مەكىت دولانلىق تورىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!   « باش بەت قىلىۋېلىڭ »   « ساقلىۋېلىڭ»

مەكىت ناھىيسىنىڭ تەرەقىياتىغا نەزەر

2008-10-11 12:32:34   ئاپتۇرى : administrator      مەنبەسى : دولانلىق ئۇچۇر تورى    كۆرۈلىشى : 0

1928- يىلى ناھىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن ، بۇلۇپمۇ ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىش ئېلىپ بېرىلغان 30يىلدىن بۇيان، مەكىت ناھىيسد ...
1928- يىلى ناھىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن ، بۇلۇپمۇ ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىش ئېلىپ بېرىلغان 30يىلدىن بۇيان، مەكىت ناھىيسدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر بولدى ، پۈتۈن ناھىيدە ئىقتىساد تەرەققى قىلدى ، مىللەتلەر ئىتتىپاق ، سىياسى مۇقىم ، تۈرلۈك ئىشلار گۈللەندى ، ئۇمۇمى ۋەزىيەت ناھايىتى ياخشى بولدى، بۇلار تۈۋەندىكىلەردە ئىپادىلەندى :
 
 
ئىقتىساد سىجىل، تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدى . يېقىنقى 5يىلدا ، پۈتۈن ناھىينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %28.27ئاشتى ، 2007- يىلى 1مىلىيارد 137مىلىيون يۈەنگە يىتىپ، %20.5ئاشتى ، پۈتۈن جەمىئەتنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلىغى 543مىلىيون يۈەن بۇلۇپ، %20ئاشتى ، يەرلىك مالىيەنىڭ ئادەتتىكى خامچوت كىرىمى 40مىلىيون 100مىڭ يۈەن بۇلۇپ، %23.4ئاشتى ، سانائەت يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ، سانائەتنىڭ قۇشۇلما قىممىتى 100مىلىيون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۈسۈپ، %73.79ئېشىپ، «شەھەرنىڭ جەنۇبى سانائەت باغچا رايۇنى ۋە شىمالى سانائەت باغچا رايۇنى» دەسلىپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرلۈپ، بىر تۈركۈم نوختۇلۇق كارخانىلار ئارقا – ئارقىدىن مەكىتكە ماكانلاشتى . دېھقانلارنىڭ كىرىمى سىجىل تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدى . دېھقانچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش چوڭقۇر ئېلىپ بېرىلىپ، 2007 – يىلى پۈتۈن ناھىيدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمى 3663يۈەنگە يەتتى . دۆلەت ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قوللىشىدىن باشقا ، دېھقانلار ئۆزلىرى پۇل چىقىرىپ تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇراق ئۆي سالدى ، ئەسلىھە يېزا ئىگىلىك ۋە باغ – ئورمانچىلىقنى تەرەققى قىلدۇردى ، نۆۋەتتە 22مىڭ 331دېھقان ئائىلسى تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇراق ئۆي سالدى ، جەمئى 8689دانە چوڭ ئەگمە پارنىك ياسىدى ، باغ – ئورمانچىلىقنىڭ كۈلۈمى 240مىڭمودىن ئاشتى ، بۇ ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرلۇشى ، بىرقانچە يىلدىن بۇيان تەرەققىياتتىن قىلغان كىرىمى ھەقىقى ئاشقانلىقىنى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىن خېلى كۆپ مەنپەئەتكە ئىرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ . ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرلۇشىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى . 5يىلدىن بۇيان ، مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ جەمئى 1مىلىيارد 726مىلىيون يۈەن بۇلۇپ ، ئالدىنقى 5يىللىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ 1مىلىيارت 460مىلىيون يۈەن ئاشتى ، دېھقانلارنىڭ قىلغان ساپ كىرىمىنى 5يىلدا بىر ھەسسە قاتلاش ئىشقا ئاشۇرلۇپ، ھەرمىللەت خەلق ئاممىسى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئىرىشتى . دۆلەت دېھقانچىلىق بېجىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دېھقانلار يەرتېرىپ باج تاپشۇرۇش تارىخىغا خاتىمە بىرىلدى . ئاشلىق ، ئۇرۇق سورتىنى ياخشىلاش ، دېھقانچىلىق ماشىناسايمانلىرى ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ماتىرياللىرىغا ئۇنىۋىرسال تۇلۇقلىما پۇل بىرىشنى ئەمەلىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ، سۇ ھەققى ، ئۇرۇق سورتىنى ياخشىلاش ، دېھىانچىلىق ۋاستىللىرى ، قۇرلۇش ماتىرياللىرىنىڭ باھاسىغا چەك قۇيۇشنى يولغا قۇيۇپ ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسى سىياسەت ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمان بولدى . ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۈكۈمەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىپ ، مالىيەنى مەركەزلەشتۈرۈپ خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، نۇرغۇن ئاممىنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىشى ، داۋالىنىش ، پەرزەنتلىرىنى ئۇقۇتۇش ، ئىجتىمائى كاپالەت ، ئولتۇراق ئۆي ، ئىچىملىك سۇ ئىچىشى قىيىن بۇلۇش مەسىللىرىنى ھەل قىلىدى . يېقىنقى 5يىلدىن بۇيان ، پۈتۈن ناھىيدە 20مىڭ تۈۋەن كىرىملىك كىشىلەر نامراتلىق سىزىقىدىن ھالقىدى ،  22مىڭ 331دېھقان تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇراق ئۆيلىرىگە كۈچۈپ كىرىپ، 10مىڭ 30كىشىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى ، ھەممە ئۇقۇغۇچىلار مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش ، بىرىگە تۇلۇقلىما بىرىش» سىياسىتىدىن بەھرىمان بولدى ، بارلىق يېزا بازارلار ۋە قىسمەن كەنىتلەردە «قوش تىللىق» بالىلار يەسلىسى ۋە ئۇقۇتۇش سىنىپلىرى ئېچىلدى ، يېڭى تىپتىكى يېزا ھەمكارلىق داۋالىنىش ئۇمۇمىيۈزلۈك قاپلىنىپ، ئاممىۋى خارەكتىردىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى ، رادىئو ۋە تىلىۋىزور بىلەن قاپلانغان نۇپۇسنىڭ نىسبىتى %97تىن ئاشتى ، پارتىيە ھۈكۈمەت نامرات ئاممىغا 8000دانە تىلىۋىزور ئىئانە قىلىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ گىزىت – ژورنال ، ئۇيۇن ، كىنو ، تىلىۋىزور كۈرۈش قىيىن بۇلۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى ، مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى تېخىمۇ مول بولدى . شۇنداق دىيىشكە مۇلۇدىكى بۇ بىرقانچە يىل مەكىتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى، جەمىئەتنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تىز ، شەھەر – يېزا قىياپىتىنىڭ ئۆزگۈرۈشلىرى ئەڭ زور  ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەڭ كۈرۈنەرلىك بولغان ، ھەرمىللەت ئامما ئەڭ كۈپ نەپكە ئىرىشكەن مەزگىل بولدى .
 
 
بۇ يىل ئىسلاھات ، ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقى ، بۇ 30يىلدىن بۇيانقى تۈرلۈك ئىجتىمائى ئىشلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىسەك ، پارتىيە ھۈكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە سەمىمى غەمخورلىقى بىلەن تەرەققىيەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى . 30يىلدىن بۇيان ، ناھىيە ئىقتىسادى زور تەرەققى قىلدى ، دۆلەت مەركەزنىڭ خامچوتى ئىچىگە كىرگۈزۈش مەبلىغى ، زايۇم، ئىش تېپىپ بىرىپ پۇل بىرىشتىن ئىبارەت مەخسۇس مەبلەغ ئارقىلىق ، دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ، سۇچىلىق ، قاتناش ، ئىنىرگىيە ، مائارىپ ، مەدەنىيەت ، سەھىيە ، ج خ ، تەپتىش ، سوت مەھكىمىسى ، ئەدىلىيە ، مەمۇرى كەسپى قاتارلىق جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىلگىرى – كىيىن بۇلۇپ، ئاشلىققا بىۋاستە تۇلۇقلىما بىرىش ، ئۇرۇقنى ياخشىلاشقا تۇلۇقلىما بىرش ، دېھقانچىلىق ماشىنىللىرىنى سېتىۋېلىشقا تۇلۇقلىما بىرىش ، يېڭى تىپتىكى يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش ، مەجبۇرىيەت مائارىپنىڭ ئۇقۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش ، تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇراق ئۆي سېلىش قاتارلىق بىر قاتار دېھقانلارغا ياردەم بىرىش نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلەرنى چىقاردى ، سۇ ئىنشائاتى بىلەن كەڭ شۇغۇللۇنۇپ ، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، بىزگە ھەقىقى پايدا ئېلىپ كەلدى.
 
 
«يېزا ، يېزا خىزمىتى ۋە دېھقانلار مەسىلىسى» بۇيچە دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى تۈمەنلىگەن ئائىلىگە پايدا يەتكۈزدى . « يېزا ، يېزا خىزمىتى ۋە دېھقانلار مەسىلىسى » پارتىيە ھۈكۈمەت ئەزەلدىن كۆڭۈل بۈلۈپ كىلىۋاتقان مەركىزى خىزمەت ، مەركەز ۋە ئاپتۇنۇمرايۇن ھەر يىلى تارقاتقان 1- نۇمۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ ھەممىسىدە «يېزا ئىگىلىگى » ، «دېھقانلار» ، «يېزا»نى تەرەققى قىلدۇرۇشنى بىرىنچى مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ئاشلىققا بىۋاستە تۇلۇقلىما بىرش ، ئۇرۇق سورتىنى ياخشىلاشقا تۇلۇقلىما بىرىش ، دېھقانچىلىق ماشىنا سايمانلىرى سېتىۋېلىشقا تۇلۇقلىما بىرىش سىياسەتلىرى ئاساسىدا ، ئارقىدىنلا تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى زورايتىش، دېھقانچىلىق ۋاستللىرىنىڭ باھاسنى قاتتىق كونتىرول قىلىش ۋە ئاشلىقىنى تۆۋەن باھادا سېتۋېلىش قاتارلىق كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.
 
 
باج ھەق ئىسلاھاتىدا دىھقانلارغا مايىل بولدى. بىرىنجىدىن: دىھقانچلىق بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئەمەلىلەشتۈرۈپ، دىھقانلارنىڭ سېلىقىنى يەڭىللىتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشتى. 2005-يىلى ئۇمۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دىھقانچلىق بېجى 7 مىليۇن يۈەن بۇلۇپ، دىھقانلارنىڭ سېلىقى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن يەڭگىللەپ ئاشقان كىرىمى 250 يۈەن بولدى، بۇ جۇڭگۇ تارىخى تەرەققى قىلغان 5000 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئەلمىساقتىن بۇيان قىلىپ باقمىغان ئىشىنى قىلىپ، دىھقانچلىق بېجى كەچۈرۈم قىلىش بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنجىدىن: دىھقانلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگللىتىشىتىكى «تۆت خىل تۈزۈم» ئۇمۇميۈزلۈك ئەمەلىلەشتۈرۈلدى. دىھقانچىلىققا چېتىلدىغان باج ھەققى، باھانى ئاشكارلاش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەجبۇرىيەت مائارىپىدا «بىرلا ھەق ئېلىش تۈزۈمى» يولغا قۇيۇلدى. دىھقانلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگللىتىشىكە چېتىلدىغان دىلولاردا «مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دىھقانلارنىڭ ھۇقۇق مەنپەتى ھەقىقى قوغدالدى.
 
 
يەرلەرنى  ھۆدىگە بىرىش مەسئۇليەت تۈزۈمى ئۆزگەرمەي ساقلاپ قېلىندى. ئازاتلىقتىن ئىلگرى ھەر مىللەت ئامىمىسىنىڭ ئۆزىگە تەۋە يېرى يوق بۇلۇپ، يەرلىرىنى «باي» (پومچىك) لاردىن ئىجارىگە ئېلىپ تېرىغان. شۇ چاغدىكى تۇرمۇش قانداق ئىدى؟ ياشتا چوڭراق ئامما بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. ئازاتلىقتىن كىيىن، خەلق ئۆز-ئۈزىگە خۇجايىن بۇلۇپ، تەخسىم قىلىنغان يەرلەرگە ئېرىشىپ، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بۇلۇپ، يەرلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلشتىكى تۈپ نىگىزلىك تۈزۈم ئۈزۈل كىسىل ئۆزگەرتىلدى. ھازىر دىھقانلار ئاممىسىغا يەرلەرنى ھۆددىگە بىرىش ھەمدە 30 يىلغىچە ئۇزارتىپ ئۆزگەرتمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قۇيۇلۇپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاشلىققا بىۋاستە تۇلۇقلىما بىرىش يولغا قۇيۇلدى. ئىلگىرى تارىخىتىن بۇيان ئەجداتلىرىمىز يەر تېرىپ، ئاشلىق بېجى تاپشۇرۇپ كەلگەن ، لىكىن ھازىر دۆلىتىمىز دېھقانچىلىق بېجى ئالمايلا قالماستىن، ئەكسىيچە دېھقانلار ئاشلىق تاپشۇرسا تۇلۇقلىما بىرىدىغان بولدى ، بۇنداق ئىشنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتى ، لىكىن بۇنى پارتىيمىز ئىشقا ئاشۇردى يەنەكىلىپ شۇنداق ياخشى بولدى . 2003- يىلىدىن تا بۈگۈنچىگە ، شىنجاڭدا ئۇدا 5يىل ئاشلىققا بىۋاستە تۇلۇقلىما پۇلى بىرىش سىياسىيتى يولغا قۇيۇلۇپ، ئاشلىققا بىۋاستە بىرىلگەن تۇلۇقلىما پۇلى جەمئى 1مىلىيارت 700مىلىيون يۈەنگە يەتتى . 2007 – يىلى ناھىيمىزنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاشلىق ئېلىپ سېتىش كارخانىللىرى جەمئى 10مىلىيون 880مىڭ كىلوگىرام بۇغداي سېتىۋالدى ، مالىيە تارماقلىرى ئاشلىققا چىقىم قىلغان بىۋاستە تۇلۇقلىما پۇلى 2مىلىيون 176مىڭ يۈەن بۇلۇپ، 30مىڭدىن كۆپىرەك دېھقان نەپكە ئىرىشتى .
 
 
بۇنىڭدىن باشقا ، دېھقانچىلىق ماشىنا سايمانلىرى سېتىۋالغان دېھقانلارغا قارىتا ، دۆلەت سېتىۋېلىنغان ماشىنا سايمانلىرى باھاسىنىڭ 25-- %30نى بىۋاستە تۇلۇقلىما پۇلى قىلىپ، 2006- يىلى ۋە 2007 – يىلى دۆلەتتىن بىرىلگەن تۇلۇقلىما پۇلى 1مىلىيون 600مىڭ يۈەنگە يەتتى . 2006- يىلىدىن باشلاپ، پارنىك ياسىغان دېھقانلارغا 3000يۈەندىن تۇلۇقلىما بىرىپ پارنىككە ياپىدىغان سۇلياۋ يۇپۇق ، پۇلات سىم ۋە تېمىتىپ سۇغۇرۇش ئەسلىھەلىرى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى ، پەقەت مۇشۇ تۈردىنلا بىرىلگەن تۇلۇقلىما ياردەم مەبلىغى 5مىلىيون 385مىڭ يۈەن بۇلۇپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان سېلىنغان تۈر مەبلىغى جەمئى 8مىلىيون 984مىڭ 400يۈەن بولدى .
 
 
تەۋرەشكە چىداملىق ئولتۇراق ئۆي قۇرلۇشى كەڭ ئاممىنى خاتىرجەم ، بىخەتەر ئولتۇراق ئۆيگە ئىگە قىلدى . 
 
 
2003- يىلى مارالبېشى ، پەيزاۋات ئىككى ناھىيدە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، ئاپەتكە ئۇچۇرغان ئامما ئاچلىق ۋە سوغۇق ئازابى تارتىپ، تۇرغىلى ئۆيى يوق ھالغا چۈشۈپ قالغاندا ، پارتىيە ۋە ھۈكۈمەت پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى پۇل ۋە ماددى ئەشيالارنى ئىئانە قىلىپ قۇتقۇزۇشقا پائال تەشكىللىدى، خەلق ئازاتلىق ئارمىيسى ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچۇرشىغا قارىماي خەتەردىن قۇتۇلتۇرۇش ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئاپەتتىن كىيىنكى يۇرىت ماكاننى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش شارائىتىگە ئىرىشتۈردى ، بىز ئەلۋەتتە جوڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇق . 2004- يىلىدىن بۈگۈنگىچە ، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ تۇلۇقلىما ياردەم پۇلىدىن 25مىلىيون 391مىڭ يۈەن تارقىتىپ، تۈرلۈك تۇلۇقلىما ياردەم پۇلى %100دېھقانلارنىڭ قۇلىغا يەتكۈزۈپ بىرىلدى.
 
 
نامىراتلىققا يار-يۈلەك بۇلۇش قىينچلىغى بارلارغا ياردەم بىرىش كىشىلەر قەلبىدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالدى. 2007-يىلى 1مىلىيۇن 370مىڭ يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى تارقىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامىراتلار ئارسىدا  داۋالىنىشقا ياردەم بىرىش ۋە چوڭ كىسەللىك داۋالىنىشقا ياردەم بىرىش قانات يايدۇرۇلۇپ، 1مىلىيۇن 30مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش- ياردەم بىرىش مەبلىغى تارقىتىپ بىرىلدى. نۆۋەتتە  پۈتۈن ناھىيە بۇيىچە شەھەر ئاھاللىرىنىڭ ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت  پۇلىدىن بەھىرىمان بۇلدىغان ئۇبىكىتىپ، 3959ئائىلە، 9452ئادەمگە يەتتى. يېزىلارنىڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تارقىتىش جەھەتتە، نۆۋەتتە ناھيمىزدە  10يېزا بازاردا تارقىتىلىپ، يېزىلاردىكى كاپالەتلەندۈرۈش ئوبىكىتى 8104ئائىلە، 20128ئادەمگە يەتتى.
 
 
يېزىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالاش مىڭلغان تۈمەنلىگەن ئائىلنى نەپكە ئىرشتۈردى. كۆپچىلىك ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك؛ ئائىلىدە بىرەرسى ئاغرىپ قالسا  يېزا بازارلارنىڭ داۋالاش شارائىتى ناچار بولغاچقا، ۋاقىتىدا داۋالىنالماي، شەھەرگە كىرىپ. كىسەل كۆرسىتەتتى، كۆپ ساندىكىلەرنىڭ قۇلىدا پۇل بولمىغاچقا كىسەل كۆرسىتەلمەيتى،  كىسەل كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ  بارلىق داۋالىنىش چىقىمنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز ئۈستىمىزگە ئالاتتۇق. يېڭى تىپتىكى يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش يولغا قۇيۇلغاندىن  بۇيان، پارتىيىمىز ۋە ھۆكۈمەت ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، كەڭ دىھقان ئاممىسى ئۈچۈن ئەمىلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بىرىشنى تۈپ چىقىش نوختىسى قىلىپ، بىر جەھەتتە، بىز ھەر بىركىشى يىلىغا 16يۈەنلا تاپشۇرپ ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشساق، دۆلەتتىن 46 يۈۋەن، ئاپتۇنۇم رايۇندىن 44 يۈۋەن ۋە ناھيىدىن 10 يۈۋەن جەمئى 100 يۈۋەن مالىيە ياردىمىگە ئېشەلەيمىز. داۋالىنىش، بالنىستا يېتىش قاتارلىق راسخۇت جەھەتتە بىز پەقەت %40 نى ئۈستىمىزگە ئالمىز، داۋالىنىش راسخۇتىنىڭ كۆپ قىسىمىنى دۆلەت كۆپچىلىك ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدۇ. يەنە بىر جەھەتتە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىسەل كۆرسىتىشىگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ناھيىلىك پارتىكوم، ناھيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پائال تۈردە مەبلەغ قولغا كەلتۈرۈپ، يېقىنقى يىللادىن بۇيان، 4 مىلىيۇن يۈۋەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، مەخسۇس، يېزا-بازارلىق شىپاخانىنى ۋە كەنىت دەرىجىلىك  ساقلىقىنى ساقلاش ئۆيلىرىنىڭ تازلىق ئۆيىنىڭ داۋالاش شارائىتىنى ياخشىلاش، داۋالاش قۇشۇنىدىكىلەرنى تەربىيىلەشكە سەرەپ قىلىدى، بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىھقان ئاممىسىغا بولغان غەمخورلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھيە بۇيىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشقان دىھقانلار 148 مىڭ ئادەمگە، قاتنىشىش نىسپىتى %100 گە يىتىپ، نەپكە ئېرىشكەن ئادەم 120 مىڭ ئادەم قېتىمغا، نامارات ۋە پەۋقۇلاددە نامراتلارنىڭ نەپكە ئېرىشكەنلەر 24129 ئادەمگە يىتىپ، ھەقىقى تۈردە ئەمىلى ھەركەت ئارقىلىق دىھقانلارنىڭ كىسەل كۆرسىتىشى قىيىن بۇلۇش، داۋالىنىش چىقىمى قىممەت بۇلۇشتەك مەسىللىرى ھەل قىلىندى.
 
 
مائارىپتا «ئىككىنى كەچۈرۈپ قىلىش، بىردە تۇلۇقلىما بىرىش» سىياسىتى يولغا قۇيۇلۇپ، مىللى رايۇننىڭ مائارىپ ئىشلىرنىڭ تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلدى. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇشىغا كەلسەك، كۆپچىلىك ئوخشاشلا بۇرۇنقى ھالەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقساق بۇلىدۇ. بۇرۇن، پەرزەتلىرىمىز مەكتەپتە ئۇقىسا ئۇقۇش پۇلى، كىتاپ پۇلى تاپشۇراتتى، مەكتەپتە يىتىپ ئۇقىغان ئۇقۇغۇچىلار يەنە ياتاق ھەققى، تۇرمۇش ھەققى قاتارلىق ھەقلەرنى تاپشۇراتتى، بىر پەرزەت 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپنى تاماملاپ بولغىچە كەم دىگەندە 20 مىڭدىن 30 مىڭ يۈۋەنگىچە ھەق كىتەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزى كومتېتى، گۇۋۇيەن شىنجاڭدا «ئىككىنى كۈچەرۈم قىلىش، بىردە تۇلۇقلىما بىرىش» سىياسىتىنى يولغا قويدى، بالىلار مەكتەپتە ئۇقىسا بىر سىنىت ئۇقۇش پۇلى، كىتاپ پۇلى تاپشۇرماي، ياتاقتا يىتىپ ئۇقىغان ئۇقۇغۇچىلارغا يەنە تۇرمۇش راسقۇتى تۇلۇقلىمىسى تارقىتىپ بىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، بالىلارنىڭ ئۇقۇش شارائىتىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىلگىر-كىيىن بۇلۇپ يېڭىدىن 14 مەكتەپ سېلىندى، 18809.68 كۇۋادىرات مىتىر كۈلىمىدىكى مەكتەپ قۇرلىشى ئۆزگەرتىلدى ۋە كېڭەيتىلدى. ئۇيغۇر بالىلار ئۈسۈپ يىتىلگەندىن كىيىن ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت «قوش تىل» ئۇقۇتۇشنى ئۇمۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، نۆۋەتتە ناھيىمىزدا ئۇقۇشتىن بۇرۇنقى «قوش تىل» مائارىپىدا تەربىيىلىنىۋاتقان بالىلار 3841 نەپەر بۇلۇپ، ئۇقۇشتىن بۇرۇنقى ئازسانلىق مىللەت بالىلىرى ئۇمۇمى سانىنىڭ %98 نى ئىگەلەيدۇ. تۇلۇق ئوتتۇرغا ئۆرلەپ ئۇقۇيالمىغان، ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيالمىغانلارنى دۇرۇس كەسىپكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز ئۆزلۈكسىز ھالدا كەسپى مائارىپ خىزمىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ زورايتتۇق. نۆۋەتتە ناھيىمىزنىڭ ھەر قايسى يېزلىرىدىكى كەسپى مائارىپ سىنپىدا گىلەم تۇقۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى رىمۇنىت قىلىش قاتارلىق 13 خىل كەسىپ بار بۇلۇپ، پۈتۈن ناھىيە بۇيىچە 1441 نەپەر ئۇقۇغۇچى كەسپى مائارىپ بۇيىچە تەربىيىلىنىۋاتماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئازسانلىق مىللەت رايۇنىدىكى بالىلارغا غەمغورلۇق قىلىش ئۈچۈن، ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە ئىچكردە ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا سىنپى ۋە ئىچكىردىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەشكىل قىلىپ، ئازسانلىق مىللەت باللىرىمىزنى ئىچكىرىدىكى بالىلار بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئەۋزەل ئۇقۇش مۇھىيىتىدىن بەھرىمان قىلدى.
 
 
ئاممىۋى خاراكتىرلىك مەنىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى مول- رەڭگارەڭ بولماقتا. ئازاتلىقتىن كىيىن ناھيىمىزنىڭ رادىئو- تىلىۋىزىيە ئىشلىرى نۆل توچكىدىن باشلانغان بۇلۇپ، مەكىت ناھيىلىك رادىئو ئىستانسى 1962- يىلى قۇرۇلغان ئىدى، ئىسلاھات ئېچىۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن  بۇيان، رادىئو-تىلىۋىزىيە ئىشلىرى شىددەت بىلەن تەرەققى قىلدى. ناھيە مالىيە كىرىمىنىڭ يىلمۇ-يىل كۈپىيىشىگە ئەگىشىپ، رادىئو-تىلىۋىزىيە ئىشلىرىغا قارىتىلغان سېلىنمىمۇ يىلمۇ-يىل كۈپەيدى، بۇلۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆپ قىسىمدىكى دىھقانلار تىلىۋىزور سېتىۋالالماسلىق، تىلىۋىزۇر كۈرەلمەسلىك، بەزى رادىئو سىگنالىنى قۇبۇل قىلالمايدىغان رايۇندىكىلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالماسلىقتەك ھالەتكە قارىتا، دۆلەت «تىلىۋىزۇرنى تۈمەنلىگەن ئائىلىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ 7977 دانە رەڭلىك تىلىۋىزۇرنى دىھقانلارنىڭ قۇلىغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى؛ 9 يېزا 128 مەمۇرى كەنىتتە، 400 دانە چاستوتا ئارقىلىق تىزگىلىندىغان تارقىتىش ئاپراتى، 1284 دانە يۇقۇرى ئاۋازلىق كاناينى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى تامانلىنىپ، نۆۋەتتە، ناھيىمىزنىڭ 9 يېزا 128 مەمۇرى كەنىتىدىكى 400 دانە يۇقۇرى ئاۋازلىق كاناينىڭ ئاڭلىتىش نىسپىتى %98 تىن يۇقىرى  بۇلۇپ، رادىئۇ-تىلىۋىزىيەنىڭ قاپلاش دائىرسى %97 تىن يۇقۇرى بولدى. بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ناھيە مالىيەسى جىددى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، 30 مىڭ يۈۋەن مەبلەغ غەملەپ يېزلاردا بەش كىنۇ قۇيۇش ئەتىرىتىگە كىنۇ قۇيۇش ئەسلىھەلىرى ئېلىپ بىرىپ، پۈتۈن ناھيىدىكى 128 مەمۇرى كەنىتتە ھەقسىز كىنو-فىلىم قۇيۇپ بىرلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا، ئاممىۋى پاراۋانلىق خارەكتىردىكى مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئۇل مۇئەسسە قۇرۇلۇشىنى ئۆزلۈكسىز تىزلىتىپ، مەكىت دۇلان باغچىسى، سەنئەت ئۈمىكى ئىشخانا بىناسى، دۇلان مۇقامى ئۇيۇن كۆرسىتىش زالى، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان دۆلەت يەنە ئۈچ مىلىيۇن يۈەنگە يېقىن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجىرتىپ، قىسمەن يېزا- بازارلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتلىرنى يېڭىدىن قۇرۇپ بەردى. 2005- يىلى ناھىيلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «مەكىت ناھىيسىنىڭ ئەل نەغمىچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تۇلۇقلىما ياردەم بىرش چارىسى ۋە ئۆلچىمى»نى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ 12 نەپەر دۇلان ئەل نەغمىچىگە «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان قىلىپ، قالغان قىسمىنى تۇلۇقلاپ بىرش» چارىسىنى قوللىنىپ، تۇرمۇش تۇلۇقلىما ياردىمىدىن بەھرىمان قىلدى.
 
 
پىلانلىق تۇغۇت بۇيىچە مۇكاپاتلاش رىغبەتلەندۈرۈش، مۇكاپاتلاش ئارقىلىق يار- يۆلەكتە بۇلۇش سىياسىتى مىڭلىغان تۈمەنلىگەن ئائىلىنى نەپكە ئىرشتۈردى.
 
 
پىلانلىق تۇغۇت دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى قاتتىق تۇتۇش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئارقا- ئارقىدىن «ئاز تۇغۇپ تىز باي بولغان» لارنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق يار- يۆلەكتە بۇلۇش تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويدى بۇنىڭ مەخسىتى بولسا، دىھقان ئاممىسنىڭ پەرزەنتى كۆپۈيۈپ كىتىش سەۋەبىدىن يەنە نامىرات بۇلۇپ  قېلىش ئەھۋالىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت. 2007- يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر ناھىيمىزدە مۇكاپاتلاش ئارقىلىق يار- يۆلەكتە بۇلۇش ئوبىكتى جەمئى 1273 ئادەمگە يەتتى. يالغۇز پەرزەنتى ئۈلۈپ كەتكەن، مېيىپ بولغان ئائىللەردىكى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق يار- يۆلەكتە بۇلۇش ئوبىكتى 189 ئادەمگە يەتتى. «ئاز تۇغۇپ تىز بېيىش» بۇيىچە  تۈرغۇزغانلار  930 ئائىلىگە يىتىپ، تارقىتىپ بىرىلگەن سومما 2 مىلىيۇن 881 مىڭ 250 يۈەنگە يەتتى؛ «يالغۇز پەرزەنتلىك گۇۋاھنامىسى»نى ئالغانلار 800 ئائىلىگە «شەرەپ گۇۋاھنامىسى»نى ئالغانلار 1286 ئائىلىگە يەتتى. 2008- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ دۆلەت جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويغان  ئائىللەرگە ئالاھىدە مۇكاپاتلاش ئارقلىق يار- يۈلەكتە بۇلۇش سىياسىتىنى يولغا قۇيۇپ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستىكى كەڭ دىھقانلار ئارسىدىكى «ئىككى گۇۋاھنامە» ئالغان ئائىللەرگە ھەم گۇۋاھنامە تارقىتىپ بىرىپ، ھەم 3000 يۈەن مۇكاپات سوممىسنى نەخلەشتۈردى؛ 2- يىلىدىن باشلاپ گۇۋاھنامە ئالغانلارغا ھەر ئادەمگە ھەر يىلى 600 يۈەن ئۆلچەم بويىچە مۇكاپات سوممىسى تارقىتىپ بىرىلىپ، ئۆمىرنىڭ ئاخىرغىچە مۇكاپات بىرش سىياسىىتنى يولغا قويدى.
 
 
يېزا- ئىگىلكتە سۇ ئىشلىتىش ۋە دىھقانلارنىڭ ئىچىملىك سۈيى قىيىن بۇلۇش ھالىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى.
 
 
خەلق ئاممىسى «پاكىز سۇ» ئىچەلەيدىغان بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت يېزىلارنىڭ كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچىملىك سۈينى ياخشلاش جەھەتتە زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ، يېزىلارنىڭ ئادەم ۋە چارۋا ئىچىملىك سۈيىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشىغا سەرىپ قىلىپ، ناھىيمىزدىكى 9 يېزا 1 بازىرنىڭ ئىچىملىك سۇ ئىچىش  قىيىن بۇلۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىپ، كەڭ دىھقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۈرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. تۈرلىك يۇقۇملۇق كىسەل، يەرلىك كىسەللىكلەر ئازىيىپ، دىھقان ئاممىسنىڭ نامىراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارتىپ بىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا دىھقانلارنىڭ يېزا- ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرشقا سۇ ئىشلىتىش جىددى بۇلۇش مەسلىسىنى ھەل قىلش ئۈچۈن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلگىر كىيىن 15 مىلىيۇن يۈەن مەبلەغ سېلىپ يېزىلارنىڭ سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ھەل قىلىندى. ھازىرغا  قەدەر قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قۇدىقىدىن 414 قۇرۇلۇپ بۇلۇپ، مۇشۇ بىر يىلدىلا يېڭىدىن 200 قۇدۇق قېزىلىپ، يەر ئاستى سۇ مەنبەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
 
 
قاتناش ھالىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيمىز ئىلگىر كىيىن 122 مىلىيۇن مەبلەغ سېلىپ، 347 كىلومېتىرلىق يېزا تاش يۇلىنى ياخشىلدى. يېزا تاش يول تور رامكىسى ئاساسى جەھەتتىن شەكىللەندى. ھازىرغا  قەدەر شەھەر ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدىن 4تى، شەھەر يېزا قاتناش لىنىيەسىدىن 12سى  ئېچىلدى. نۆۋەتتە شەھەردىكى ئاممىۋى قاتناش ماشىنىسى 28گە، شەھەر يېزىلاردىكى تاكسى 180دىن كۆپرەككە،  ئاممىۋى ئاپتوبوس 83كە يىتىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشنى  زور دەرىجىدە قۇلايلاشتۇرۇپ، مەكىت ناھىسينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئاممىۋى قاتناش ماشىنىسى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بىرىلدى.
 
 
كونا شەھەر قىياپىتى تۈپتىن يېڭىلاندى. ئىسلاھات ئېچۋىتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان، مەكىت ناھىيسى شەھەر قۇرۇلۇشى تارىختىن بۇيان مەبلەغ ئەڭ كۆپ سېلىنغان، كۈلىمى ئەڭ زور بولغان، نەتىجىسى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان 30 يىل بولدى. 30 يىلدىن بۇيان، مەكىت ناھىيسى شەھەر قۇرۇلۇش ئومۇمىي گەۋدە يىرىك پىلانىغا  ئاساسەن، «مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق يىتەكلەش» ئىستىراتىگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قۇيۇپ، «شەھەرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش» قارشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلىك قۇرۇلۇشنى كۈڭۈل قۇيۇپ تەشكىللەپ، شەھەر قۇرۇلۇش ئۇمۇمى جېڭىنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قۇيدى. شەھەرنىڭ ئۈنۈمى كۈرۈنەرلىك كۈچىيىپ، شەھەرنىڭ ئورنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەر قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. شەھەر تەۋەلىگىدە «ئۇزۇنسىغا بەش يول، توغرسىغا ئۈچ يول، بىر ئايلانما يول»دىن ئىبارەت. قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، 102 مو كۈلەمىدىكى مەدەنىيەت مەيدانى، 7300 كۇۋادىرات مىتىرلىق پىيادىلەر كۇچىسى، 8000 مىڭ كۇۋادىرات مىتىرلىق ۋەن شىڭ سودا سارىيى ئاق يەردىن ئۈنگەندەك قەد كۈتۈردى؛ 42.68 كىلومىتىرلىق مىتىرلىق ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋودوپورۋوت تورى ئۆزگەرتىپ ياسالدى.  ساپ سۇ زاۋۇتى، بۇلغىما سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، بەش خىل چوڭ  پائالىيەت مەركىزى، مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پونكىتىدىن 2سى قۇرۇلۇپ، 20 كىلومىتىرلىق مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش غول تۇربىسى تورى ياخشىلىنىپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كۈلىمى 420 مىڭ كۇۋادىرات مىتىرغا يەتتى. بۈگۈنكى مەكىتتە يول كىڭەيدى. بىنا كۈپەيدى، چىراغ تېخىمۇ يۇرىدى، شەھەر يىشىللاشتى، شەھەر قىياپىتى كۈنسىرى يېڭىلىنىپ، كۈنسايىن گۈللىنىشتەك مەنزىرە شەكىللەندى؛ بەزىلەر بۇنى «گۈللىنىش» دىسە، بەزىلەر بۇنى «تەرەققىيات» دەيدۇ. بىز ياشاۋاتقان شەھەرنى كۈڭۈل قۇيۇپ كۈزىتىپ باقسىڭىز سىز شۇنى بايقايسىزىكى خۇددى ھەر كۈنى يېڭى خەۋەرلەر تارقىتىلىپ يۈرگەنگە  ئوخشاش بىزنىڭ شەھىرىمىزنىڭ  ھەممە جايلىرىدا ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىشلەر  بۇلىۋاتىدۇ.
 
 
يېزىلارنىڭ ئىلىكتىر تورىنى ياخشىلىنىشى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ. بۇرۇن يېزىلارنىڭ توك ھەققى 1 كىلۋاتى 1 يۈەندىن ئاشاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توك مۇقۇم ئەمەس ئىدى، توكقا ئىھتىياج بولغاندا توك يوق، توكقا ئىھتىياج بولمىغان ۋاقىتتا توك بار بۇلۇپ، خەلق يېزىلارنىڭ توكىنى ئوبرازلىق ھالدا «ھاجەتخانا توكى»دەپ ئاتىغان، بۇنداق دىگىنى ئاخشىمى ھاجەتخانىغا چىققان ۋاختىدا ئىشلىتىدىكەن، يامغۇر ياغقاندا، شامال چىققاندا، ئېتىزلاردىن ھۇسۇل يىغىدىغان  ئالدىراش ۋاختىدا،  توكقا ئىھتىياج بولغان ۋاقىتتا توك يوق. بۇ ئەھۋال خەلىقنىڭ بېشىنى قاتۇراتتى؛ تىلۋىزور تىياتىرلىرىنى ئاخىرغا چىقىرىپ كۈرەي دىسە كۈرەلمىگەن،  خەۋەر ئىتوت، سەنئەت پىراگىراممىنى كۈرەي دىسىمۇ كۈرەلمەيتى، يېزا ئىلىكتىر تورىنىڭ ياخشىلىنىشى خۇددى  ئىللىق باھار شامىلى يەرلەرنى ساپ  ئىللىتقاندەك، يېزىلارنى نەپكە ئىرشتۈردى. توكنى نۇرمال ئىشلىتەلەيدىغان بۇلۇپلا قالماستىن، توك ھەققىمۇ شىددەت بىلەن چۈشتى. بۇ دىھقانلارغا ئىسلاھات ئېچۋىتىش ئېلىپ كەلگەن ئەمىلى نەپنى ھىس قىلدۇردى.
 
 
 
 
 
   ماتىرىيالدىن  : ئەسقەرجان تەييارلىغان.
 
خەتكۈچ :تەرەققىيات
0
تەۋسىيە
0
ئالقىشلاش

مۇناسۋەتلىك ماقالە

[تەۋسىيە قىلىش] [ساقلىۋېلىش] [بېسىپ چىقىرىش] [كۆزنەكنى تاقاش] [ئۈستىگە قايتىش]

سۈرەتلىك ماقالىلەر

يېڭى ماقالىلەر