ASP ھەققىدە ئومومى چۈشەنچە
2008-11-26 12:09:05 ئاپتۇرى : kainam
مەنبەسى : بىلىك كۇلۇبى كۆرۈلىشى : 0
ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ بارلىق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنسا بولىدۇ ! مەنبە : دەرسلىك قانىلى بېكەت ئادىرېسى : ww ...
ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ بارلىق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنسا بولىدۇ ! مەنبە : دەرسلىك قانىلى بېكەت ئادىرېسى : www.darslik.com
HTML نى ئىشلىتىپ تۈزۈلگەن تور بېكەتلەر تىنىچ ھالەتتە بولۇپ ، باشقۇرۇش ئىنتايىن قولايسىز ، شۇسەۋەپتىن كۆپ خىل يېڭى تېخنىكىلار بارلىققا كەلدى مەسلەن ، CGI , ASP , JSP , PHP قاتارلىقلار . بىز بۇ ئەسىرىمىزدە نۇقتىلىق قىلىپ ASP ئۈستىدە توختىلىمىز . بۇ باب ASP كىرىش قىسمى بولۇپ ، ASP تور بېكەت تۈزۈش تېخنىكىسىنىڭ ئاساسى بىلىملىرى ، پروگرامما تۈزۈش ۋە ئىجرا مۇھتى شۇنداقلا پروگرامما تۈزۈش ۋە تەڭشەش قوراللىرى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ .
1 .1 ASP نى تونۇش
ASP بولسا بىر خىل ئىقتىدارى كۈچلۈك ، ئۆگىنىش قولاي بولغان مۇلازىمىتىر تەرەپتى ئىجرا بولىدىغان پروگرامما تىلى . ASP تېخنىكىسنى ئارقىلىق HTML بۇيرۇقلىرى ، يېزىق مەزمۇنلىرى ، قوليازما تىلى بۇيرۇقلىرى ۋە Ajax قوشۇمچە ھۆججەتلىرى قاتارلىق قورال تېخنىكىلارنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ھەركەت ھالەتتىكى تور بېكەت پروگراممىسى تۈزۈپ چىقىشقا بولىدۇ .
1.1.1 تىنىچ بەت ۋە ھەركەتچان بەت (静态网页与动态网页)
ASP نى تونۇشتۇرۇشتا ھەركەتچان بەت ئۈستىدە چوقۇم توختىلىشىمىز كېرەك ، ھەر كەتچان بەت بولسا تىنىچ بەتكە نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ ، نۆۋەتتىكى تور قۇرۇلمىسى ئۆزىنىڭ ھاسىل قىلىش شەكلىگە ئاساسەن تىنىچ بەت ۋە ھەركەتچان بەت دەپ ئايرىلىدۇ . بۇيەردە دىيىلگەن تىنىچ بەت بولسا بەت كودى پروگرامما تىلى كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولۇپ پەقەت HTML بۇيرۇقلىرىلا بولىدۇ ، ئۇنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى html. ياكى htm. بولىدۇ . تىنىچ بەت ھاسىل قىلىنسىلا ئۇنىڭ مەزمۇنى مۇقىم بولۇپ ئۆزگەرمەيدۇ ، قاچانلا بولمىسۇن شۇ بەتلا بولىدۇ .
ھەركەتچان بەت بولسا ، تور بەت كودى پروگرامما تىلى كودىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئۇنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى ھەر قايسى پروگرامما تىلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ ، مەسلەن " ASP " " . PHP" " . JSP . "
قاتارلىقلار . ھەركەتچاب بەت بولسا ئوخشاش بولمىغان ئىھتىياجغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان بەت ھاسىل قىلىدۇ .
پروگراممىنىڭ مۇلازىمىتىر تەرەپتە ئىجرا بولىدىغان بولمايدىغانلىقى ئۇنىڭ ھەركەتچان بەت ياكى ئەمەسلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى . ئەمەلىيەتتە ھەركەتچان بەت پەقەت مۇلازىمىتىر تەرەپتىلا ئىجرا بولىدىغان پروگراممىمۇ ئەمەس ، ئىشلەتكۈچى تەلەپ قىلغان ۋاقىتتىلا ئاندىن مۇلازىمىتىر تەلەپكە ماس بولغان بەت ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ ، تىنىچ بەت ۋە ھەركەتچان بەت بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولالايدۇ .
1.1.2 ھەركەتچان بەت ياساش تېخنىكىسى
تىنىچ بەت ياساشقا ئىشلىتىلىدىغىنى HTML تىلى . لىكىن ھەركەتچان بەت بولسا HTML تىلى ئىشلەتكەندىن سىرىت يەنە GGI يەنى (Commom Gateway Interface ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان تور ئۆتكىلى) ، PHP ، ASP , JSP قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلىتەلەيدۇ .
نۆۋەتتە بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ھەم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھەركەتچان بەت ياساش تېخنىكىلىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى بار :
1- PHP تېخنىكىسى : PHP بولسا بىرخىل قوليازما تىلى (脚本语言) ، ئۇنىڭ گىرامماتىكا تىلى C , JAVA , Perl قاتارلىق تىللارنى ئۆرنەك قىلغان .
2- ASP تېخنىكىسى : ASP بولسا مىكروسوفىت شىركىتى تۈزگەن ھەركەتچان تور قۇرۇلمىسى تۈزۈش تېخنىكىسى بولۇپ ، نۆۋەتتە بار بولغان قوليازما تىللىرىدىن پايدىلىنىپ ASP پروگراممىسى تۈزۈشكە بولىدۇ .
3- JSP تېخنىكىسى : JSP بولسا JAVA Servlet ۋە JAVA نى ئاساس قىلغان تور بەت ياساش تېخنىكىسى .
1.1.3 ASP تېخنىكىسى
ASP بولسا Active Server Page نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ، مىكروسوفىت تۈزگەن ھەمدە CGI قوليازما تىلى پروگراممىسىنىڭ ئورنىنى ئالغان بىر خىل تور بەت ياساش تېخنىكىسى . ASP دا ياسالغان بەتنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى ASP . بولىدۇ . ASP دىن پايدىلىنىپ تور بېكەت ياساش ئاسان ھەم پروگراممىنىڭ كىيىنكى باشقۇرۇلىشى ئىنتايىن قولاي .
ASP مىكروسوفىتنىڭ ActiveX قوشۇمچە دېتاللىرى (组件) تېخنىكىسىنى ئىشلەتكەن ، ھەمدە ئۆزىدىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم قوشۇمچە دېتاللار تەمىنلەنگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا كۆپ قىسىم شىركەتلەر مۇشۇنىڭغا ماس كىلىدىغان قوشۇمچە دېتاللارنى تەمىنلىگەن . پەقەت مۇلازىمىتىردا ماس بولغان ActiveX قوشۇمچە دېتالى قاچىلانغان بولسىلا ، ئىشلەتكۈچى مۇشۇ قوشۇمچە دېتاللاردىن پايدىلىنىپلا web قوللىنىشچان پروگراممىسى ھاسىل قىلالايدۇ ، شۇ قوشۇمچە دېتال ئارقىلىق مۇرەككەپ بولغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلدۇرالايدۇ . مەسلەن ساندانغا ئۇلاش دېگەندەك .
ASP بولسا مۇلازىمىتىر تەرەپتە ئىجرا بولىدۇ ، ھەمدە قوليازما تىلىنى قوللايدۇ . پەقەت مۇلازىمىتىردا ASP ئىجرا قىلالايدىغان مۇھىت ھازىرلانغان بولسىلا ، ئىشلەتكۈچى تەرەپ تور كۆرگۈچىنىڭ ASP ئىشلەتكەن تىلنى قوللاش ياكى قوللىماسلىقىدىن غەم يىيىشنىڭ ھاجىتى يوق . ھەمدە ASP ھەر قانداق قوليازما تىلىنى قوللايدۇ ، پەقەت مۇلازىمىتىردا ActiveX قوليازما تىلى ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن قوليازما ئىجرا قىلغۇچى قاچىلانغان بولسىىلا . مەسلەن ، VBScript , JavaScript , Perl , Python قاتارلىقلار .
ASP ئۆلچەملىك HTML بەت ھاسىل قىلىپ ، ئىشلەتكۈچى تور كۆرگۈچىدە نۇرمال كۆرسىتەلەيدۇ . ASP ھەركەتچان بېتىنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا ، بارلىق قوليازما تىلى مۇلازىمىتىر تەرەپرى ئىجرا بولىدۇ ، تور كۆرگۈچكە قايتۇرغان web بەت يۈزى بولسا مۇلازىمىتىردا ھاسىل قىلىنغان HTML كودىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ASP نىڭ ئەسلى پروگراممىسىنى ئۈنۈملۈك ھالدا قوغدايدۇ .
تور كۆرگۈچ ئارقىلىق web مۇلازىمىتىردىن ASP بەت تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا ، ASP قوليازما تىلى ئىجرا بولۇشقا باشلايدۇ ؛ ئۇلاپلا web مۇلازىمىتىرى ASP غا ئىھتىياجلىق بولغان ھۆججەتلەرنى تەڭشەپ ئىشلىتىدۇ ؛ ئاندىن كىيىن ئۆلچەملىك HTML بېتى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە تور كۆرگۈچكە يوللاپ بېرىدۇ
1 . باب ASP ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

خەتكۈچ :asp
0
تەۋسىيە 0
ئالقىشلاش
تەۋسىيە 0
ئالقىشلاش
مۇناسۋەتلىك ماقالە
[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]