دولانلىق ئۇنۋىرسال مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
قولاي تىزىملىك
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 107 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 88|ئىنكاس: 1

ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ سىلشتۇرمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

Rank: 1

تىللا
19
جۇغلانما
22
تېما
1
يازما
3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 04:42:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاپىقىم:
* ئادەملەر قايغۇرسا، يىغلاپ-قاقشاپ جاھاننى بېشىغا كىيىدۇ.ھايۋانلار قايغۇرسا، ئۈن-تىنسىز ياش تۆكىدۇ .
* ئادەملەر ياخشى كۈنلەردە بىرگە ئۆتۈپ، ئېغىر كۈنلەردە بىرـــ
بىرىنى تاشلاپ كېتەلەيدۇ. ھەتتاكى شۆھرەت، پۇل-مال،ھوقۇق ــ مەرتىۋىنى دەپ بىر-بىرىنى ساتىدۇ .
ھايۋانلار ھايات-ماماتتا باققان ئىگىسى بىلەن بىللە بولىدۇ،
ھەتتا جېنىنى قۇربان قىلىپ ئىگىسىنى قۇتقۇزىدۇ .
* ئادەملەر خەتەرگە يولۇقسا« قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ جان-جەھلى بىلەن ۋارقىرايدۇ .
ھايۋانلار خەتەرگە يولۇقسا ، ئادەملەردەك ياردەم تەمـە قىلماي،
ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا تىركىشىدۇ .
* ئادەملەر تۇغۇلۇپ ئىككى يىلدا ئاران ماڭغۇدەك بولىدۇ، ھايۋانـ
ــلار تۇغۇلۇپ ئىككى سائەتكە قالمايلا ماڭىدۇ .
* ئادەملەر ئۆزىنى مۇكەممەل چاغلاپ، ئاچچىقلانغاندا بىر-بىرىنى «ھايۋان» دەپ تىللايدۇ . ئەمما ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە تاشپاقـــىغا، ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە چۈمۈلىگە، كۆرۈش قۇۋۋىتىدە قارچىـــغىغا، پۇراق سېزىشتە ئىت-مۇشۈككە يەتمەيدۇ .
* ئادەملەر ھاراق، تاماكا،خروئېن دېگەندەك نەرسىلەرنى پۇلغا
سېتىۋېلىپ ئۆزىنى زەھەرلەيدۇ .
ھايۋانلارنى زىيانلىق نەرسىلەرگە زورلىسىمۇ، يېقىن كەلمەيدۇ .
* ئادەملەر بىر-بىرىنى ئالداپلا قالماستىن، بەزىدە ھەتتا ئۆز ــــ
ئۆزىنىمۇ ئالدايدۇ .
ھايۋانلار «ئالداش» دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ئادەملەردەك بىلـ-
ــــمەيـــــــدۇ .
* ئادەملەر ئۇرۇشۇپ قالسا ئاداۋەت ساقلاپ، بىر-بىرىگە ھامان
يوشۇرۇن ئورا كولايدۇ .
ھايۋانلار تۇتۇشۇپ قالسا ، بىرسى يېڭىلگەندىن كېيىن بولدى
قىلىدۇ، كېيىن ئۆچ ئېلىش كويىدا بولمايدۇ .
* ئادەملەر ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجغا قاراپ ھەر خىل ئۆزگىرىدۇ. مەنپەئەت ئۈچۈن ھەتتا ئۆز تەبئىيىتىگە ساتقىنلىق قىلىدۇ.
ھايۋانلار ھايات-ماماتلىق پەيتتىمۇ ئۆز تەبئىيىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
* ئادەملەر بىر ئۆيگە كىرسە، تۆر تالىـــــــــــشىــدۇ .
ھايۋانلار بىر ئېغىلغا كىرسە يـــەم تالــــــــــىـــشـــــــــــدۇ .
* ئادەملەر ئوت-چۆپ، ھايۋانات، ئۇچارقانات.... ھەممىنى
يېگەندىن باشقا ، ھەتتا بىر-بىرىنىمۇ يەيدۇ .
ھايۋانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئوت-چۆپ يەيدۇ ، گۆشخور ھايۋانـ-
ــلارمۇ باشقا تۈردىكى ھايۋانلارنى يېسە يەيدۇكى، ئالدىراپ
ئۆز نەسلىنى يېمەيدۇ .
l ھايۋانلارنىڭ جۈپلىشىشى ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈن بولىدۇ، شۇڭـــلاشقا تەبئىي قانۇنىيەتلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ«شەيتان»نىڭ كەينىگە كىرمەيدۇ. شۇڭا ئۇلاردا ھېچقانداق جىنسىي كېــــــسەللىك مەۋجۇت ئەمەس .
ئادەملەرنىڭ جۈپلىشىشىنىڭ بىر نەچچە پىرسەنتى ئــــەۋلاد
قالدۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ، 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى «شەيتان
» نىڭ كەيىنگە كىرىشتىن بولىدۇ. شۇڭا ئەيدىزگە ئوخشاش
ئەجەللىك كېسەللىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ .
(«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىل 5-سانىدىن)

Rank: 6Rank: 6

تىللا
219
جۇغلانما
296
تېما
11
يازما
77
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-29 14:08:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرھەق !!!!!!!!  ناھايىتى  ياخشى تېمىنى  يوللاپسىز !
ئابرۇيىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدىغان يىتەرسىزلىكلەردىن ساقلىنايلى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

Archiver|DoLanlik Munbiri ( 新ICP备06002542号 )

GMT+8, 2012-2-23 02:43 , Processed in 0.146100 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش