مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

چوڭقۇر مەنالىق ھىكمەتلەر

2008-10-21 10:09:34   ئاپتۇرى : Bidar-Qutlan      مەنبەسى : بىلىك كۇلۇبى    كۆرۈلىشى : 0

        ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىم ھىكمەتلىرىدىنئېيتىش كېرەككى، ھەر بىر ئادەمنىڭ مەيلى ئۇ تۇغما قابىل ي ...

        ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىم ھىكمەتلىرىدىن

ئېيتىش كېرەككى، ھەر بىر ئادەمنىڭ مەيلى ئۇ تۇغما قابىل ياكى ساھىبجامال بولسۇن، مەيلى ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن، مەيلى ئۇ ئىقتىساد ياكى ئىلىم-پەن، سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسۇن، ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى، شەخسىي ئىززىتى ۋە رىقابەت كۈچى، بەختى ۋە تەقدىر-قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ شەخسىي ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ھالقىپ-قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان، ئۇ تەۋە ئېتنىك تۈركۈمنىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مانا بۇ شەخس تەقدىرىنىڭ مىللەت ھالىتىگە بېقىنىش قانۇنىدۇر.

قېنى ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، بۈگۈنكى كۈندە مەنسەپ تاپسا ئۆيمۇ-ئۆي زىياپەت، پۇل تاپسا مەككە-مەدىنىگە زىيارەت، بۇ ئىككىسى بولمىغاندا كاللا-پاقالچاق، ئۆپكە-ھېسىپ چاغلىق تىجارەتتىن باشقىسىغا قۇربىتى يەتمىگەن خەلق يەنىلا كونا مۇقامغا يورغىلىسا، ئەسىر ئالماشقان بىلەنمۇ ئۇنىڭ رىسقى نېسىۋىسى ئالمىشارمۇ؟!

«ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.

بىر دۆلەتنى تەسىرلەندۈرگەن خەت
كەمبەغەل رىچاردنىڭ يىلنامىسىن تاللانمىلار

بەنجامىن فرانكلىن (1706—1790) تارىختىكى ئەڭ مەشھۇر ئامېرىكىلىق شەخس. ئۇ ئىشلىگەن يىلنامىلەر 1733—1758-يىللىرى فلادېلفىيە شەھىرىدە ھەر يىلى نەشر قىلىنغان. بۇ يىلنامى لەر مۇستەملىكە ئاھالىلەر ئارىسىدا ئىنتايىن قارشى ئېلىنغان. كەمبەغەل رىچاردنىڭ ماقال-تەمسىللىرى، ئەقلىيە سۆزلىرى ۋە ھېكمەتلىك سۆزلىرىنىڭ بەزىلىرىنى ئۆزى ئىجاد قىلغان، بەزىلىرى ئۆزىنىڭ ئە -مەس. ئۇلار فرانكلىننىڭ ئەمەلىي، كەڭ قورساق ۋە كىشىنى شادلاندۇرىدىغان پاساھەتلىك سۆزلىرى ۋە پەلسەپىلىرى بىلەن بىللە تارقىلىپ ئومۇملاشقان. تۆۋەندىكىلەر «كەمبەغەل رىچارد»نىڭ نەچچە يۈز پارچە ماقال-تەمسىللىرى ۋە ئوبزورلىرىدىن تاللانغان ئەقلىيە سۆزلەردۇر:

☻ئىت بىلەن بىرگە ياتقان ئادەمنى بۈرگە بېسىپ كېتىدۇ

☻ھەم كەمبەغەل ھەم توكۇر بولغان رىچاردنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنى تىڭشاپ قويۇڭ: ئاچچىق بىلەن باشلانغان ئىش خىجىللىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

☻بالىڭىزغا ئاغزىنى يۇمۇشنى ئۆگىتىڭ، ئۇ ناھايىتى تېزلا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

☻بويسۇنۇشنى بىلمىگەن ئادەم قوماندانلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.

☻سوتچى قانۇنغا بويسۇنۇشى، خەلق سوتچىغا بويسۇنۇشى كېرەك.

☻دەرەخنىڭ تۈۋىدە توشقاننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئادەمگە مەززىلىك تاماق كاپالىتى بولمايدۇ.

☻يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنى ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيەت، تەڭ دېمەتلىكلەرنى ھۆرمەت قىلىش ئەدەب، تۆۋەن دەرىجىلىكلەرنى ھۆرمەت قىلىش ئېسىل خىسلەت.

☻بېلىق بىلەن مېھمان قىلىش ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتسە، بېلىقمۇ، مېھمانمۇ پۇراپ قالىدۇ.

☻بايلىق ئىگىدارلىق قىلغۇچىغا مەنسۇپ بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن ھوزۇرلانغان ئادەمگە مەنسۇپ.

☻ئەگەر ئۆيىڭىزنىڭ دەرىزىسى ئەينەك بولسا، قوشنىلارنىڭ دەرىزىسىگە تاش ئاتماڭ.

☻شان-شەرەپكە تۇتىشىدىغان مۇساپىدە شان-شەرەپ ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشنى ۋىجدان بىلەن قىلىش كېرەك. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئالىيجاناب سوال: مەن قانداق پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايمەن؟

☻ئەگەر ئۆلۈپ جەسىتىم چىرىپ كەتكەندە مېنى باشقىلار ئۇنتۇپ قالمىسۇن دېسەڭ، يا باشقىلارنىڭ ئوقۇشىغا ئەرزىيدىغان بىر نەرسە ياز، يا باشقىلارنىڭ يېزىشىغا ئەرزىيدىغان بىرەر ئىش قىل.

☻ئەخلاقىڭنى سېتىپ بايلىق سېتىۋالما، ئەركىنلىكنى سېتىپ ھوقۇق سېتىۋالما.

☻ئاۋۋال بالاڭنى ئۆزۈڭگە بويسۇندۇرۇشنى ئۆگەن، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆگەنمەكچى بولغان نەرسىلەرنى ئۆگەت.

☻ئەگەر سەن ۋىجدانىڭغا زىيانكەشلىك قىلساڭ، ۋىجدانىڭ سەندىن ئۆچ ئالىدۇ.

☻دوستۇڭنىڭ يامان گېپىنى ئاڭلىما، دۈشمىنىڭنىڭ يامان گېپىنى سۆزلىمە.

☻قەرزىڭنى قايتۇرۇۋەتسەڭ، نېمىنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن.

☻سەن بىلىدىغان، سەن قەرز بولغان، شۇنداقلا سەن قىلالايدىغان ھەممە نەرسىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈۋەتمە.

☻ھەر بىر مىللەتتە باشقا مىللەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازاب-ئوقۇبەتنى تارتقىدەك جاسارەت بولىدۇ، شۇنداقلا باشقا مىللەتنى كەچۈرەلىگىدەك جاسارەتمۇ بولىدۇ.

"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى" گېزىتىدىن ئېلىندى

مەنبە: http://www.uighurbiz.cn/forum/redirect.php?tid=50&goto=lastpost دىن Muxbir

0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر