دولانلىق ئۇنۋىرسال مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
قولاي تىزىملىك
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 107 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 2

ئاياللار ۋە كومپىيۇتىر!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

Rank: 1

تىللا
21
جۇغلانما
30
تېما
3
يازما
4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 21:47:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپىقىم:
ئاياللار ۋە كومپىيۇتىر
لەيلى خانقىزنىڭ يول قويىشى ، تەمكىن ھەدىمىزنىڭ كۈشكۈرتىشى ،  پىداكارنىڭ پىداكارلىق بىلەن ھە-ھۇ دىيىشى ئاستىدا مۇنۇ تىمىنى يوللىدىم ، تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

ۋىرۇس تىپىدىكى قىزلار:  بۇنداق قىزلاردىن زادى ئاگاھ بولۇش كىرەك. بۇلار قىلتاقچى قىزلارغا ئوخشاتساق بولىدۇ، بۇلارنىڭ توزىقىغا دەسسەپلا سالسىڭىز قۇتۇلمىڭىز تەس،  پىيازدەك يالىڭاچلىنىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، قىلتاققا دەسسەپلا سالسىڭىز، سىز ئۇ قىزنىڭ تىزگىنگە چۈشۈپ قالسىز ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇياق سىزنىڭ جىنىڭىزنىمۇ تەلەپ قىلىشى مۇمكىن .

مۇلازىمەت بىكىتى تۈرىدىكى ئاياللار: ئارتۇقچىلىق ۋە ئىقتىدار يەتكۈچە تۇرۇپتۇ، لىكىن سىز ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىق بولغان چىغىڭىزدا ، سىز ئۇلارنىڭ ئاللبۇرۇن باشىقىلار تەرىپىدىن ئىگەللىۋىلنغىنى بايقايسىز،  

windows  تىپىدىكى ئاياللار: ئەتراپىڭىزدىكى ئەڭ كۆپ  ئۇچرايدىغان ئادەتتىكى ئاياللار تىپىدىندۇر ، ئەمىليەتتە سىزنىڭ  ئەتراپىڭىزدا يەنە نۇرغۇن باشقىلاردىن كۆپ جەھەتتە پەرىقلىنىدىغان گۈزەل ناتىۋانلار تۇرۇپتۇ، ھالبۇكى سىزنىڭ ئادەتتىكلىرىنى تاللىشىڭىزدىكى سەۋەپ: ئۇياقنى باشقۇرۇش بىر قەدەر ئوڭاي، كۆپ پۇل تەلەپ قىلمايدۇ.

powerpoinتىپىدىكى ئاياللار: بىر قەدەر مۇكەممەل ئاياللار تىپىدىن ، بۇنداقلارنى تىپىش بىر قەدەر قىيىن ، تاپسىڭىزلا  قەدرىنى يىتىپ ئىشلىتىڭ.

excel تىپىدىكى ئاياللار:  بۇنداقلاردىن خۇدايىم ساقىلسۇن، ئۇششاق ئىشلادىن تارتىپ زىغىرلاپ بىر ھىساپلاپ چۈشۈپ كەتسە، سىزنى فورمىلاغا سىلىپ ئادەم قىلىدۇ. ئىككى موچەنگە گازىر سىتۋالسىڭىز نەچچىنى بىردىغانلىقىنى، سىزنىڭ ئۆيگە نەچچىنى ئەكىرگىنىڭىزنى ھىساپلاپ تۇرۋالىدۇ.
  بۇلار بىلەن توي قىلماي شىركىتىڭىزنىڭ بوغالتىرى ياكى كاسسىرى قىلسىڭىز بولىدۇ، لىكىن ئىسڭىزدە بولسۇنكى: بۇلارنىڭ ھەرگىز ئۆي خىزمەتچىسى قىلماڭ.

word تىپىدىكى ئاياللار : ساددا ئاق كۆڭۈل، كۆڭلىدە ھىچقانداق يامانلىقنى ئويلىمايدىغان سادىق ئاياللاردۇر،  لىكىن چاتاق يىرى ، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىردىشىشىنى تولاراق ئىلىپ بارمىسىڭىز ئۇلارمۇ excel تىپدىكى ئاياللار بىلەن ئارلىشىپ قالسا ئازراق ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كىلىشڭىز مۇمكىن.

قاتتىق دىسكا تىپىدىكى ئاياللار : كۆڭلى-كۆكسى ئاجايىپ كەڭرى ۋە مىھرىباندۇر، ئۆز باللىرى ۋە ئۆگەي باللىرى (ۋىرۇسىنى دىمەكچى)بولسۇن ھەممىسىگە بىر كىشلىكتىن ئۇرۇن راسلاغلىق،لىكىن ئەرلىرى بىلەن ئانچە كارى يوق. ئۇلار بىلەن پەرۋايى پەلەك، تىپىك ئائىلە ئاياللىرى ھسابىدىندۇر.

مائۇس تىپىدىكى ئاياللار :  تىپىك داۋىخۇر ئاياللاردۇر، ئۇرۇپ دەسسەپ، نوقۇپ ئىشقا سالمىسا بولمايدۇ، قاچىنى يۇيۋەت دىسە بىرىپ قازاننى چاقىدىغان ئاياللار جۈمىلسىدىندۇر.

ئىلىخەت تىپىدىكى ئاياللار :  تىپىك يالغانچى ۋە سۇخەنچە ، گەپ توشۇغۇچى ئاياللاردۇر، سىزنىڭ شۇ گەپ-سۆزلەرگە ئىشىنىپ بىر قىسىم ئەخمىقانە ئىشىلارنى قىلىپ قويىشىڭىز مۇمكىن.  بۇنداقلارنىڭ سۆزىگە ھەلا دىيشكە بولىدۇ، ئىشىنشكە بولمايدۇ.

كۇنۇپكا تاختىسى تىپىدىكى ئاياللار :  تىپىك ياۋاش ، مەزلۇم دىگەن نامغا مەنسۇپ ئاياللاردۇر،  « بىرنى بىر دىسڭىز  ئىككى دىيىشكە پىتىنالمايدۇ، قىلغان سۆز-ھەركەتلىرى سىز دىگەن دائىرە ، سىزىپ قويغان دائىرىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

ئىچكى ساقلىغۇچ تىپىدىكى ئاياللار :بۇلارنىڭ كۆڭلى كۆكسى ئاجايىپ كەڭرى بولوپ ، سىرتتىن بىر پىروگىرامما كىرىسمۇ بولدى، ئۆزىگە ياخشى بولامدۇ ياكى بولامۇ قوبۇل قىلۋىرىدۇ.    بۇنىڭغا جەمىيەتتكى نۇرغۇن ئاياللار كىرىپ كىتىدۇ، بۇلارنىڭ مەدەنىيەت دەپ باشقا بىر نىمىلەرنى قوبۇل قىلۋىلىشى ،  ئىچىكى ساقلىغۇچنىڭ پىروگىرامما دەپ ۋىرۇس قوبۇل قىلغىنىغا ئوخشايدۇ.

پىرىنتىر تىپىدىكى ئاياللار : كىچچىكنە نەپ ئۈچۈن ئۆزىدىكى ھەممە سىرنى سىتىشتىن يانمايدۇ،  ئەگەر ئۇلارنىڭ ئالاقە دائىرىسى كەڭرەك بولسا ، توردىكى ئورتاق پىرىنتىرغا باراۋەر بولوپ قالىدۇ-دە، ھەممە كىشنىڭ سىرىنى خەققە تەڭ يايىدۇ.

ۋىرۇس تازلىغۇچ دىتالى تىپىدىكى ئاياللار: دوستىغا دىيىشپ ھە-ھۇ دىيىشىپ بەرمەكچى بولىدۇ-يۇ، لىكىن سەل قاملاشقان، قول-ئىلىكىدە بار ئىقتىدارلىق ئەرگە (ۋىرۇس تىپىدىكى) ئۇچراپ قالسا ، ئۇنى ئۆچۈرۈش ئۇياقتا ئۆزى شۇ ياققا ئەسىر بولوپ قالىدۇ-دە، ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسنىمۇ ئۇنتۇپ ، شۇ ياققا گول چامغۇر بولوپ يۈرىدۇ، ياخشى ئامال : پىسخىكا تەربىيىسى بىلەن ھىسىيات تەربىيىسىنى چىڭ تۇتۇش كىرەك (升级 قىلىش كىرەك)

كۆرستىش كارتى تىپىدىكى ئاياللار : شامالغا بىقىپ ئىش قىلىدىغان ئاياللار تىپىدىن، چىقارغان مەبلىغىڭىز قانچە يۇقىرى بولسا چىرايى شۇنچە ئىچلىپ، سىز  ئۈچۈن شۇنچە ياخشى ئىشلەيدۇ،  ئەگەر قۇربىتىڭىز يەتمىسە چىراي تۇتۇلۇپ سىزگە ئىللىق چىراي ئاچمايدۇ.


转换器  تىپىدىكى ئاياللار : روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن سىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، سىزنى ئىلگىركىگە ئوخشىماس  ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ. ياخشى بولامسىز ياكى يامان بولامىسز ھەممسى سىزگە تەسىر كۆرسىتۋاتقان ئايالغا باغلىق.

   ئوپتىت دىسكا光盘 تىپىدىكى ئاياللار :
  كۆرۈنمىسى شۇنداق پارقىراق رەڭدار ، ئەپ يۈرۈشكە ئەپلىك ، بىراق سىغىمى چەكلىك ، ئۆمرى قىسقا يۈزىگە ئازراقلا سىزىلىپ كەتسە قوزغاتقۇچ قوزغىيالماي ئەخلەت چېلىكىگە يۈكبولغىنى بولغان .
           
               يۇمشاق دىسكا 软盘 تىپىدىكى ئاياللار :
ئىنتايىن نازۇك ، چۇقۇم  ئەرلەرنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ياشايدۇ . ئەرلەردىن ئايرىلدىمۇ كىچىككىنە ھەل يالىتىلغان يالتىراق قەغەز !
           
               قاتتىق دىسكا 硬盘تىپىدىكى ئاياللار :
  ئۇنى دەسلەپ كۆرگەندە دەماللىق چۈشىنەلمەيسىز،بىراق ئۇ ئۆيدىن تالاغا چىقماي تۇرۇپمۇ ھەرقانداق ئەر كىشىنى قۇرۇق سەنەمگە سالالايدۇ.
   
          چاقماق دىسكا (بارماق دىسكا ) تىپىدىكى ئاياللار :
كۆپىنچە شاللاق كېلىدۇ ، پۈتۈنلەي باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى خۇسۇسى  پاراڭلارنى تۇشۇپ يۈرىدۇ . كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلەيدۇ .
         
           ئىچكى ساقلىغۇچ 内存 تىپىدىكى ئاياللار :
كىم نەگىلا بۇيرىسا خوش-خوش دەپ مېڭىۋېرىدۇ ،قۇلىقى يۇمشاقتەك كۆرنىدۇ ، بىراق خوجايىن ئۆيدە بولمىدىمۇ باشقا ئەرلەرنىڭ كەينىدىن كېتىۋېرىدۇ.
         
         مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ   CPU  تىپىدىكى ئاياللار :
ئائىلىدىكى ئايال خوجايىنلار بۇلۇپ  ئەرلىرى ئۇنىڭسىز بىر قىلنى تەۋرىتەلمەيدۇ .
         
         RealPlayer تىپىدىكى ئاياللار :
كىشىلىك مۇناسىۋەتكە شۇنچىلىك ئۇستا ، ھەرقانداق  مىجەزدىكى ئەر كىشىگە ئۇچرىسا چاتاقسىز بىمالال ئىندەككە كەلتۈرەلەيدۇ .
         
          دەرىجىدىن تاشقىرى يەشكۈچ 超级解霸 تىپىدىكى ئاياللار :
دەرىجىدىن تاشقىرى ۋات-ۋات كېلىدۇ . كىمنىلا كۆرسە سۆزلەپلا تۇرىدۇ ، چۈشىنەلمەي قالمىسۇن دەپ
ھەتتا باشقىلىلارنىڭ ئورتاق تىلىغا ھەتتا ھەرخىل شىۋىگە ئايلاندۇرۇپ سۆزلەيدۇ .
     
          QQ تىپىدىكى ئاياللار :
ئالاقە دائىرىسى ئەڭ كەڭرى  ، خېرىدارى كۆپ .  ئادەمنى ئۆزىگە تارتىش كۈچى شۇنچىلىك كۈچلۈك
دىققەت قىلماي كىرىشىپ كەتسىڭىز يۇلتۇزغا دەمدۇ ئايغا دەمدۇ قۇياش دەمدۇ دەرىجىسىنى
كۆتىرىمەن كىچە كۈندۈز ئارقىسىدىن پالاقلايسىز .
     
    .   


سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچى تىپىدىكى ئاياللار : بۇلار تاشقى دۇنياسى ئىنتايىن گۈزەل بولغان، لىكىن ئىچىكى دۇنياسى مۇرەككەپ بولغان ئاياللاردۇ، بۇلارنى چۈشەنمەك بەكلا قىيىن، ئۆزىنى ھەرخىل ياساپ، سىزنى ھەرئوي، ھەر كويلارغا باشلايدۇ.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
762
جۇغلانما
1391
تېما
228
يازما
347

شەرەپ ئوردېنى ئاۋانگارت ئوردېنى ئالاھىدە تۆھپە ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 22:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    زادى مۇشۇ ئېلىكتىر ئۈسكۈنىسى تېپىدىكى ئاياللاردىن باشقىسى بۇلامدۇ نېمە ....

Rank: 4

تىللا
385
جۇغلانما
509
تېما
51
يازما
106
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 00:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي -ۋۇي!!!  ئەمسە كومپىيۇتېرنىڭ ئۈستىلى تىپىدىكى، توك مەنبەسى تىپىدىكى.... لەر بىر ئاز بولىدىغان ئوخشىمامدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

Archiver|DoLanlik Munbiri ( 新ICP备06002542号 )

GMT+8, 2012-2-23 02:41 , Processed in 0.155170 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش