مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

يۇپۇرغا ناھىيىسىدىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئەمەلىي نەپكە ئىرىشتى

2008-12-23 12:26:57   ئاپتۇرى : askarjan      مەنبەسى :    كۆرۈلىشى : 0

يوپۇرغا ناھيىسىدە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپكە مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن بارىدىغان بولدى«شىنجاڭ گېزىتى» ...
يوپۇرغا ناھيىسىدە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى مەكتەپكە مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن بارىدىغان بولدى
«شىنجاڭ گېزىتى»مۇخبىرلىرى خەۋىرى، 31-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە يوپۇرغا  ناھيىسىنىڭ «داۋاكۆل»مەيدانىدا  يوپۇرغا ناھيىسىدىكى 1000دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، مائارىپ خىزمەتچىسى ۋە ناھىيە رەھبەرلىرى قاتناشقان داغدۇغىلىق ئۇزۇتۇش-يولغا چىقىش مۇراسسىمى ئۆتكۈزۈلدى. قىسقىغىنە مۇراسسىمدىن كىيىن، ناھيە بازىردىن يېزا مەكتەپلىرىگە قاتناپ ئىشلەيدىغان 503 ئوقۇتقۇچى ناھيە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان31 مىنبۇسقا ئولتۇرۇپ، خوشال ھالدا ئۆز مەكتەپلىرىگە يۈرۈپ كەتتى.
يوپۇرغا ناھيىسىدىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «قاتناش مەسىلىسى» ھەل قىلنىپ ئىككى كۈندىن كىيىن، يوپۇرغا ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چيۇبىن بىلەن ھاكىم ھەسەنجان ئەخمەت بىرلا ۋاقىتتا سىيەك يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گو رۇڭمىن يازغان تەشەككۇر خېتىنى تاپشۇرۋالدى. خەتتە مۇنداق دىيىلگەن ئىدى:«مەن يېزا ئوقۇتقۇچىسى، مەن باشقا يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوخشاش سىيەك يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە قاتنايدىغان تۇنجى  مەخسۇس ئاپتىبۇسقا  ئولتۇرغىنىمدا  ئۆزەمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلدىم. ئاپتىبۇس ئاستا-ئاستا قوزغالغان دەقىقىلەردە ئىلگىركى جىددىيلىك ئىچىدە ئاپتىمۇبىل ئىزدەۋاتقان ۋە دەرس ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ بارالماسلىقتىن ئەنسىرەپ تەمتىرەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كەلدى. مانا ھازىر مەخسۇس ئاپتىبۇسقا  ئولتۇرۇپ مەكتەپكە دەل ۋاقتىدا خاتىرجەم بارالايمەن. بۇلارنى ئويلۇغۇنۇمدا  بۇ ئاددىي ئىشقا چەكسىز غەمخورلۇقنىڭ مۇجەسسەملەشكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن...».
ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چيۇبىن مۇنداق دېدى:«ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقى بىزھنىڭ قىيىنچىلىقىمىز ، بىز تۇنجى قەدەمدە يېزا مەكتەپلىرىگە قاتناپ ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، ئىككىنچى قەدەمدە بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چۈشلۈك تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى، ئۈچۈنچى قەدەمدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چۈشلۈك ئارام ئېلىش- ياتاق مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز...
يوپۇرغا ناھيىسىدىكى 76 ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 70ى يېزىدا، يېزا مەكتەپلىردىكى ئوقۇتقۇچىلار 1400دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 503 ئوقۇتقۇچىنىڭ ئائىلىسى ناھىيە بازىردا بولۇپ، يېزا مەكتەپلىرىگە قاتناپ ئىشلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قاتناش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ناھيە رەھبەرلىرى يوپۇرغا«قىزىل بۈركۈت» ترانسپورت شىركىتى ۋە «داۋاكۆل» كىرا ئاپتوموبىللىرى شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 31 مىنبۇسنى مەخسۇس لىنيە بويۇنچە قاتناشقا ئاجىراتتى. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى قاتناپ ئىشلەيدىغان يېزىنىڭ يىراق-يېقىن بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئايدا 50يۈەن قاتناش ھەققىي تاپشۇرسىلا كۈندە ئەتىگەندە ناھىيە بازىردىكى بەلگۈلەنگەن ئۈچ ئورۇندىن مىنبۇسقا ئولتۇرۇپ،ئىشقا بېرىپ كېلەلەيدۇ. ناھيە مالىيەسى يىلدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتناش ھەققى ئۈچۈن 430مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم پولى ئاجىرتىدۇ.
-قاتناش قىيىنچىلىقىمىزنىڭ ھەل بولىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلغاندىم، راست گەپنى قىلسام، بۇ ئىشلار مېنىڭ قاتناش قىيىنچىلىقىم ئۈچۈنلا بولىۋاتقاندەك تويۇلۋاتىدۇ،-دېدى يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى ئاخۇنلۇقۇم كەنت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بېلىقىز ئابلىمىت ھاياجان بىلەن،- ئاخۇنلۇقۇم يېزىسى بىلەن ناھىيىنىڭ ئارلىقى 70 كىلومېتىر كېلىدۇ، ناھىيە بازىردىن يېزىغا بېرىشقىلا ئون يۈەن كىرا ھەققى كېتەتتى، بىر كۈنلۈك كىرا ھەققىنى 20يۈەن بويۇنچە ھېساپلىغاندا ئايدا 440 يۈەن دېگەن گەپ،ھازىر 50يۈەنلا تۆلىسەم، 390يۈەننى ناھيە مالىيەسىدىن تولۇقلاپ بىرىدۇ. ئەتىگەندە سائەتلەپ ئاپتوموبىل ساقلاپ ئىشقا كېچىكىپ قالدىغان، كەچتە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل تاپالماي خىزمەتداشلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىغان ئىشلار ئەمدى كەلمەسكە كەتتى.
مەنبە:«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2008-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى سانىدىن

مېنىڭ تەسىراتىم: شايار ناھىيىلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكىمىتىمۇ ئەڭ چەت يېزىدا ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا 300يۈەن ئەتىراپىدا پۇل ئاجىرتىپ ئۇلارنىڭ يول قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپتۇ،مەن بۇ ئىككى ناھىيىنىڭ يۇقارقىدەك مائارىپ ئۈچۈن جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن قىلغان ئەمىلى ئىشى ھەر بىر ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ ۋە سۆيۈندۈرگىسى.
يولداش دىڭ شىياۋپىڭ«دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى مائارىپتا، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئوقۇتقۇچىلاردا»دەپ بۇرۇنلا ئېيتقان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى شەرەپلىك،ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى – ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا  ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئوتىدا كۈيۈش،سۈيىدە ئېقىش ھەر بىر رەھبەرنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇليىتى ۋە بۇرچى، ئەمىليەتنى ئاساس قىلىش،ئەمىلى ئىش قىلىش- ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەرەر تەلىپى. يوپۇرغا،شايار ناھىيىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمىلى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغانلىقى جايلارنىڭ ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزىيدىغان ئىسىل ئىشلاركەن. ھەر قايسى جايلار ئەمىلى تەرەققىيات قارشىنى ئۆگۈنىش،ئەمىليەتتە كۆرسىتىش داۋامىدا ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتە يولۇققان قىيىنچىلىقى ۋە يېڭى مەسىللەرگە دىھقەت قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ،ئامما ئارزۇ قىلغان،ئىلمىي تەرەققىياتقا پايدىلىق ئەمىلى، ياخشى ئىشلارنى تىرىشىپ كۆپرەك قىلىشى كېرەك.
نۇرغۇن يېزا ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ ھازىرغا ھالىغا ۋاي...! ياش ئوقۇتقۇچىلار « ئۆلىنەيمۇ،ئۆي ئالايمۇ، ئۆلىۋالايمۇ؟»دېگەن ناخشىنى توۋلاپ يىغلىسا، ئوتۇر ياشلىقلار بالىلىرىنى نەدە تەربىيەلەش، قانداق تەربىيىلەش ھەلەكچىلىكىدە، پىشقەدەملەر قايسى باشلىققا يالۋۇرسام بالامنى ئورۇنلاشتۇرارمەن دىگەن مىڭ بىر شىرىن خىيالدا...
ئۇلارمۇ ئادەمغۇ، ئادەمدەك كۆكرىكىنى كېرىپ ياشىشى كېرەكقۇ!؟ ئۇلارنى شۇنداق زەبۇن قىلغىنى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى،ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بېسىم... 
   مەنبە شەبنەم تورى
0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر