مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

HTML دا توربەت ياساش 1-دەرىس

2009-01-27 17:19:17   ئاپتۇرى : قەيسەرجان      مەنبەسى : دولانلىق ئۇچۇر تورى    كۆرۈلىشى : 0

 
HTML دىگەن نىمە ؟
HTML دىگىنىمىز، ئىنگلىزچىدىكى Hypertext Marked Language دىگەن سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ، ئۇيغۇرچە مە ...

 

HTML دىگەن نىمە ؟
 
 
HTML دىگىنىمىز، ئىنگلىزچىدىكى Hypertext Marked Language دىگەن سۆزلەرنىڭ قىسقارتىلمىسى بۇلۇپ، ئۇيغۇرچە مەنىسى < ئالاھىدە تىكىسىت بەلگىلىك تىل > دىگەنلىك بۇلىدۇ.
ئادەتتىكى تىكىستلەردىن پەرىقلىنىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ يېزىق مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە بىر قىسم Tag (بەلگە) لەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بىر HTML ھۆججىتىنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى .htm ياكى .html بۇلىدۇ. بۇنداق ھۆججەتلەرنى ئادەتتىكى يېزىق بىرتەرەپ قىلىدىغان دىتاللاردا تەھرىرلەشكە بۇلىدۇ. مەسلەن : خاتىرە دەپتەر.
(لىكىن، دەسلەپكى ئۈگەنگۈچىلەر ئالدى بىلەن ئىشلىتىش بىر قەدەر ئۇڭاي بولغان Dreamwaver قاتارلىق دىتاللارنى ئىشلەتسە بىر قەدەر ياخشى، HTML كودلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەندىن كىيىن خاتىرە دەپتەردە بىۋاستە يازسا بۇلىدۇ.).
 
دەرسىمىزنى باشلاشتىن ئاۋال تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىۋالايلى :
* ئالدى بىلەن بىكىتىمىزگە كىرىپ (باشقا جايدىن چۈشۈرسڭىزمۇ بۇلىدۇ، لىكىن بىز تەمىنلىگىنى Adobe شىركىتى تارقاتقان يېڭى نەشىرىنىڭ ھەقىقى نۇسخىسى) چۈشۈرۈپ كومپيوتىرىڭىزغا قاچىلايسىز. قاچىلاش جەريانى ناھايىتى ئۇڭاي، چۈشۈرۈپ بۇلۇپ پىرىستىن يىشىپ ئىچىدىكى Setup.exe دىگەن ھۆججەتنى ئىجرا قىلىپ <كىينكى قەدەم> دىگەننى بېسىۋەرسىڭىز بۇلىدۇ.
Adobe Dreamweaver CS3 نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.dolanlik.com/down/2008/1026/down_17.html
* ئەمدى سىز تور بەت ياساشتا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگۈچنى قاچىلايسىز. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى كومپيوتىرىدا ياسىماقچى بولسىڭىز تەۋسىيە قىلىدىغىنىم<ئۇيغۇر سوفىت ئەلكاتىپ> ، ئەگەر تورخانىدا ئىشلىمەكچى بولسىڭز <يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ> ياكى <ئويغان تەھرىرلىگۈچ> قاتارلىقلارنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
يۇقارقى دىتاللارنىڭ بىكىتىمىزدىكى چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچىسى: http://www.dolanlik.com/down/2008/1011/down_8.html
ئەلكاتىپ : http://www.dolanlik.com/down/2008/1007/down_1.html
 
تەييارلىق خىزمەتلەر ئاخىرلاشتى، ئەمدى رەسمىي ئۈگۈنۈشكە كىرىشتۇق ئەمسە !
 
 
1. HTML بەتنىڭ كود تۈزلىشى:
 
ئالدى بىلەن بايا قاچىلىغان Adobe Dreamweaver CS3 نى قوزغىتىپ، چىققان باشلىنىش كۆزنىكىدىن ‹ يېڭىدن قۇرۇش› دىن HTML نى تاللاپ بىر بەت قۇرىمىز .
 
html
 
 
قۇرۇلغاندىن كىيىن تىزىملكتىن 拆分(ئايرىش) دىگەننى چىكىپ كود رايۇنى ۋە تەھرىرلەش رايۇننى ئايرىپ كۆرستىمىز، بۇنداق قىلغاندا تەھرىرلەشكە قۇلايلىق بۇلىدۇ.
 
 
html
 
 
قۇرۇلغان بەتنىڭ كودى تۆۋەندىكىدەك بۇلىدۇ:
 
<!DOCTYPE html PUBLIC "-//W3C//DTD XHTML 1.0 Transitional//EN" "http://www.w3.org/TR/xhtml1/DTD/xhtml1-transitional.dtd">
<html xmlns="http://www.w3.org/1999/xhtml">
<head>
<meta http-equiv="Content-Type" content="text/html; charset=utf-8" />
<title>无标题文档</title>
</head>
 
<body>
</body>
</html>
 
يۇقارقى كوددىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بۇلۇدىكى بىر HTML بەت تۆۋەندىكى ئاساسلىق كونتىرول جۈملىللىرىدىن تۈزۈلىدۇ. يەنى :  html, head, title, body(بۇلارنى چۇقۇم ئەستە ساقلاش كىرەك)
 
<html> بولسا بىر پۈتۈن بەتتىكى مەزمۇننىڭ باشلىنىشى ، </html> بولسا بىر پۈتۈن بەتتىكى مەزمۇننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بەت ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەزمۇنلار مۇشۇ ئىككى كونتۇرول جۈملىسىنىڭ ئارسىغا يېزىلىشى كىرەك.
 
<head> بىلەن </head> نىڭ ئارسىغا بىكەت تور بىكەتنىڭ نامى، تور بىكەت ئىزاھاتى قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلىدۇ. (بۇ مەزمۇنلار تور بەت يۈزىدە كۆرۈنمەيدۇ، لىكىن مۇھىم قىسمى ھىساپلىنىدۇ)
 
<title> بىلەن </title> ئارسىدىكى مەزمۇن تور بىكەتنىڭ نامىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ئورۇنغا يېزىلغان ئۇچۇرلار تور كۆرگۈچنىڭ ‹ماۋزۇ ئىستونى› دا كۆرۈنىدۇ.
 
<body> بىلەن </body> ئارسىدىكى مەزمۇن تور بەت يۈزىدە كۆرۈنىدىغان قسىمى بۇلۇپ، يېزىق، سۈرەت، فىلىم ھۆجقەتلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ.
 
دىققەت قىلىدىغان نوقتا: HTML كودلىرىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىششى بۇلىدۇ. يەنى <xx> دىن باشلانسا </xx> بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.( xx بولسا بىز ئىشلەتكەن كود تىن ئىبارەت)
 
 يۇقارقى جۈملىلەر تور كۆرگۈچ (Internet Explorer) نىڭ بىزگە قانداق مەزمۇنلارنى كۆرسىتىپ بىرىشنى كونتىرول قىلىدۇ. ئەمدى بىز بىر قىسىم ئاددى مەشىقلەرنى ئىشلەپ باقايلى :
* ئالدىدا كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بۇيىچە HTML بەتتىن بىرنى قۇرۇڭ.
* ئەمدى <title> بىلەن </title> نىڭ ئارسىغا تور بىكىتىڭىزنىڭ نامىنى يېزىڭ.
* ئاخىرىدا <body> بىلەن </body> نىڭ ئارسىغا تۆۋەندىكى خەتلەرنى يېزىڭ:
Assalam alaykum ! bu mining tor bet yasashini vgvnvshtiki tunji mashiqim !
 
تور بەتنى ساقلاپ ، ئۈنۈمىنى كۆرۈپ بېقىڭ ! ( سىز تەھرىرلەپ ساقلىغان ھۆججەتنى قۇش چەكسىڭىز تور كۆرگۈچ سىزنىڭ ئىشلىگەن تور بىتىڭىزنى ئىجرا قىلىدۇ)
خەتكۈچ :HTML
0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر