دولانلىق ئۇنۋىرسال مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
قولاي تىزىملىك
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 107 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 2

گۈرەن بەز ياللۇغى(流行性腮腺炎) [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

Rank: 4

تىللا
385
جۇغلانما
509
تېما
51
يازما
106
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 23:57:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپىقىم:
بۇ كېسەل گۈرەن بەز ياللۇغى ۋىرۇسىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆتكۈر نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ،ئاساسلىقى بالىلار ۋە ياشلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.
كېسەل مەنبەسى:گۈرەن بەز ياللۇغى ۋىرۇسى بولۇپ،بۇ ۋىرۇس ئولتىرا بىنەپشە نۇرغا سەزگۈر ،تىمپۇراتۇرا 55~60 سېلسىيە گىرادۇستا ئۆلىدۇ.
ئېپدوملوگيەسى:يۇقۇملىنىش مەنبىيى:گۈرەن بەز ياللۇغى بىمارى ۋە يۇشۇرۇن يۇقۇملانغۇچى كېسەل مەنبەسى بولىدۇ.قوزغىلىشتىن 3 كۈن بۇرۇندىن باشلاپ قوزغۇلۇپ 4- كۈنىگىچە يۇقۇشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك.   
تارقىلىش يولى:ھاۋادىن ئېغىز بوشلىقى شىللىق پەردىلىرىگە،بۇرۇن شىللىق پەردىلىرىگە كىرىش ئارقىلىق يۇقىدۇ.  
سەزگۈر كىشىلەر:ھەرقانداق ئادەم ئومۇمىيۈلۈك سەزگۈر(ئاسان يۇقۇملىنىدۇ).   
تارقىلىش ئالاھىدىلىكى:ھەر يەر ھەر پەسلىدە يۈز بېردىغان بولۇپ،قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ.5~10 ياشتىكىلەردە كۆپ كۈرىلىدۇ.يەسلى،مەكتەپلەردە كىچىك دائىرىدە تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

كېلىنكىلىق ئىپادىسى:   
يۇشۇرۇن مەزگىلى 14--21 كۈن بولىدۇ.يىنىك قىزىيدۇ بېشى ئاغرىيدۇ،1--2 كۈندىن كىيىن گۈرەن بەز ئىششىشقا باشلايدۇ،كۆپىنچە ئاۋال بىر تەرەپ ئىششىيدۇ،2--4 كۈندىن كىيىن يەنە بىر تەرپىمۇ ئىششىيدۇ.قۇلاق يۇمشىقىنى مەركەز قىلىپ ئىششىيدۇ،ئۈستى قىزارمايدۇ،ئىششۇقنىڭ ئەتىراپى چىگرىسى ئېنىق ئەمەس،باسسا ئىلاستىكىلىققا ئىگە،ئاغرىيدۇ،تاماق چايناش ۋە ئاچچىق-چۈچۈك يىمەكلىكلەر شۇ يەرلىك ئورۇننىڭ ئاغرىقىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.ئېغىرلىرىنىڭ تىل ئاستى بېزى،جاۋغاي ئاستى بېزىمۇ ئاغرىيدۇ.ئەگەر ئەگەشمە كېسەللىكى بولمىسا بىر ھەپتە ئەتىراپىدا ساقىيىپ كىتىدۇ.   
ئەگەشمە كىسەللىكلىرى:

1.مېڭە پەردە ياللۇغى.%15 بىماردا مېڭە پەردە ياللۇغى ئەگىشىپ كېلىدۇ.گۈرەن بەز ياللۇغى قوزغۇلۇپ،4--5 كۈن ئىچىدە بىمارنىڭ بېشى ئاغرىش،ئۇيقۇسى كىلىش،مېڭە پەردىسى غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.ئەگەر مېڭە پەردە ياللۇغى ئەگىشىپ كەلسە يقىرى قىزىتما،جۆيلۈش،تىتىرەش ھەتتا ھوشىدىن كىتىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.  
2.«تاش بۆرەك» ياللۇغى،ياشلىق مەزگىلدىكى ئوغۇل بىمارلاردا كۆرىلىدۇ.گۈرەن بەز ئىششىقى يېنىشتىن باشلاپ،«تاش بۆرەك» روشەن ئىششىش،ئاغرىش بولىدۇ،«قوشۇۇمچە تاش بۆرەك» ياللۇغلىنىش،«تاش بۆرەك» خالتىسى سولۇق ئىششىقى كۆرىلىدۇ.كۆپىنچە بىر تەرەپتە كۆرىلىدۇ،ئۈچتىن بىر قىسىم بىماردا ھەر ئىككىلى تەرەپتە كۆرىلىدۇ.10 كۈن ئىچىدە ياخشىلىنىدۇ،ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملىرىدا تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  
3.تۇخۇمدان ياللۇغى،%5 ياش قورامىغا يەتكەن ئاياللاردا كۆرىلىدۇ،ئوڭ تەرەپ تۇخۇمدان ياللۇغى ئالامەتلىرى سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى ئالامەتلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ،ئادەتتە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.     
4.ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى.%10 دىن تۆۋەن بىماردا ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى كۆرىلىدۇ،گۈرەن بەز ئىششىپ نەچچە كۈن ئىچىدىلا، بىماردا كۆڭلى ئېلىشىش،ياندۇرۇش، يۇقۇرقى قوساق قىسمى ئاغرىش، باسقاندا ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.

ئالاھىدە ئىپادىللىرى(دىئاگنۇزدىكى مۇھىم نۇقتىلار):   
1.قۇلاق يۇمشىقىنى مەركەز قىلىپ گۈرەن بەز ئىشىش ھەمدە ئاغرىش.

2.ئاچچىق-چۈچۈك يىمەكلىكنى يىگەندە ئاغرىق ئېغىرلاش.   
3.قان تەكشۈرگەندە كىراخمال ئېنزىمى يۇقىرلاش.   
داۋالاش:  (قىسقارتىلدى)   
1.ئادەتتىكىچە بىر تەرەپ قىلىش.  
2.ئەگەشمە كىسەللىكلىرىگە قارىتا داۋالاش.   
3.دورا ئىشلىتىش.   
ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتۇرۇل قىلىش:

1.بىمارنى ۋاقتىدا بايقاش،باشقۇرۇش،3 ھەپتە ئايرىپ داۋالاش.  
2.بىمار بىلەن ئۇچىراشقاندا ماسكا تاقىۋېلىش.

3.ئاسان يۇقۇملىنىدىغان سەزگۈر كىشىلەر توپىنى قوغداش،قىزىل-يەلتاشما-گۈرەن بەز ياللۇغى ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىسىنى ياكى گۈرەن بەز ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
762
جۇغلانما
1391
تېما
228
يازما
347

شەرەپ ئوردېنى ئاۋانگارت ئوردېنى ئالاھىدە تۆھپە ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 00:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئاڭلىسام ئۇغۇل بالىلار بۇ كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ قالسا سەل خەتەرلىكمىش، سەل قاراشقا بولمىغۇدەك كىسەلكەن بۇ .

Rank: 6Rank: 6

تىللا
264
جۇغلانما
336
تېما
10
يازما
69
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 15:07:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
       نېمىدىگەن خەتەرلىك كېسەل بۇ     بىزنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

Archiver|DoLanlik Munbiri ( 新ICP备06002542号 )

GMT+8, 2012-2-23 02:48 , Processed in 0.188853 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش