مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

مەززىلىك تائام - مەكىت بېلىق كاۋىپى

2009-01-25 22:08:05   ئاپتۇرى : administrator      مەنبەسى :    كۆرۈلىشى : 0

    يولغۇن ياغىچىغا ئۆتكۈزۈلۈپ پۇشۇرۇلغان بېلىق كاۋىپى مەكىت دولان كىشىللىرىنىڭ ئېسىل يىمەكىلىكى ھىساپلىنىد ...

    يولغۇن ياغىچىغا ئۆتكۈزۈلۈپ پۇشۇرۇلغان بېلىق كاۋىپى مەكىت دولان كىشىللىرىنىڭ ئېسىل يىمەكىلىكى ھىساپلىنىدۇ .
بۇ خىل بېلىق كاۋىپىنىڭ پۇشۇرلۇش جەريانى :

1. تۇتۇپ كىلىنگەن بېلىقنىڭ ئىچ باغىرى پاكىز تازلاپ ، تۇز سۈيىگە بىردەم چىلىنىدۇ . (ئادەتتە چىلىمىسىمۇ بولىدۇ)
2. يېڭى كېسىلگەن يۇلغۇن ياغىچىنىڭ سىرتى تازلىنىپ ، ئۇچى ئۇچلۇق قىلىپ ئۇچلىنىدۇ .
3. ئۇزۇنراق بىرتال يۇلغۇن ياغىچى بېلىقنىڭ قۇيرۇق قىسمىدىن باش قىسمىغا قاراپ ئۆتكۈزىلىدۇ .
4. كىچىكرەك ئىككى ياكى ئۈچ تال يۇلغۇن ياغىچى بېلىقنىڭ يان تەرپىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ بېلىقنىڭ ئىچكى قىسىمىغا ئىسسىقلىق يەتكۈدەك قىلىپ ئېچىىدۇ .
5. قۇم ئۈستىگە گۈلخان يېقىلپ ئۆتكۈزۈلۇپ بولغان بېلىقلار گۈلخاننى چۆرىدەپ رەتلىك قىلىپ يەرگە سانجىلىدۇ .
6. بېلىق گۈلخان چوغىنىڭ تەپتىدە 1 سائەت ئەتراپىدا قاقلىنىدۇ . (ئادەتتە بېلىق بىلەن گۈلخاننىڭ ئارلىقى يېراقراق بولىدۇ . شۇڭا بېلىقنىڭ پىشىشىغا ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىدۇ)
7. بۇ جەرياندا بېلىققا تۇز ، زىرە ، لازا  قاتارلىق  دورا - دەرمەكلەر سىپىلىدۇ . 

 بېلىق پىشقىچە يېنىدا تۇرىدىغان بولىسىڭىز مىزلىك پۇراقتىن ئېغىزىڭىزغا سېرىق سۇ كىلىپ كېتىدۇ . 

 

 

 

 

0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر