكچى بولغانلىقنى بىلدى، ئەمما قىز تىلفۇننى ئۈزىۋەتكەن ئىدى. يىگىت يەنە بىر قېتىم تىلفۇن قىلىشقا ماغدۇرى يەتمەي، قىزغا بولغان قىزغىن مۇھاببىتىنى ئېلىپ بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
قىز يىگىتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزىگە دىمەكچى بولغان سۆزىنى مەڭگۈ بىلەلمەيتى، ھەم بۇندىن كىينمۇ ھېچكىم قىزنى يىگىتتەك سۆيەلىشى ئىنىق ئەمەس ئىدى.
0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر