مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

نىمە قىلىسىز ئۇيغۇر تىلىم دەپ

2008-10-06 20:16:54   ئاپتۇرى : administrator      مەنبەسى : دولانلىق ئۇچۇر تورى    كۆرۈلىشى : 0

 
كۆكتات ئالاي دەپ چىقماق بولسىڭىز نىمە قىلىسىز ئۇيغۇر تىلىم دەپ. «سەي»دەپ ئاتايسىز ھەممىنى بىردەك، نىمە قىلى ...

 

كۆكتات ئالاي دەپ چىقماق بولسىڭىز
نىمە قىلىسىز ئۇيغۇر تىلىم دەپ.
«سەي»دەپ ئاتايسىز ھەممىنى بىردەك،
نىمە قىلىسىز ئۇيغۇر تىلىم دەپ.

بالا باققۇچى تاپماق بولسىڭىز،
ئېلان بېرىسىز«بومۇ»بارمۇ؟ دەپ.
ئەبجەش قىپ بولۇپ ھەممىنى بۈگۈن،
نىمە قىلىسىز ئۇيغۇر تىلىم دەپ.

ماھىر ھەمىمىز قۇبۇل قىلىشقا،
ھىچ كۆنەلمىدۇق بىزچە ئاتاشقا.
يېڭى ناملارنى قۇبۇل كۆرمەيسىز،
نىمە قىلىسىز ئۇيغۇر تىلىم دەپ.

كىرا قىلسىڭىز جاينى ئاتايسىز،
بىزچە ئەمەس ،باشقا بىر نامدا.
«ئەپسىز ئەمەسمۇ بىزنىڭ تىلىمىز»،
نىمە قىلىسىز ئۇيغۇر تىلىم دەپ.

تەرەققىياتقا ماسلاشماي تۇرسا،
يېڭىچە پاسۇن چىقمايلا تۇرسا.
ئۆزگىچە ئاتاش پەيدا بولمىسا،
نىمە قىلىسىز ئۇيغۇر تىلىم دەپ.

خەقلەر ئۇلۇقلاپ ئۈگەنگەن بىلەن،
مودا بولمىسا ئىشلەتكەن بىلەن.
«بەي-بەي»گە ئوخشاش ئوموملاشمىسا ،
نىمە قىلىسىز ئۇيغۇر تىلىم دەپ.

**************************************
**************************************

بۇزدۇق ھەممىمىز ئېتراپ قىلايلى،
ئويغۇنۇپ بۈگۈن قايتا ئويلايلى.
ئاتاپ ھەممىنى ئۇيغۇرچە ئەمدى،
ئانا تىل ئۈچۈن ھەركەت قىلايلى.

ئانا تىل ئۇلۇق،ساقلاپ قالايلى،
تەرەققى قىلىپ بىردەك ماڭايلى.
قاراپلا قالسۇن بۇ جاھان ئەھلى،
ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قالايلى

مەنبە ددىيارىم توربېكىتىدىن ئەخلاقلىق ئايالنىڭ يازمىىسى

0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر