مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

VBScript تىن ئاساسبى بىلىملەر

2008-11-26 13:04:15   ئاپتۇرى : administrator      مەنبەسى : بىلىك كۇلۇبى    كۆرۈلىشى : 0

ASP پروگراممىسى تۈزگەن ۋاقىتتا كۆپ قوللىنىلىدىغان قوليازما تىلى بولسا VBScript تىن ئىبارەت . بۇ بابتا VBScript قوليازم ...
ASP پروگراممىسى تۈزگەن ۋاقىتتا كۆپ قوللىنىلىدىغان قوليازما تىلى بولسا VBScript تىن ئىبارەت . بۇ بابتا VBScript قوليازما تىلىنىڭ ئاساسى بىلىملىرىنى سۆزلەيمىز ، بۇلار VBScript نىڭ ئۇچۇر تىپلىرى ، تۇراقلىق مىقدار ۋە ئۆزگىرىشچان مىقدار (常量和变量) ، سانلار گۇرۇپپىسى(数组) ، ھىساپلاش بەلگىلىرى ، شەرت جۈمىلە ۋە ئايلانما جۈمىلە(循环语句) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

2.1 VBScript ئۇقۇمى

VBScript قوليازما تىلى بولسا VB پروگرامما تىلىنىڭ بىر قىسىمى ، گىرامماتىكا جەھەتتىن Basic تىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش . بۇ پارگىرافتا ئاساسلىقى VBScript ئۇقۇمى ھەققىدە ۋە قوليازما تىلىنى قانداق ئىشلىتىش توغرىسىدا توختىلىمىز .

2.1.1 VBScript قوليازما تىلى
قوليازما تىلى بولسا HTML تىلى بىلەن پروگرامما تىلى (مەسلەن ، c , c++ , Basic , Java , #c قاتارلىقلار) ئارسىدىكى شەرھىلەش خاراكتىردىكى بىر خىل تىل . ئۇنىڭ گرامماتىكىسى ۋە قانۇنىيىتى باشقا پروگرامما تىلىغا ئوخشاش مۇرەككەپ ئەمەس ، قوليازما تىلى تەھرىرلەش(编译) باشقۇچىدىن ئۆتمەيلا بىۋاستە ئىجرا بولىۋېرىدۇ .
ھازىرقى قوليازما تىلى بارغانسېرى موللىشىۋاتىدۇ ، ھەر قايسى قوليازما تىلى تور بەت ياساشتا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ، بۇلاردىن كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرى VBScript بىلەن JavaScript تۇر . ئادەتتىكى ئەھۋال (默认状态) ئاستىدا internet ئۇچۇر مۇلازىمىتى (IIS) نىڭ قوللىنىدىغىنى بولسا VBScript . ئەلۋەتتە ، ئىشلەتكۈچى IIS باشقۇرۇشىغا كىرىپ ئۆزى JavaScript قىلىپ تەڭشىۋالسىمۇ بولىدۇ .

2.1.2 HTML ھۆججىتىگە قىستۇرۇش
VBScript قوليازمىسى HTML ھۆججىتىنىڭ بىر بۆلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، HTML ھۆججىتىنىڭ خالىغان يېرىگە ئورۇنلىشالايدۇ ( مەسلەن ، HEAD ياكى BODY بۆلىكى) . لىكىن ئومومى ئەھۋالدا VBScript قوليازمىسىنى HEAD بۆلىكىگە قويىمىز ، بۇنداق بولغاندا BODY بۆلىكى قوليازما كودىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشتىن بۇرۇن بارلىق قوليازما كودلىرىنى ئوقۇش ، يېشىشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .
HTML دا VBScript قوليازمىسىنى ئىشلەتكەندە ، باشلانما خەتكۈچ<VBScript > بىلەن ئاخىرقى خەتكۈچ <VBScript /> ئارىسىغا قوشىلىدۇ . ئاساسلىق ئىشلىتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە :


<script language=vbscript>
- -!>
قوليازما كودى VBScript'
< - -
<script/>


بۇ يەردىكى language نىڭ قىممىتىگە بېرىلگەن vbscript بولسا vbscript قوليازما تىلى ئىشلىتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . vbscript قوليازما كودى "< - - " بىلەن " - - !>" دىن ئىبارەت ئىزاھلاش خەتكۈچىنىڭ ئارىسىغا يېزىلىدۇ . بۇنداق بولغاندا vbScript نى قوللىمايدىغان تور كۆرگۈچلەر كود بۆلىكىنى بەت يۈزىدە ئەسلى ھالىتى بويىچە چىقىرىپ بېرىدۇ .
تۆۋەندىكى مىسالدا HTML غا VBScript نى يانداشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى كۆرسىتىلدى :


<html>


<head>
<meta http- equiv="Content- Type" content="text/html; charset=gb2312">
<title>在HTML文挡中嵌入VBScript</title>
<script language=vbscript>
- -!>
(sub sayHello(str
msgbox str & ",你好!"
end sub
< - -
<script/>
<head/>
<body>
<script language=vbscript>
- -!>
dim str
"str="asp世界
sayHello str
< - -
<script/>
<body/>
<html/>




HEAD بۆلىكىدە ئالدى بىلەن بىر seyHello جەريانى ئېنىقلاندى ، ئىجرا قىلىنىپ BODY قىسمىغا كەلگەندە seyHello نى يۆتكەپ ئىشلەتتى ۋە بەت يۈزىدە ئەسكەرتىش ئۇچۇرى شەكلىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر