مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

ياپوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دوكتورلىرى

2008-10-12 18:38:40   ئاپتۇرى : جىك      مەنبەسى : دولانلىق ئۇچۇر تورى    كۆرۈلىشى : 0

ياپوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دوكتورلىرى
    ئۇيغۇردوكتۇرلىرىنى، مۇتەخەسسىسلىرىنى، نەتىجە قازانغان تالانتلىقل ...
ياپوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دوكتورلىرى
    ئۇيغۇردوكتۇرلىرىنى، مۇتەخەسسىسلىرىنى، نەتىجە قازانغان تالانتلىقلارنى قىزىپ رەتلەپئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى خەلققە، بولۇپمۇ ياشلارغا تونۇشتۇرۇپ ، ئۇلارغا ئۈلگەيارىتىپ بېرىش، شۇ دوكتورلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئارقىلىقھازىرقى ياشلارغا" باشقىلار سىلەردىنمۇ ناچار شارائىتتا تىرىشىپ ھازىرقىدەكنەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۈردى، بىز تىرىشساق ئۇلاردىنمۇ ياخشى نەتىجە قازىنالايمىز" دېگەن ئىدىيىنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان "ئۇيغۇردوكتورلىرىنى رەتلەش" خىزمىتى ئۆتكەنيىلى باشلانغان ئىدى. ھازىرغىچە بىر قىسىم پىداكار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خالىسانەخىزمىتى بىلەن بىر قىسىم ماتېرىياللار بىلىۋال، ئىزدىنىشتوربېتىئارقىلىق ئېلان قىلىندى. يەنە بىر قىسىم ماتېرىياللار ئېلان قىلىنمىغان ئىدى. سەۋەبى، رەتلەنگەن ماتېرىياللار تولۇق ئەمەس.
     ئەسلى مىنىڭ خىيالىمدا ئىككىنچىباسقۇچتىكى ماتېرىياللارنى ئېلان قىلماي ھەممىنى رەتلەپ، يىغىپ ، مەلۇم سانغابارغاندا رەسمىي ماتېرىيال سۈپىتىدە ھازىرغىچە بىزدە بار بۇلغان دوكتۇرلار تەخمىنەنقانچىلىك، ئايال قانچە، ئەر قانچە، قايسى كەسىپتىن، قايسى يورت، قايسىمەكتەپتىن، قايسىمەكتەپئەڭ جىقمۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرگەن، قايسى دۆلەتتىن قانداق كەسىپتىكىلەر چىقىۋاتىدۇ،ئوقۇشپۈتتۈرگەنلەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ، دېگەندەك بىر قاتار سىتاتىسكىلارنى قىلىپ، يەنەئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ۋەتەندىكى ياشلارنىڭياردەم،ئۇسۇللارنى سورىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالاقىلىىشىش ئېلخەتئادرېسىنى بىرلىكتە قالدۇرۇپ، ئالىيمەكتەپلەردەپروفېسسورلۇق قىلىۋاتقانلار بولسا ۋەتەندىكى ياشلارنى قوبۇل قىلىشنى دەۋەت قىلىپ ۋەئۇلارنى ئايرىم يېزىپ رەسمىي ئېلېكترونلۇق كىتاب شەكلىدە تارقىتىشنى ئويلىغان ئىدىم. كېيىنچە مۇشۇ ئاساستا ئۇيغۇرتەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلىرىمىزنىڭ مەخسۇس بىر ئامبىرى قۇرۇلۇپقالسا،ماتېرىياللىرىمىزنى تەڭ پايدىلانساق، ئېلان قىلغان ماقالىلەرنى قۇيۇپ قويساق،ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئۆز- ئارا تونۇشۇپ، كەسپى جەھەتتىن ھەمكارلىشىشىغا مەلۇم تۈرتكىلىك رول ئويناپ قېلىشمۇ مۇمكىن ئىدى.
     ئەلۋەتتە، ھەممەيلەن ئۈچۈن ئەتراپىمىزدا ھەمكارلاشقۇچىلار تولا، ئۈز مىللىتىمىزدىن ھەمكارلىشىش كېرەك بولمايدۇ. لېكىن ئۈزمىللىتىمىزدىكىلەر پۇرسەت بولسا ھەمكارلىشىپ، تەجرىبىلەرنى بىللە ئىشلەپ، بىللەماقالە ئېلان قىلىش پۇرسىتى بولسا ئۇنىڭ يەنە باشقىچە ھۇزۇرى بۇلارمىكىن دەيمەن. ئىشقىلىپ مەن ئۈز كەسپىمدىكى بىرئۇيغۇربىلەن كۋانت مېخانىكىسىدىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلسام، ئوپتىكا تەجرىبىلىرىنى بىللە ئىشلىسەم دەپ ئويلايمەن. "
    ئۇيغۇردوكتورلىرىنى رەتلەش" خىزمىتىنىڭ يەنەبىر يېقىن كەلگۈسىدىكى نىشانى مۇشۇنداق بىر سەھنە تەييارلاش ئىدى. لېكىن ھازىرغىچەھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېتەرلىك ماتېرىيال توپلاشقا ئىمكان بولمىدى. ياردەمقىلىشىغاۋەدە بەرگەنلەرمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن جاۋاب بەرمەي يوقاپ كەتتى. قارىغانداشۇنداق قىلىشىشقا تېخى ئازراق ۋاقىت بار ئوخشايدۇ. شۇڭا ھازىرچە قولۇمدا بارماتېرىياللارنى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشنى توغرا كۆردۈم. ئەسلىپىلان يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ، ماتېرىياللار تولۇق بۇلىغاندا، يېتەرلىك سانغا يەتكەندەشۇ بويىچە ستاتىستىكا قىلىپ چىقىلىدۇ. ئاڭغىچە "ئات تاپقىچە ئېشەك مىن "دېگەن گەپبويىچە چالا بولسىمۇ بار نەرسىلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرايلى.

    ئېلان قىلىشتاتىزىملىكتىكى ھەر بىر شەخس بىلەن بىرمۇ بىر ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشقائىمكان بولمىغاچقا، ھەم دوكتۇرلار تىزىملىكىدە ئېلان قىلىش ئىجابىي تەسىر ئەكېلىدۇدەپ قارالغاچقا ئېلان قىلىۋېرىلدى. ئەگەر كىمنىڭ پىكرى بولسا دەرھال يەتكۈزسەپىكىرنى تاپشۇرۇپ ئالغان بىر سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ. توغرا چۈشىنىشىڭلارنىسورايمەن
.

ياپوندىكى بىر قىسىم دوكتۇرلار:

 

1. پەيزۇللا زەيدۇن: 2004- يىلى 3- ئايدا ياپونىيە رىششو ئۇنۋېرسىتىتدا يەر شارى مۇھىت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان. .ھازىر مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.


2.
گۈلنىسا زەيدۇن (پەيزۇللا زەيدۇن نىڭ سىڭلىسى): 2005- يىل 10- ئايدا ياپونىيە توكيو مېدىتسىنا ئۇنۋېرسىتىتدا تېببىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان بولۇپ .ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتىدۇ.


3.
ھۆرنىسا تۇرسۇن: ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا فىزىكا(يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكىسى ) ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان.(ۋاقتى بۇنىڭدىن 2 يىللار ئىلگىرى).ھازىر ياپونىيىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەۋاتىدۇ.


4.
ئاسىيە: 2006- يىلى 3- ئايدا ياپونىيە يوكوھاما دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالغان.


5.
مۇنىردىن ياسىن: ياپونىيە مىئە ئۇنۋېرسىتىتدا فىزىكا (سۇيۇق كرىستال) ئىلمىي بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش ئالدىدا.(يەنى 2006- يىلى 5- ئايدا دوكتورلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى تاماملاپ تاپشۇرغان)


6.
مۇختەر ئەنەيتۇللا: ياپونىيە ئىۋاتە ئۇنۋېرسىتىتدا يېزا ئىگىلىك(ئالما يېتىشتۈرۈش ۋە ساقلاش) ئىلمىي بويىچە دوكتورلۇق 2006-يىلى 10-ئايدا دوكتورلۇق ئىلمى ئۇنۋانى ئالغان.


7.
مەمەتجان ئابدۇقادىر: ياپونىيە ئىۋاتە ئۇنۋېرسىتىتدا سانائەت ئىلمىي بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ.(يەنى ھازىر دوكتۇرلۇقنىڭ 3- يىللىقىدا.


8.
پولات قادىر: 2006- يىل 4- ئايدىن باشلاپ توكيو دەنكى ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا.


9.
پۇرقەت: 2006- يىل 4- ئايدىن باشلاپ ياپونىيە ئىۋاتە ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا، كەسپى كومپيۇتېر.


10.
شىرىنگۇل: ياپونىيە ئوچانومىزۇ قىزلار ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا. كەسپى بىئولوگىيە.


11.
ئابدۇسەمى ئابدۇراھمان: ياپونىيە توكيو گۈزەل--سەنئەت ئۇنۋېرسىتىتدا دوكتورلۇق ئوقۇشىدا، كەسپى مۇزىكا (مۇقام تەتقىقاتى.

ياپوندىكى ئوقۇۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىمېنىڭچە كەم دېگەندە 40 ئەتراپىغا بارىدۇ دەپ ئويلايمەن. لېكىن ھەر خىل سەۋەبلەرتۈپەيلىدىن تولۇق ماتېرىياللارنى يىغىپ بولالمىدۇق. ئۈستىدە ئىسمى ئېلانقىلىنغانلار دوكتۇرلار تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى خالىسا قىزغىن قارشى ئالىمىز. باشقىلارنىڭمۇ ئۇلار توغرىلىق ۋە ياكى باشقىلار توغرىلىق مەلۇمات بېرىشىنى قارشىئالىمىز. بىلىۋال تور بېتى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلاشسىڭىزمۇ، ياكى hotmail.com دىن Jeck_217 غائېلخەتيازسىڭىزمۇ بولىدۇ. (توردىكى ۋىرۇسلارنىڭ قالايمىقان قىلماسلىقى ئۈچۈن ئېلخەت ئادرېسى پارچىلاپ يېزىلدى)


مىنىڭ ياپوندا ئوقۇغان ياكى ئوقۇۋاتقانلار توغرىلىق شەخسى كۈز قارىشىم: مەن ياپوندا ئوقۇغانلار بىلەن ئارىلىشىش، كۆزىتىش جەريانىداشۇنى ھېس قىلدىمكى ياپوندا ئوقۇغانلار بەكمۇ ئەمەلىيەتچان كېلىدىكەن، گەپنى ئازقىلىدىكەن، . ئۈن تىنسىز ئىشلەيدىكەن. .باشقا يەرلەردە بىرەر يىڭى خىيال، ياكى ئىشبولسا "ۋاي شۇنداق قىلايلى" دەپ سۆزلەيدىغانلار ناھايىتى جىق چىقىدۇ، لېكىن رەسمىيئىشنى باشلىغاندا كۈچ قاتىدىغانلار ئاز. لېكىن ياپۇندىكىلەر ئارىسىداسۆزلەيدىغاندىن ئەمەلىي كۈچ قاتىدىغانلار جىقراق چىقىدىكەن. بۇ تەرىپىنى ناھايىتىياقتۇردۇم. لېكىن ئۇلار قىلغان ئىشلىرىنى باشقىلارغا تونۇشتۇرۇشقا، تەشۋىقاتىغا قىزىقمايدىكەن. مەن باشقىلاردىن ياپۇندىكىلەرنىڭ قىلغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلىرىنىئاڭلىدىم، لېكىن ئۇلارنى توردىن ياكى باشقا يەردىن كۆرمىدىم. ئۇلار شەخسى مۇناسىۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئۆزى تونۇيدىغانلار بىلەنلا ئارىلىشىدىكەن. توردىن بىرەر ماتېرىيال ئىزدىسىمۇ ئۇلار توغرىلىق نەرسىلەرنىناھايىتى تەستە تاپقىلى بولىدۇ. شۇ يەردە ئىزدەيدىغان ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك بىۋاسىتە تونۇش بۇلىمىسا بىرسىنى ئىزدەپ تاپقىلىمۇ بولمايدىكەن. بىرەر ئىش بولساھەممە ئادەم مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك "بەك ئالدىراش" دەيدىكەن
.

(
بۇلارنىڭ ھەممىسى شەخسى كۈز قاراش، توغرا بولۇشى ناتايىن، بۇنداق ئەمەس دەپ قارىغۇچىلارئۆزىگە ئېلىپ كەتمىگەي
)

ماتېرىيالنى تەييارلىغۇچى: جېك

 

 

0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر